ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 249 |
تۆھپىسى: سەر |
|
شانلىق 10 يىل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار قانداراق ئەھۋالىڭلار ؟ تنچ سالامەت تۇرۋاتامسىلەر؟ ئۇشبۇ تىمىنى ئادەتتىكىچە تەسەۋۋۇرۇمغا تايىنىپ يازماقتىمەن، خانجاي كوماندىسىنىڭ 10 يىلدىن كىيىنكى ئەھۋالىغا نەزەر تاشلاپ باقايلى ......
شۇندا قىلىپ بىلىپ بىلمەي 10 يىل مۇشتالام ئۆتەپ كىتپتۇ ، كوماندىمىز كونا ئەزالار ئاساس قىلغان ئاساستا نۇرغۇن ئەزالارنى تاللاپ شاللاپ دىگەندەك ئالاھەزەل مۇشۇ كۈنگە قەدەم قويۇپتۇق....
كونا قائىدىمىز بويىنچە مەيدانغا يىغىلدۇق ، ئەزالار ۋاقتىدا تولۇق چىقىۋاتاتتى ، ھەممەيلەن بېر قۇر سالاملىشىپ بولغاندىم كىيىن مەيدانغا قاتار بولۇشقا باشلىدى ، كونا رەڭ ئەزالىرىمىزدىن ئەلخان ، باھادىر ،ئابدۇلرەشىدجان، خانزاد ۋە بىر قانچە كەلگۈسى ئەزالىرىمىزنىڭ ئوغۇللىېرى بىرلىكتە مەيدانغا ھازىر بولغان ئىدى، چۈنكى ئۇلارمۇ بىز بىلەن بىرلىكتە توپ ئوينىغىدەك خىلى چوڭ بولاپ قالغان ئىدى!شۇندا قىلىپ ھەممەيلەن ئارلىشىپ توپ باشلاپ كەتتۇق . چوڭ كىچىك ئەلخان،باھادىرلارنىڭ تىخنىكىسىمۇ خىلى ياخشىتى، ۋە بەزىدە چوڭ ئەلخان باھادىرلار توپ كەتكۈزۈپ قويسا بالاڭدەكمۇ ئوينىمايدىكەنسەۋە دەپ زاڭلىق قىلشىپ قوياتتۇق! گەرچە كونا ئەزالار ئازراق قىرىلىق يەتكەندەك قىلسىمۇ يەنىلا ئاشۇ يۈرىكىدىكى پۇتبۇلغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق كۈندىن كۈنگە ئىشىپ بىرىۋاتاتتى ، مىنىڭ ئۇ چاغدىكى ھالىتىم تىخىمۇ تەرەققىي قىلغان ،ھەم بۆلەك ئەزالارغا قارىغاندا ياش ھەم ئىستىداتلىق بولۇپ ھىچقاچان توپ ئۇرۇش ماشىنىسىلىق ئورنۇمنى ھىچكىمگە تارتقۇزۇپ قويمىغان ئىدىم..[表情][表情][表情]
ئەمدە 10 يىلدىكى تەرەققىياتلار بىلەن تونۇشۇپ چىقساق ، 10 يىلدا كوماندىمىز ھەر قايسى ساھە كەسىپلەر ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرىشتى، يىقىندا پۈتكەن خانجاي پۇتبۇل مەيدانى ھەممە كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتىۋاتاتتى، ھەممىدىن ياخشى بولغان يىرى ئۆزىمىزنىڭ مەيدانى بولغىنى بۆلەك مەيدانلارنى زاكاس قىلىپ مەيدان بوممىسا بىكا ئاۋارە بولاپ تالادا يۈرىدىغان ئىشلارغا خاتىمە بەردۇق ، ۋە كۆپ قسىم ياش ئۆسمۈرلەر ۋە كونا ئەزالىرىمىزنىڭ چەبدەس ئوغۇللىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ۋە ئىزىمىزنى ئىز بويلاپ بىسىپ كىلىۋاتقان نەۋقىران ئەزىمەتلارنىڭ تىخىمۇ تەرەققىي قىلىشى قىسقىى مىللىتىمىزنىڭ ،ۋەتىنىمىزنىڭ پۇتبۇل ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن خانجاي B كوماندىسىنى قۇرۇپ چىقىشقا زور دەرىجىدە تەرەددۇتلىنىۋاتاتتۇق ۋە تىزدىن تۇتۇش قىلىشقا چۈشتۈق ، پۇتبۇلنى ھەقىقى چۈشەنگەن خەلقىمىز ئوغۇللىرىنى يىتىلەپ بەس بەستە تىزىملىتىشقا كىرشىپ كەتتى ، كوماندىمىزنىڭ كاندىدات ئەزاسى ئابلەتجانمۇ ئوغلىنى يازلىق تەتىلدە قەشقەرگە ئەۋەتىپ بىر تەتىل بىزنىڭ يىتەكلىشىمىزنى تاپىلىغان ئىدى بىزمۇ جان دەپ تەربىيلەشكە ۋەدە بەردۇق، شۇندا قىلىپ بارا- بارا ياش ئۆسمۈرلەرنى تەېبىيلەيدىغان بازا قىلىشقا ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى!
تاما تاما كۆل بولا دىگەندەك Bكوماندىمىزمۇ
خىلى تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى ، كونا ئەزالىرىمىزنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ئىسىق سوغاقلار ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۆز- ئارا مۇنازىرلىشىش يەكۈنلەش ئارقىلىق ئەلخان كاپىتاننىڭ 20 نەچچە يىللىق تەجرىبىسى ۋە بارلىق ئەزالارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى ئۈگىنىش ، مەندىن تارتىپ ھەر بىر ئەزانىڭ سەلبىي توپ ئويناش تەرەپلىرىنى تەنقىدلەش ئۈچۈن 10 يىللىق مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتۇق! كوماندىمىزنىڭ بارلىق نازىر دەرجىلىك ، ھەيئەت ئەزالىرىمىز يىغىنغا ھازىر بولدى ! كاپىتاننىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ھەممەيلەن بىردەك قارا شىم -كەستۇن كىيىپ ،چىچىمىزنى پارقىرىتىپ تاراپ ،ساقال -پاقالنى كوسۇدەك ئىلىپ ، ھەممەيلەن جويۇتنىڭ پىشانىسىدەك پارقىراپ يىغىنغا قاتناشماق بولۇپ بىردىن ئورۇن ئىلىپ ئاز - تولا ئاخشام كۆرگەن مۇسابىقە توغرىسىدا مۇنازىرلەشتۇق ، يەنە شۇ رونالدو بىلەن مىسسىنىڭ پۇتبۇل ساھەسىدىن چىكىنگەنلىكىگە كۆڭلىمىز يىرىم بولۇپ ، مۇنبەردىكى بىر قىسىم ئادەم مەستانىلىرىنڭ ياش ۋاقتىدا رونالدو مىسسىنى تىللاپ ھاقارەتلەپ يازغان ئىنكاسلىرىغا پۇشايما قىلسىمۇ قاچا تاپالمايۋاتقانلقى ۋە يىقىنقى 10 نەچچە يىلدا مۇشۇلاردەك تەڭ دەۋىردە بىر-بىرسىگە بوي بەرمىگۈدەك مۇكەممەل دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان پۇتبۇلچىلار چىقامۇ چىقماسمۇ دەپ كۆڭلىمىز يىرىم ھالەتتە مۇنازىرلىشىۋاتاتتۇق ، پەرۋەرنىڭ :جىم كاپىتان سۆز قىلىدۇ دىگەن ئاۋازى بىلەن ھەممەيلەن سۆزىمىزنى توختۇتۇپ ، كاپىتاننىڭ كۆزىنىڭ بالىخانىسىغا قاراپ ئولتۇرۇشتۇق، ئەلخان ھەممەيلەنگە نۇرلۇق كۆزى بىلەن بىر قۇر قارىۋىتىپ سۆز باشلىدى!ئەلخان :« ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەبداشلار ،ھەش پەش دىگۈچە 10 يىلمۇ ئۆتەپ كىتىپتۇ ، كوماندىمىزمۇ زور دەرجىدە تەرەققىي قىلدى ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلغار ئەزالارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزىمىز» دىيىشىگە ھەممەيلەن غوڭۇلدىشىپ ۋاي ماڭا نىمە مۇكاپات بىرە دەپ بىر -بىرسىمىزنىڭ كۆزىگە كۈلۈپ قاراشتۇق دەل مۇشۇ پەيىتتە ئەلخان يەنە ئۈنلۈك ھالدا سۆزىنى داۋام ئەتتى،«ئالدىراپ خوش بولاشمىسا ئەڭ ئالدى بىلەن ھەممەيلەندىكى سەلبىي توپ ئويناش ئۇسلۇبلىرىنى ۋە داۋاملىق كەتكۈزۈپ قويىدىغان تەرەپلىرىنى مۇلاھىزە قىلىمىش دىدىدە »ھەممەيلەننىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ سولىشاپ داۋاملىق گەپنى تىڭشاشقا باشلىدۇق« 1- سى ئۆزەم دەپتى ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشتۇق ، ئەلخان ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتتىدە سۆزىنى داۋام ئىتىپ ، مىنىڭ كەمچىلىكىم بولسا مەن ئەسلى ھۇجۇمچىتىم ، كوماندىمىزنىڭ ۋارتا كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك مۇسابىقىلەردە ۋارتادا تۇرۇۋاتىمەن، لىكىن مەشق جەريانىدا پەقەت مۇداپىئە يوق تولا جەڭگە چىقىۋىلىپ مۇداپىئەگە يانمايمەن، يانساممۇ تولا سەبداشلىرىمنىڭ ئارقىسىدىن ئىشتىپ قويىمەن ۋە پۇت سەپ قويىمەن،ئاساسلىق كەمچىلىكىم مۇشۇ !اھايىتى ئاكتىپ پوزىتىسىيە تۇتىدۇ ، لىكىن مۇداپىئىدە سەل قاتتىقراق تۇرۇپ قويىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئاز تولا سۈركىلىشلەر پەيدا بولىدۇ ، ئەمما ئاساسى جەھەتتىن ياخشى.
3- خانزاد، كوماندىمىزدا خانزادتەك تۆمۈربىكىمىز بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز، لىكىن ئانچە -مۇنچە ھۇجۇمغا چىقىپ قوياپ ۋارتار مۇداپىئەسىز قىلىپ توپ كەتكۈزۈپ قويمىز ،مۇشۇنى تۈزىتىش كىرەك!
4-باھادىر ، بۇ سەبدىشىمىز كاللا توپقا بەك يامان ، بەزىدە ھۇجۇمغا چىقسا يانمايدۇ ،بەزى پاسنى ئازراق بىرىپ قالىدىغان يىرى بار.
5- فەيرۇز،بۇ بالىنى نىمە دىسەم بولا ئەمدە ئارىمىزدىغۇ ھەممىدىن جىق توپ ئۇرىدۇ، لىكىنزە مۇداپىئەگە بەك بوش ، تولا ئادەم گوللاپ خاپا قىلىدۇ ، مۇشۇ كەمچىلىكىنى چوقۇم تۈزىتىش كىرەك!
6- سەردار ، بۇ ئەدەشمۇ يىقىننىڭزى ئىلگىرلەش ناھايىتى زور ، شۇ توپنى تىپىمە دەپ ئالدىغا كىم كەلسە ئوڭ تەتۈر نىمىس تانكىسىدەك تۈتۈپ ماڭىدىغان ئىشى قاچان تۈگە !
7- 8- 9- 10- .....ۋەھاكازالار »
شۇندا قىلىپ كاپىتان ھەممەيلەننىڭ تۈزىتىشكە تىگىشلىك تەرەپىلىرىمىزنى بىر -بىرلەپ كۆرسىتىپ بەردى ، سەبداشلىرىمىزنىڭ كەمچىلىكىنى دىگەندە ھەممەيلەن كۈلدۇق ئۆزىمىزنىڭكىنى دىگەندە يەرگە قاراپ ئولتادۇق شۇندا قىلىپ تەنقىد يىغىنى ئاخىرلاشتى . ئەلخان يەنە سۆزلەپ:«
ئەمدە ئىلغار ئەزالارنى مۇكاپاتلايمىز،ئلغار قاپقىچى ئەلخان،ئىلغار بىك خانزاد،ئلغار ئوتتۇر مەيدان داستان ،باھادىر، ئلغار ھۇجۇمچى فەيرۇز ، پەرۋەر ....
شۇندا قىلىپ ھەممەيلەنگە بىردىن شىۋىتسارىيەنىڭ داڭلىق سائىتى ۋە داتلاشماس پولاتتىن ئىشلەنگەن كۈمۈش يالىتىلغان ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالسىمۇ ھىشنىمە بولمايدىغان بىباھا مىدالدىن بىردىن بوينىمىزغا ئىسىپ قويدى[表情][表情][表情]
شۇنىڭ بىلەن يىغىن غەلبىلىك تاماملاندى ەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تۈزۈتۈش توغرۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە خاتىرىسى يىزىشىم كىرەكلىكى توغرىسىدا كاپىتان ئالاھىدە ئۇقتۇرش قىلدى،ھەممەيلەن ئۆيگە قايتىشتۇق!
خاتىمە : مەزكۇر تىما پەقەت ئۆز كوماندىمىزنى داڭلاش ۋە سەبداشلارنىڭ ئەيىبىنى ئىچىش ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى بىر ئوتيۈرەك پۇتبۇلچىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئازراق مۇلاھىزىسى خالاس ،ئۆزىمىزدە بار بولغان كەمچىلىكنى ئۆزىمىز تونۇشىمىز ئىتىراپ قىلىشىمىز كىرەك،ئەڭ مۇھىمى ھەممىىز كەلگۈسى ئەلادلىرىمىزنىڭ پۇتبۇل ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشىشىمىز،باش قاتۇرشىمىز ،قولىمىزدىن كىلىغان ياردىمىمىز بولسا ئايىماسلىقىمىز ،كىيىنى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى ئاسىيا ياۋروپادا كۆزگە كۆرۈنگىدەك ،دۇنيا مىقياسىدا غۇلغۇل قوزغىيالىغۇدەك پۇتبۇلچى ئەزمەتلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا يىقىندىن ياردەمدە بولىشىمىز باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز دەپ ئويلايمەن! |
-
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|