akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1402|ئىنكاس: 42

ئەنچىلوتى ئىشتىن چۈشۈش كىرزىسىنىڭ تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىروي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 20:06  

‹‹بۇ خان مادىرد مەشقاۋۇللۇق ھاياتىمدىكى ئەڭ پاسسىپ مۇسابىقە بولدى،بۇ بىر ئادەتتىكى قىيىنچىلىق››.بۇ ئەنچىلوتىنىڭ مادىرد دېربىسىدىن كىيىنكى قىلغان سۆزى
خانلىق مادىرد كاردىلون مۇسابىقە مەيدانىدا 4:0 ئۇتتۇردى، بۇ قېتىملىق نەتىجە مادىرت تارىخىدىكى نۇمۇسلۇق نەتىجە پەرقىنىڭ بىرى بۇلۇپ،1999-يىلى ۋالۇنسىيەگە 6:0 نەتىجە بىلەن قىرغىن بولغان،بۇنىڭدىن باشقا مورىنھو دەۋرىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىردا بارسىلوناغا 5:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ ئابدالنىڭ ئۆچمەس تارىخنى قالدۇرغان(تۆۋەندىكى رەسىمگە قارالسۇن)،ئەنچىلوتى 1989-يىلى ياۋرۇپا ئوزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مىلەننى باشلاپ 4:0 نەتىجە بىلەن مادىرتنى ئۇتقان...
abidal-695.jpg
بىر نەچچە كۈندىن بىرى مادىرتقا نىسپەتەن تەنقىدلەر ئۈزۈلمىگەن بۇلۇپ مادىرتنىڭ يادروسى بولغان رونالدو 30 ياشقا كىرگەن رونالدو تۇغۇلغان كۈنىنى تەبىركلە مادىرت يۇقۇرى قاتلىمىنىڭ چىڭقىلىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولدى.نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ياۋرۇپا چىمپىيۇنى ۋە 22 مەيدان غەلبىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۋاتقان مادىرتقا نىسپەتەن مەغلۇبىيەت ئېغىر كەلدى بولغاي  ئەنچىلوتىنىڭ ئىشتىن چۈشۈش خەۋىرى كۈندىن كۈنگە كۆپىيۋاتىدۇ،ئەنچىلوتى بۇندىن بۇرۇن 3 كۇلۇپنى يىتەكلەپ ياۋرۇپانىڭ ئەڭ چوققا ئورنىغا ئېلىپ چىققان قابىل تېرىنىرلارنىڭ بىرى.ئەنچىلوتى مىلەندىكى ۋاقتىدا يەنى 2005-يىلى ‹‹ئىستانبول مۆجىزە››سىنى قالدۇرغان بۇلۇپ ئەينى ۋاقىتتا كاكا،شىنۋنىچكو،پېرلو قاتارلىقلارنى باشلاپ مىلەن بىلەن بىرگە ئوزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتىكى رەقىبى لىۋرپولغا جەڭ ئېلان قىلغان،مىلەن ئالدىنقى مەيداندا 3 توپ ئۇرۇپ چىمپىيۇنلۇقنى مۇقۇملاشتۇرۇپ بولغان،ئەمما كىيىنكى مەيداندا لىۋرپول تۇيۇقسىز پىسترما قۇيۇپ قىسقىغىغا 6 مىنۇت ئىچىدە 3 توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالغان،مۇسابىقە نوقتا توپ جېڭىغا قەدەم قۇيۇپ ئاخىرى مىلەن ئۇتتۇرۋەتكەن،شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئەنچىلوتى تېرىنىرلىق كەسى ھاياتىدىكى ئەڭ ئەپسۇسنلىنارلىق مەغلۇبىيەتنى كۈتۋالغان.ئالدىنقى مەيدان مىلەن ئۈچۈن غەلبىنىڭ ئاچقۇچى بولسا كىيىنكى مەيداندا يۈز بەرگەن مەغلۇبىيەتنى ھىچ كىم چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز.........ئەنچىلوتى شۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى ئەسلەپ:‹‹ئەگەر ماڭا يەنە بىر قېتىم ئۇرسەت بىرلسە نەتىجە ھەرگىز مەغلۇبىيەت بىلەن كۇپايىلەنمەيدۇ››،بۇ سۆزنى ئېيىتقاندا ئەنچىلوتىنىڭ ئىشتىن چۈشۈشكە ئازلا قالغان ۋاقىتلىرى ئىدى....
ئالدىنقى پەسىلدە ئەنچىلوتى باشچىلىقىدىكى خانلىق مادىرت مىكرو مادىرتنى 4:1 نەتىجە بىلەن بۇغۇزلاپ  مەستانىلەرنىڭ خوشاللىق،ھاياجان  يېشىنى ئاقتۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان،ئەنچىلوتى ھەقىقەتەن دىگىنىنى قىلالىدى،ئۇتتۇرشقا 99 پىرسەنىت قالغاندىمۇ زور ئىشەنىچ بىلەن كوماندىغا مەدەت بەردى،ئۈمۈدسىزلەنمىدى،قىسقىسى مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئۆزگەرتتى،ئۇ پەقەت مىلاندىلا چىمپىيۇن بۇلۇش ئەمەس بەلكى ياۋرۇپادىكى بارلىق زەردار كوماندىلاردا شان شەرەپ قازىنىئالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.ئەنچىلوتى مىلەندىكى 8 پەسللىك مۇسابىقە ۋاقتىدا پەقەت بىر قېتىم بىرلەشمىدىكى رەقىبى يۇۋىنتسىنى يېڭىپ بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولدى،ئۇ بولسىمۇ 2004-2005-يىللىق مۇسابىقە پەسلى بۇلۇپ بىر قېتىم رەقىبى كاپىللو تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى.
7086861552565243561.jpg
1999-2000-يىللىق مۇسابىقە پەسلى  يۇۋىنتسىتىكى ئەنچىلوتىغا نىسپەتەن ئەڭ قىيىن بولغان ۋاقتلار بۇلۇ ھىساپلىندۇ،ئەينى ۋاقىتتا ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئاخىرقى 8مەيدان مۇسابىقە قالغان پەيتىدە يۇۋىنتىس2-ئورۇندىكى لازىئودىن 9نۇمۇر ئالدىدا ئىدى،چىمپىيۇنلۇق قولغا تىگەيلا دەپ قالغان ۋاقتتا، يۇۋىنتىس كەينى كەينىدىن ئۇتتۇرۇپ ئاران دەرىجە ساقلاپ قالدى،ھەمدە لازىئوغا 3:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ يۇۋىنتىسنىڭ چىمپىيۇنلۇق چۈشىنى بەربات قىلدى،پەسىل ئاخىردا يۇۋىنتىس يۇقۇرى قاتلىمى ئەنچىلوتىدىن رازى بولمىدى،چۇنكى ئەنچىلوتى داۋاملىق ئىككىنجلىكنى ئالدىغان ئادەم ئىدى،ئەنچىلوتى ئاخىرى يۇۋنتىستىن ئايرىلىپ ئورنىغا لىپىنى ئەكەلدى....
1999-يىلى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مانچىستر بىلەن بولغان تۇنجى ئۇچرىشىشتا مانچىسترنى 3:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتى،بىراق ساھىپخان مەيداندا مانچىستر تەرىپىدىن قىرغىن بۇلۇپ شاللىنىپ كەتتى،2001-يىلى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق برلەشمىسدە يۇۋنتىس بىلەن رېم بىر مەيدان كەسكىن جەڭ قىلدى،بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ ئەنچىلوتى ئۇتتۇرۇپ چىمپىيۇنلۇتىن خوشلاشتى،ھەمدە ئىشتىن چۈشتى...
كىيىن ئەنچىلوتى چلسى ۋە پارىز سانىت گىرماننىڭ  باش مەشقاۋۇللۇقىنى ئۆتىدى،بۇ مەزگىللىرىدا كوماندىدا بەك ناچارمۇ نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلمىدى شۇنىڭدەك كوماندىنىڭ شان شەرىپىنىمۇ ئالالمىدى،ئاقىۋەت يەنىلا ئىشتىن چۈشۈش بولدى.كىيىن ئەنچىلوتى مورىنھونىڭ ئورنىغا بېرنابونىڭ مەشقاۋۇلى بۇلۇپ كەلدى،خېلى شان شەرەپلەرگە ئېرىشتى،ئەمما بىرنەچچە قېتىملىق مەغلۇبىيەت ئەنچىلوتىنى تەختتتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلامدۇ........
ئەسكەرتىش:مەزكۇر تىما نۇر تورىدىن كۈچۈرۈلمىگەن،نۇر تورىغا ئادەتتە كۆپ كىرىپ كەتمەيمەن ،تىمىنى يېزىپ بۇلۇپ تەستىقلىغۇچە بولغان ئارلىقتا نۇر تورىداغا چىقسام  بۇرۇنلا ئېلان قىلىنىپ بوپتۇ،ھەمدە نۇر تورىدىكى ماۋزۇدا خاتالىق بارئىكەن ،شۇڭا باللانىڭ كۈچۈرمە تىما دىگەندەك ئىنكاسلارنى يازماسلىقىنى ۋە مادىرتچى باللانىڭ يېغىرىغا تىگىدىغان ئىنكاسلارنىڭ چۈشمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن
مەنبە:http://news.zhibo8.cc/zuqiu/2015-02-12/54dc2f174cfee.htm
B203B400F08F3596D6ADBEBDE8CFAB69.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 21:46:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
منىڭچە نۇر توردىن بۇلامدۇ ياكى باشقا توردىن بۇلامدۇكارايىتى چاغلىق.ئەڭ مۇھىمى پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئەڭ ئالدى بىلەن پۇتبول مۇنبىردا كۇرۇلسىكەن دىگەن ئۇمۇدتىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 21:53:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەسىل بېشىدىمۇ ئىككى مەيدان ئۇتتۇرسا ئىشتىن بوشىتىلىدۇ دىگەن گەپلەر چىققان  بۇنچىلىك مەغلۇبىيەتلەر بۇلۇپ تۇرىدۇ،مىنىڭچە ئالدىرمىغىنى تۇزۇك…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 21:55:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 21:56  

مىلان ئىتالىيە بىرلەشمىسىگە 2003- 2004 ئېرىشكەن... بودەك چېلسىدىمۇ، پارىژدىمۇ بىرلەشمە، ئۇيۇشما لوڭقىسىنى ئالدىغۇ..  ئۇزغۇنلۇقنىلا ھېساب قىلساق چېلسىدا پەقەت دىماتىئولا غەلىبە قىلدى، پارىژ تارىختا شەرەپ قازىنىپ باقمىدى، ۋېنگېر دېگەن كىم ئۇ؟ ئەنچېلوتى ئۆيىگە قايتىپ ئۇخلىسا، ۋېنگىر ئۇزغۇنلۇقتىن تۆتنى ئېلىپ كەلگەندە ئاندىن قايتىپ كەلسە بولىدۇ، بىراق ۋېنگىر ئۇزغۇنلۇقنى ئۈچ ئەمەس بىر قېتىم ئالسىمۇ چوڭ گەپ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 21:56:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشنى قىلىپ قالتىس تېرنىر،موتەلۋىدىن قالسىلا مۇشۇنىڭغا قول قويمەن.ھەمدە ھامىنى كەلگەندىكىن ئۇزۇنراق تۇرۇپ ئۇتۇق قازىنىپ كەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 21:58:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 21:55
مىلان ئىتالىيە بىرلەشمىسىگە 2003- 2004 ئېرىشكەن... بودەك چې ...

2005يىلى تۈۋىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كىتېپتكەن.پېروفىسسور.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 22:06:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 21:55
مىلان ئىتالىيە بىرلەشمىسىگە 2003- 2004 ئېرىشكەن... بودەك چې ...

بۇ يىلمۇ ئالالماسما.....ھىھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 22:07:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچقانداق بىر نەتىجە مۇتلەق بولمايدۇ، ھەر قانچە ئىقتىدارلىق تېرىنىرمۇ مەغلۇپ بولىدۇ، مەغلۇپ بولسىلا دەرھال ئىشتىن بوشىتىدىغان ئىش بولسا فۇرگۇسىن مانچېستىردا قېرىمىغان بولاتتى، مادىرىت ئىلگىرىمۇ بۇنداق ئېچىنىشلىق تەغدىردىن قۇتۇلالمىغان، ئەجىبا پەقەت ئەنچېلودىلا ئىقتىدارسىزمۇ؟ ياق ، بۇ تېرىنىرمۇ تېخى مۇشۇ پەسىلدىلا 20 نەچچە مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك قالتىس نەتىجە ياراتتى، مادىرىتقا زادى قانداق ئادەم لازىمدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 22:10:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنچىلوتى  كەتسىمۇ  ئىزىغا  ئەنچىلوتىدىن  ياخشاراق   بىرى   باما     .ئەنچىلوتى   ھازىرقى   تېرنىرلار  ئېچىدە  ئالدىنقى  قاتاردا تۇردۇ   .  ئېنژىنىرمۇ   سەرالىقلارنى  ئالدىنقى  پەسىل   چىمپىيۇن   قىلدى  .ئەمما   بۇ  پەسىل  ئىشتىن  چۇشۇشنىڭ   گىپى   جىقىۋاتىدۇ    مادرىتلىقلار  دەپ  بېقىڭلار   كىم  ئەكىلىسىلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 22:14:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گوئاردىلانى ئەكىلىڭلار ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 22:15:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپ ئەنچىلوتىدا ئەمەس......ياردارلىق مۇشۇنداق قىلپ قويدى....مودرىچ يارلانغاندىن كىيىن بىر ئۇتتۇرۇش باشلانغانچە،ئاخىرى راموسنىڭ يارلىنىشى تۈپەيلى ھەممە ئىشلار پارتىلىدى....مادىرد ئورۇندۇق كۈچىنى كۈچەيتمىسە لوڭقىسز قالىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 22:16:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنچللوتتى   كەتمەيدۇ  ،  بۇ   ھازىرچە   مومكىن  بولمايدۇ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-8 21:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش