elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1217|ئىنكاس: 41

زال ئىچى بەش كىشلىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئىزاھات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم پۇتبول مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلار كەمىنە تۆرەمدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!!!
    مۇنبىرىمىزنىڭ نەشرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، نادىر تېما ، مىغىزلىق تېما يىزىشنى تەكىتلەۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا ، ئازراق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ زال ئىچى بەش كىشىلىك مۇسابىقە مەيدانىنى ئاز-تولا چۈشىنىپ ھەمدە مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە،ھەممىمىز بىلىدىغان مەسىلە بولسىمۇ سىستېمىلىق چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇشبۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، خاتالىقلاردىن ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىنسان خالىي ئەمەس، ئەلۋەتتە...
1.مۇسابىقە مەيدانى

    1.مەيداننىڭ كۆلىمى
زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ، مۇسابىقە مەيدانى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلىدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 25 مېتىردىن 42 مېتىرغىچە ، كەڭلىكى 15 مېتىردىن 25 مېتىرغىچە بولىدۇ ، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇزۇنلۇقى چوقۇم كەڭلىكىدىن ئۇزۇن بولۇشى كېرەك.
QQ图片20150212184805.jpg
  2.مەيدان سىزىقلىرى
مەيدان سىزىقلىرى تەكشىلىك خەرىتىسىگە ئاساسەن ئېنىق سىزىلىشى ، سىزىقنىڭ كەڭلىكى 8 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۇزۇنىسىغا سىزىلغان ئۇزۇن سىزىق ( يان سىزىق ) ، قىسقا سىزىلغان سىزىق ۋاراتار سىزىقى دەپ ئاتىلىدۇ .
مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىن كىسىپ ئۆتكەن بىر تال سىزىق ئوتتۇرا مەيدان سىزىقى دەپ ئاتىلىدۇ . مەيداننىڭ ئوتتۇرسىغا بىر نۇقتا سىزىلىدۇ ، بۇ نۇقتىنى مەركەز قىلىپ ، رادىئۇسى 3 مېتىر كېلىدىغان بىر چەمبەر سىزىلىدۇ ، بۇ چەمبەر ئوتتۇرا مەيدان چەمبىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
3.جازا توپ رايونى
ۋاراتار تۈۋرۈكىنىڭ ئىچ يان تەرىپىنى مەركەز قىلىپ ، رادىئۇسى 6 مېتىر كېلىدىغان يايسىمان سىزىق سىزىلىپ ، بىر ئۇچى ۋاراتار سىزىقى بىلەن ، يەنە بىر ئۇچى ئۇزۇنلۇقى 3مېتىر كېلىدىغان سىزىققا پاراللېل بولغان تۈز سىزىق بىلەن تۇتاشتۇرىلىدۇ ، بۇ ئىككى يايسىمان سىزىق بىلەن بىر تۈز سىزىق ۋە ۋاراتار سىزىقى ئارىسىدىكى رايون جازا توپ رايونى دەپ ئاتىلىدۇ.
4.جازا توپ نۇقتىسى
ۋارىتانىڭ ئوتتۇرىسىدىن مەيدان ئىچىگە تىك قىلىپ 6 مېتىر يىراقلىققا بىر نۇقتا سىزىلىدۇ ، بۇ جازا توپ نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
5.ئادەم ئالماشتۇرۇش رايونى
ئادەم ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھەر قايسى يېرىم مەيداننىڭ يان سىزىقىغا بېكىتىلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 80 سانتىمېتىر (مەيدان ئىچى 40 سانتىمېتىر مەيدان سىرتى 40 سانتىمېتىر ) كېلىدىغان يان سىزىق بىلەن تىك تۇرىدىغان ئىككى تال سىزىق سىزىلىدۇ ھەمدە ھەر بىر يېرىم مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئوتتۇرا مەيدان سىزىقىغىچە بولغان ئارىلىقى 3 مېتىر بولىدۇ ، تەنھەرىكەتچىلەر ئالمىشىش جەريانىدا مەيدانغا كىرىدىغان ياكى مەيداندىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا ، ئۇزۇنلۇقى 80 سانتىمېتىر كېلىدىغان مۇشۇ ئادەم ئالماشتۇرۇش رايونى ئارقىلىق كىرىشى ۋە چىقىپ كىتىشى كېرەك.
6.ۋاراتار
ۋاراتار ئىككى تال ۋاراتار سىزىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېكىتىلىشى كېرەك . ۋارىتانىڭ ئىككى يان تۈۋرۈكىنىڭ ئارىلىقى 3 مېتىر ، يەردىن ئىگىزلىكى 2 مېتىر بولىدۇ ، ۋارىتارنى  تۈز ياغاچ ياكى تۈز تۆمۈردىن ياساشقا بولىدۇ . تۈز ياغاچ ياكى تۈز تۆمۈرنىڭ كەڭلىكى ۋە قىلىنلىقى 8 سانتىمېتىر بولۇشى ، ۋاراتار تۈۋرۈكى بىلەن ۋاراتار توغرا لىمىنىڭ كەڭلىكى ئوخشاش بولۇشى ، ۋاراتار تورى ۋارىتانىڭ كەينىدىكى تۈۋرۈككە ۋە تۈز ياغاچ ياكى تۆمۈرگە باغلىنىشى ،ۋاراتار  تورىنىڭ ئاستى تەرىپىنى ئىلمەك ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن مۇقملاشتۇرۇش كېرەك.
خەلقئارالىق زال ئىچى پۇتبول مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 38مېتىردىن 42 مېتىرغىچە ، كەڭلىكى 18مېتىردىن 22 مېتىرغىچە بولىدۇ ، ئەگەر ۋاراتار سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 -16 مېتىر ئىچىدە بولسا ، جازا توپ رايۇنىدىكى يايسىمان ئىككى سىزىقنىڭ رادىئۇسىنى 4 مېتىر قىلىش كېرەك ، مەيدان تەبئىي چىملىق ، سۈنئىي چىملىق ياكى توپىدىن ياسالسا بولىدۇ.
2.مۇسابىقە توپى

مۇسابىقىگە ئىشلىتىدىغان توپ يۇمىلاق بولۇشى ، سىرتى خىروم ياكى باشقا مۇۋاپىق ماتېرىياللاردىن ياسىلىشى كېرەك ، تەنھەرىكەتچىلەرنى زەخىملەندۈرىدىغان ماتېرياللارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. توپنىڭ ئايلانمىسى 66 سانتىمېتىردىن چوڭ بولماسلىقى ياكى 62 سانتىمېتىردىن كىچىك بولماسلىقى كېرەك ، توپنىڭ ئېغىرلىقى مۇسابىقىنى باشلىغاندا ئەڭ ئېغىر بولغاندا 430گرام ياكى ئەڭ يىنىك بولغاندا 390گرام (4-نۇمۇرلۇق توپ) بولۇشى كېرەك ، مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا رېپىرىنىڭ رۇخسىتىسىز توپنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
  خەلقئارالىق زال ئىچى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئىشلىتىدىغان توپ 2 مېتىر ئېگىزلىكتىن تەبئىي چۈشكەندە قاڭقىش ئېگىزلىكى (بىرىنچى قېتىملىق قاڭقىشى) 65 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك دېگەن قائىدىگە بوي سۇنغاندىن سىرىت ، خەلقئارادىن تۆۋەن مۇسابىقىلەردە باشقا نۇمۇرلۇق ، ئېغىرلىقى تۆۋەنرەك بولغان توپلارنى ياكى 5-نۇمۇرلۇق توپلارنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
3.ئادەم سانى

مۇسابىقىگە ئىككى تەرەپتىن چۈشىدىغان ئادەم سانى 5 نەپەردىن كۆپ بولماسلىقى ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر ئەزا چوقۇم ۋاراتاغا قارىغۇچى بولۇشى كېرەك.
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ، ھەر قايسى قىتئە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياكى ھەر قايسى دۆلەت پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان رەسمىي مۇسابىقىلەردە ئالمىشىدىغان ئەزا ئىشلەتسە بولىدۇ.
ھەر بىر كوماندىدىكى زاپاس ئەزا سانى يەتتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
‹‹ھەرىكەتچان ئالماشتۇرۇش›› قېتىم سانى چەكلەنمەيدۇ ، بىراق ئەزالارنى ئالماشتۇرماقچى بولسا چوقۇم توپ ئۆلۈك توپقا ئايلانغاندا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئەزالارنى ئالماشتۇرغاندا مەيدانغا كىرگەن تەنھەرىكەتچىمۇ چوقۇم ئادەم ئالماشتۇرۇش ئورنى ئارقىلىق ، مەيداندىن ئايرىلغان تەنھەرىكەتچىمۇ چوقۇم ئادەم ئالماشتۇرۇش ئورنى ئارقىلىق ئالمىشىشى ھەمدە مەيداندىن ئايرىلغان تەنھەرىكەتچى تولۇق چىقىپ بولغاندا ئاندىن مەيدانغا كىرگەن تەنھەرىكەتچى مەيدانغا كىرىشى كېرەك. ۋارىتار مەيداندىكى ھەر قانداق بىر ئەزا بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرسا بولىدۇ ، بىراق ئالمىشىشتىن ئاۋال باش رېپىرگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە توپ ئۆلۈك توپقا ئايلانغاندا ئالمىشىشى كېرەك، زاپاس ئەزالارنىڭ مەيدانغا كىرىش-كىرمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر ، رېپىر ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق. يۇقىردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىنسا ، مۇسابىقىنى ۋاقىتلىق توختاتماي توپ ئۆلۈك توپقا ئايلانغاندا مۇناسىۋەتلىك ئەزالارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش كېرەك.
ئەگەر مۇسابىقە جەريانىدا ‹‹ھەرىكەتچان ئالماشتۇرۇش›› ئېلىپ بارماقچى بولسا ، ئالمىشىدىغان ئەزا مەيداندىن چىقىپ كەتمەي تۇرۇپ زاپاس ئەزا مەيدانغا كىرسە ، رېپىر مۇسابىقىنى توختىتىشى ، باش رېپىر سەپلەنگۈچى ئەزانى مەيداندىن چىقىپ كىتىشكە بۇيرۇق بېرىشى ، مەيدانغا كىرگەن زاپاس ئەزاغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىشى ھەمدە قارشى تەرەپ مۇسابىقە توختاتقان چاغدىكى جايدىن ۋاستىلىك ئختىيارىي جازا توپ تېپىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئەگەر شۇ ۋاقىتتا توپ جازا توپ رايۇنىنىڭ ئىچىدە بولۇپ قالسا ، مۇسابىقە توختىغان چاغدا ئارىلىقى توپ تۇرغان يەرگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان 6 مېتىرلىق سىزىققا توپ تاشلاپ بېرىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
    مۇسابىقە باشلانغان ۋاقىتتا ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ مەيدانغا چۈشىدىغان ئادەم سانى 5 تىن كەم بولماسلىقى لازىم ، ئەگەر مۇسابىقىدە ھەر قانداق بىر كوماندا ئەزاسى جازالىنىپ چىقىرىۋېتىلسە ھەمدە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سانى 2 دىن كەم بولۇپ قالسا ، شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
4.تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كىيىم-كېچىكى

تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقىگە چۈشكەندە باشقا تەنھەرىكەتچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ، باشقا تەنھەرىكەتچىلەرنى زەخىملەندۈرىدىغان كيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ مەيدانغا كىرىشىكە يول قويۇلمايدۇ.
كوماندا ئەزالىرى تەنتەربىيە كىيىمى كىيىپ مەيدانغا كىرىشى ياكى كۇسار ، مايكا كىيىپ مەيدانغا كىرىشى ، پۇتبول پايپىقى كىيىشىنى ، پۇت قوغدىغۇچ تاقىشى ، پۇتبول ئايىغى كىيىشى كېرەك، قاتتىق ئاياغ كىيىپ مەيدانغا چىقىشقا بولمايدۇ .
تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كىيىمىدە نومۇر بولۇشى ، بىر كوماندىدىكى ئەزالار ئىچىدە ئوخشاش نۇمۇرلۇق كىيىم كىيگەن تەنھەرىكەتچىلەر بولماسلىقى كېرەك.
ۋاراتاغا قارىغۇچى ئەزا ئۇزۇن ئىشتان كىيىپ مەيدانغا چۈشىشى ، كىيىمىنىڭ رەڭگى باشقا ئەزالار ۋە رېپىرىنىڭ كىيىمىنىڭ رەڭگىدىن ئېنىق پەرقلىنىپ تۇرۇشى لازىم.
تەنھەرىكەتچىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا ، رېپىر شۇ تەنھەرىكەتچىگە مەيداندىن چىقىپ كىيىم ئالماشتۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىشى كېرەك . مەيداندىن ئايرىلىشقا بۇيرۇق بېرىلگەن ئەزا مەيدانغا كىرىشتىن ئاۋۋال ، رېپىرگە مەلۇم قىلىشى ، رېپىر ئۇنىڭ كىيگەن كىيىمىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، توپ ئۆلۈك توپقا ئايلانغاندا ، ئاندىن مەيدانغا كىرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى كېرەك.
پۇت قوغدىغۇچ مۇداپىئەلىنىش رولىنى ئۆتەيدىغان بولۇپ (كاۋچۇك ، سۇلياۋ ، چىڭىتىلغان ئاممونىياك يېغى ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماتېرياللار)دىن ياسالغان بولۇشى ھەمدە پايپاق بىلەن پۈتۈنلەي ئورىلىپ تۇرىشى كېرەك.
5. رېپىر

ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە بىر نەپەر باش رېپىر بولۇپ رېپىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ، ئۇ مۇسابىقە مەيدانىغا كىرگەندىن باشلاپ مۇسابىقە داۋاملىشىپ ئاخىرلاشقىچە بولغان ۋاقىتتا كۆرۈلگەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا رېپىرىنىڭ ھۆكۈمى ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم بولىدۇ. رېپىر مۇسابىقىگە مەيدانىغا كىرگەندىن باشلاپ قوپال ھەرىكەتلەرنى، ناتوغرا ھەرىكەتلەرنى ، يىرگىنىشلىك ھەرىكەت ، قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ، تەنتەربىيە ئەخلاقىغا زىت بولغان گەپلەرنى ياكى باشقىلارنى ھاقارەت قىلغان تەنھەرىكەتچىلەرگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە مەيداندىن چىقىرىۋىتىش جازاسى بېرىشكە تامامەن ھوقۇقلۇق بولىدۇ .
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەزالار بىلەن ياردەمچى رېپىرلاردىن باشقا ، رېپىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەر قانداق ئادەمنىڭ مەيدانغا كىرىشىگە بولمايدۇ.
ھەر قېتىملىق مۇسابىقە ۋاقىتلىق توختىتىلغاندىن كېيىن ، رېپىر پۇشتەك چىلىپ ، مۇسابىقىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش لازىم.
ئەگەر باش رېپىر بىلەن ياردەمچى رېپىر بىرلا ۋاقىتتا جازالاش سىگىنالى چىقىرىپ قالسا (پۇشتەك چالسا)، ئەمما پىكىر بىردەك بولماي قالسا ، ياردەمچى رېپىر باش رېپىرىنىڭ پىكىرىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. تەنھەرىكەتچىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش ۋە بۇيرۇق بىلەن مەيداندىن چىقىرىۋېتىشتە باش رېپىر  ياردەمچى رېپىر بىلەن مەسلىھەتلىشىشى كېرەك. ئەمما پەقەت باش رېپىرنىڭلا تەنھەرىكەتچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش ۋە مەيداندىن چىقىرىۋېتىش ھوقۇقى بولىدۇ ، ياردەمچى رېپىرىنىڭ ئۇنداق ھوقۇقى بولمايدۇ. ياردەمچى رېپىر بىلەن باش رېپىر مۇسابىقىدە يۈزمۇ يۈز قارىشىپ تۇرۇپ ۋەزىپە ئىجىرا قىلىشىدۇ. مۇسابىقە داۋامىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ياردەمچى رېپىرىنىڭ مۇسابىقىنى توختىتىش ھوقۇقى بار ، زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە ياردەمچى رېپىر ‹‹ھەرىكەتچان ئالماشتۇرۇش››نىڭ توغرا ،ۋاقتىدا ئىلىپ بېرىلىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
6.مۇسابىقە ۋاقتى

    مۇسابىقە ۋاقتى ئوخشاش بولغان ئىككى يېرىم مەيدانغا بۆلۈنۈپ، ھەر بىر يېرىم مەيدان مۇسابىقە 25 مىنۇت بولىدۇ . مۇسابىقە ۋاقتىنى ۋاقىت خاتىرلىگۈچى خادىم كونترول قىلىشى كېرەك.
مۇسابىقىدە پەقەت نۇقتا توپ جازاسى ئىجرا قىلىنغاندىلا مۇسابىقە ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىشكە بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا مۇسابىقە ۋاقتى توشقان بولسا ، مۇسابىقە ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
ھەر بىر كوماندا بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىر مىنۇتلۇق ۋاقىتلىق توختاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ ، بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
پەقەت ھەر قايسى كوماندا ترېنېرلىرىنىڭ ۋاقىت ھېسابلىغۇچى خادىمدىن ۋاقىتلىق توختاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار .
توپ ئۆلۈك توپقا ئايلانغاندا ۋاقىت ھېسابلىغۇچى خادىم رېپىرنىڭ پۇشتەك ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان ياكى باشقا خىل ئاۋاز چىقىرىدىغان ئەسۋاب ئارقىلىق مۇسابىقە ۋاقتىنى توختاتسا بولىدۇ.
مۇسابىقىنى ۋاقىلىق توختاتقاندىن كېيىن ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەزالىرى مەيداندا تۇرۇشى ، مەيداندىن ئايرىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر تېرىنېر ياكى باشقا ئادەملەر كۆرسەتمە بەرسىمۇ پەقەت ئالماشتۇرۇش رايونىغا پاراللېل بولغان يان سىزىقتا تۇرۇشى كېرەك . كۆرسەتمە بەرمەكچى بولغان ترېنېرلارمۇ مەيدان ئىچىگە كىرىۋېلىشقا بولمايدۇ.
ئەگەر ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ‹‹ۋاقىتلىق توختاش›› قىلمىغان بولسا ، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يەنىلا بىر قېتىملىق توختاش ۋاقتى بولىدۇ. يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ئارىلىقتىكى ئارام ئېلىش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
   مۇسابىقىدە ئەگەر ۋاقىت خاتىرلىگۈچى خادىم بولمىسا ، ۋاقىت خاتىرىلەش ۋەزىپىسىنى باش رېپىر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بۇنداق ئەھۋالدا ترېنېر ياردەمچى رېپىرغا ۋاقىتلىق توختاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ، ئەگەر بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە نەتىجىدە تەڭ بولۇپ قالسا ، مۇسابىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇسابىقە ئېلىپ بارسا بولىدۇ ، ۋاقىت ئۇزارتىلىپ ئېلىپ بارغان مۇسابىقىدە ۋاقىتلىق توختاشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ .
7.ئىختىيارىي جازا توپ

ئىختىيارىي جازا توپ ئىككى خىل بولىدۇ . بىۋاسىتە ئىختىيارىي جازا توپ ۋە ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ . بىۋاسىتە ئىختىيارىي جازا توپ بىۋاسىتە ۋارىتارغا تېپىپ نومۇر ئالىدىغان توپنى كۆرسىتىدۇ. ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ ۋاراتاغا كېرىشتىن ئىلگىرى چوقۇم باشقا ئەزالار بىلەن ئۇچرىشىشى كېرەك .
تەنھەرىكەتچىلەر ئىختىيارىي جازا توپنى ئىجرا قىلغاندا، مۇداپىئەچى ئەزالار توپقا 5 مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇشى كېرەك.
ئەگەر مۇداپىئەچىلەر توپ تېپىلىشتىن بۇرۇن توپقا 5 مېتىردىن يېقىن دائىرىگە كىرىۋالسا رېپىر شۇ تەنھەرىكەتچىنى جازالاپ
بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋاقتىنچە مۇسابىقىنى ئۇزارتىپ ، ئاندىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ.
ئىختىيارىي جازا توپنى تېپىدىغان چاغدا توپنى چوقۇم مۇقىم قويۇش ، ئختىيارىي جازا توپنى تېپىدىغان ئەزا توپنى تېپىپ چىقارغاندىن كېيىن ، توپنى باشقا ئەزا تېپىشىنى ياكى توپ باشقا ئەزاغا تېگىشى كېرەك ، ئەگەر ئۆزى قايتا (2-قېتىم) تەپسە بولمايدۇ. ئەگەر ئىختىيارىي جازا توپنى تېپىدىغان ئەزا توپنى تەپكەندىن كېيىن 2-ئەزا بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئۆزى توپقا تەگسە ، قارشى تەرەپ شۇ ئورۇندىن ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ تېپىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئەگەر توپ جازا توپ رايۇنىنىڭ ئىچىدە بولسا ، شۇ ئۇرۇنغا يېقىن بولغان 6 مېتىرلىق سىزىق ئۈستىدىن ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ تېپىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئەگەر ئىختىيارىي جازا توپنى 4 سېكۇنت ئىچىدە باشلىمىسا ، ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ تېپىش ھوقۇقى قارشى تەرەپكە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بىۋاسىتە ئىختىيارىي جازا توپ بىلەن ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ، رېپىر ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپقا ھۆكۈم قىلغاندا بىر قولىنى يېرىم كۆتۈرۈش ھەمدە قولىنى توپ تېپىلىپ باشقىلار بىلەن ئۇچراشقىچە چۈشۈرمەسلىكى كېرەك.
8.سىرىتقا چىقىپ كەتكەن توپنى باشلاش

    توپ يەردىن ياكى بوشلۇقتىن ، يان سىزىق ئارقىلىق چىقىپ كەتسە توپ سىرىتقا چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن توپقا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تەگكەن ئەزانىڭ قارشى تەرەپ ئەزاسى توپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن يەردىن توپنى مەيدان ئىچىدىكى ھەر قانداق ئورۇنغا تېپىپ باشلىسا بولىدۇ . سىرىتقا چىقىپ كەتكەن توپنى باشلىغۇچى توپنى يان سىزىققا مۇقىم قويۇشى، يان سىزىققا دەسسىشى ياكى يان سىزىقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇشى كېرەك. توپنى باشلىغۇچى ئەزا توپنى تېپىپ بولۇپ ئىككىنچى قېتىم تېپىشىگە بولمايدۇ، قارشى تەرەپ ئەزاسى توپتىن 5 مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇشى كېرەك . سىرىتقا چىقىپ كەتكەن توپنى بىۋاسىتە ۋاراتاغا تېپىپ نومۇر ئىلىشقا بولمايدۇ .
9.بۇلۇڭ توپ

    توپ يەردىن ياكى بوشلۇقتىن ۋاراتار سىزىقىنى بويلاپ چىقىپ كەتسە ھەمدە ئەڭ ئاخىردا مۇداپىئەچى ئەزا ياكى ۋاراتاغا تىگىپ چىقىپ كەتسە ، ھۇجۇمچى تەرەپ بۇلۇڭدىن توپ تېپىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇلۇڭ توپنى تەپكەندە ، توپنى ۋاراتار سىزىقى بىلەن يان سىزىقنىڭ تۇتاشقان جايىدا مۇقىم قويۇپ تەپسە بولىدۇ، بۇلۇڭ توپنى باشلىغان ئەزا توپ باشقا ئەزالار بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئۆزى ئۇچراشسا بولمايدۇ ، بۇلۇڭ توپنى بىۋاسىتە ۋاراتاغا ئۇرۇپ نومۇر ئالسا بولىدۇ.
بۇلۇڭ توپنى تىپىدىغان ئەزا 4 سېكۇنت ئىچىدە باشلىمىغان بولسا ، بۇلۇڭ نۇقتىدىن قارشى تەرەپ ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ تېپىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇلۇڭ توپنى باشلىغان ئەزا توپ باشقا ئەزالار بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئۆزى ئۇچراشسا شۇ ئورۇندىن قارشى تەرەپ ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ تېپىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
10.ۋارىتار توپ باشلاش

    توپ ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپكە تېگىپ بوشلۇقتىن ياكى يەردىن چىقىپ كەتكەن بولسا ياكى ھۇجۇمچى تەرەپ توپنى تېپىپ چىقىرۋەتكەن بولسا ، مۇداپىئەچى تەرەپنىڭ ۋاراتاسى توپنى جازا توپ رايونى سىزىقىغا قويۇپ باشلايدۇ، توپ جازا توپ رايونى سىزىقىدىن چىققاندىن كېيىن مۇسابىقە باشلانغان بولىدۇ ، ۋاراتار توپنى تېپىپ ئوتتۇرا مەيدان سىزىقىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ. ۋاراتار توپنى باشلىغاندا مۇداپىئەچى ئەزالار جازا توپ رايونى سىزىقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇشى كېرەك . توپ تېپىلىپ جازا توپ رايونى سىزىقىدىن چىققاندىن كېيىن ، تەنھەرىكەتچىلەر ئۆز يېرىم مەيدانىدا توپ بىلەن ئۇچرىشىشى كېرەك.
ئەگەر ۋاراتار توپنى قوبۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، توپنى باشلىغاندا توپ ئۆز يېرىم مەيدانىدىن ھالقىپ كەتسە ياكى ئۆزىنىڭ مەيدانىدا كوماندا ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشماي قارشى تەرەپ مەيدانىغا ئۆتۈپ كەتسە، قارشى تەرەپ ئەزاسى توپنى ئوتتۇرا مەيدان سىزىقىنىڭ خالىغان بىر يېرىگە قويۇپ ، ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ تېپش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ.
ئەگەر ۋاراتاغا قارىغۇچى توپنى باشلاپ، توپ جازا توپ رايۇنىنىڭ سىرتىغا چىققاندىن كېيىن ، باشقىلار بىلەن ئۇچراسماستىن يەنە ئۆزى ئالسا ، شۇ ئورۇندىن قارشى تەرەپ ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ تېپىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئەگەر ۋاراتاغا قارىغۇچى توپنى ئۆز يېرىم مەيدانىدىكى ئەزاسىغا پاس بەرگەن بولسا ئۇ ئەزا توپنى يەنە ۋاراتاغا قايتۇرغان بولسا ھەمدە ۋاراتار توپنى قولى بىلەن تۇتسا، قارشى تەرەپ ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپ تېپىش ئارقىلىق مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ۋاستىلىك ئىختىيارىي جازا توپنى 6 مېتىرلىق جازا توپ رايونى سىزىقىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تېپىدۇ.
11.نۇقتا توپ جازاسى

    نۇقتا توپ جازاسى چوقۇم نۇقتا توپ نۇقتىسىغا قويۇلۇپ تېپىلىشى ، تەپكۈچى ئەزا چوقۇم ئېنىق بەلگىلىنىشى ، توپنى تەپكەندە توپ تەپكۈچى ئەزا بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ۋارىتارىدىن باشقا ئەزالار جازا توپ رايۇنىنىڭ سىرتىدا تۇرۇشى
مەيداندىن ئايرىلماسلىقى ھەمدە توپتىن ئاز دېگەندە 5 مېتىردىن يىراق تۇرۇشى ، ۋاراتار قارىغۇچىسى ۋاراتار سىزىقىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇشى ، توپتىن بۇرۇن يۆتكىلىۋالماسلىقى ، توپ تەپكۈچى ئەزا توپنى چوقۇم ئالدى تەرەپكە تېپىشى ، توپنى تېپىپ بولغاندىن كېيىن توپ ۋاراتاغا كىرمىسە ، توپ باشقا ئەزالار بىلەن ئۇچرىشىشى بۇرۇن قايتا تەپمەسلىكى ياكى ئۇچراشماسلىقى لازىم.
مۇسابىقە جەريانىدا نۇقتا توپنى تەپكىچە بولغان ۋاقىتنى ئۇزارتىپ بەرگەندە ۋە نۇقتا توپ جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقاندا توپ ۋارتارغا قارىغۇچىغا ياكى ۋارىتارنىڭ تۈۋرۈكىگە تېگىپ ۋاراتارغا كىرگەن بولسا ، بۇ توپ ئىناۋەتلىك بولۇپ كىرگەن بولۇپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
شاللاش مۇسابىقىسى ياكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىككى كوماندىنىڭ نەتىجىسى تەڭ بولۇپ قالغاندا، ئۆز ئارا نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق يېڭىش-يېڭىلىش بەلگىلىنىدۇ.
نۇقتا توپ تەپكۈزۈشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىش كېرەك
باش رېپىر بىر ۋارىتارنى نۇقتا توپ تېپىدىغان ۋاراتار قىلىپ تاللىشى كېرەك ، تەڭگە تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قايسى كوماندىنىڭ ئاۋۋال توپ تېپىشى بەلگىلىنىشى كېرەك.
ھەر بىر كوماندىدىن 5 نەپەر ئەزانى نۆۋەت بىلەن 5 قېتىمدىن توپ تەپكۈزۈش ، بۇ 5 نەپەر ئەزانى كوماندا باشلىقى توپ تېپىشتىن ئاۋۋال رېپىرغا مەلۇم قىلىشى ، بۇبەش نەپەر ئەزا مۇسابىقىدىن بۇرۇن رېپىرغا تاپشۇرۇلغان كوماندا تىزىملىكىدە بولۇشى كېرەك.ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپنىڭ 5 تىن ئەزاسى تېپىپ بولغاندىن كېيىن نەتىجە يەنىلا تەڭلىشىپ قالسا توپ تەپمىگەن زاپاس ئەزالارمۇ داۋاملاشتۇرۇپ توپ تېپىدۇ، قىزىل كارتا يەپ جازالانغان ئەزانىڭ نۇقتا توپ تېپىش سالاھىيىتى بولمايدۇ ، نۇقتا توپ تېپىش سالاھىيىتى بولغان ھەر قانداق بىر ئەزا ۋارىتارغا قارىغۇچى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.
ئۆز ئارا نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق يېڭىش-يېڭىلىش ئايرىلىدىغان چاغدا ، بارلىق كوماندا ئەزالىرى نۇقتا توپ تېپىلمەيدىغان يەنە بىر مەيدانغا بېرىپ يېغىلىپ تۇرۇشى كېرەك ، ياردەمچى رېپىر توپقا ، توپ تەپمەيدىغان ئەزالارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 9مۇنبەر پۇلى +375 تۆھپە +20 شۆھرەت +5 تەجرىبە +9 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
باشئەگىم + 100 + 3 قوللاش!
بېرنابۇ + 50 قالتىس!
exaniq + 20 قالتىس!
9مۇرادىل + 50 نادىر تىما !
eliborisi + 15 قالتىس!
تىروي + 40 ئەجىرلىك تىما
shemsherwaz + 10 ئەجىرلىك تىما !
ئابلەتجان + 50 + 10 + 5 + 9 قالتىس!
ئارىف + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 19:27:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىگە ئىشلىتىدىغان توپ يۇمىلاق بولۇشى . بەك تەپسىلى يېزىۋېتىپسىز بۇ تىمىنى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 19:46:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپ قىل دېسە ھەممىمىز ياۋروپا زەردارلىرىنىڭ تەھلىلى، زاپەس ئەزالىرى، چاچ پاسونى، پايپىقى، نىكاھى بىلەن ھەپىلىشىپ تاس قالىمىز پۇتبول بىلىمى سەۋىيەسىدە ئاسمانغا چىقىپ كەتتىم دېگىلى... پۇتبولنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىدىن بىرى بولغان زال ئىچى پۇتبولى ھەممىمىز كۆپ ئوينايدىغان، كۆپ ھەپىلىشىدىغان تۈر بولسىمۇ بۇنىڭ ھەقىقىي قائىدىلىرى بىلەن ناتونۇش ئىكەنمىز... ياخشى تېما بوپتۇ... باشقۇرغۇچىلار نادىرلاپ قويايلى، مانداق تېمىلار مۇنبىرىمىزدە ئاز...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 19:47:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇيناپ باققان بۇ مۇسابىقىنى چاچال ناھيىدە3كۇماندىغا 34 توپ ئۇرغان  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 19:48:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلەبلىرى بەك كۇپ 3سىكىنۇتتا تۇپنى باشلاپ بۇلۇش ئىشقىلىپ بەك كۇپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 19:51:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا چۇشنۇشلىك يىزىپ سىز، نادىرلاشقا بىر بەلەت كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 19:53:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس تىمابوپتۇ ،بىلمەيدىغان يەرلىرمىز كۆپكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 20:01:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە بۇنداق مەيداندا توپ ئويناپ باقمىدىم.شۇ بىر قېتىم چىڭجۇدا دۆلەت كوماندىسى توپ تەپكەن مەيداندا ئۇياق -بۇياققا مېڭىپ بېقىپتىمە! بۇ قېتىم كىم توپ شاھى دىگەن مۇسابىقىدىكى شۇ مەيدان ،شۇ ھالەتلەر نەخ مۇشۇ تىمىدا تېلغا ئېلىنغان زال ئىچى پۇتبول مۇسابىقىسى نىڭ دەل ئۈزىدەك قىلامدۇ قانداق؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 20:01:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزلە خەنزۇچە شوبىيسەي دەپلا ئاتايتۇق مانا بۇ توغۇرسىدىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 20:01:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەپسىلى يىزىلغان تېما بوپتۇ ، نادىرلاشقا تېگىشلىك  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 20:18:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورلىدىمۇ بىرسى بار رويال بەش كىشىلىك پۇتبول زالى دەپ باشقا مەيدانلارنى تاقىۋەتكەچكە ھازىر ئاساسەن مۇشۇ يەردە توپ تېپىمىز …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 20:18:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5كىشلىك پۇتبول مۇسابىقىسى ھەققىدىكى چۇشەنچەم تېخمۇ ئاشتى ... نادىر تىما ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-24 06:17

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش