ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2304 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئاخشام ئوينالغان مۇسابىقىدە چېلسى 1-0 ئېۋىرتۇننى مەغلۇپ قىلدى. مۇسابىقىدىن كىيىن ئىۋاننوۋىچ مۇنازىرە تىمىسى بولۇپ قالدى. مەيداندىكى كىشىلەر ئىۋاننوۋىچ ئېۋىرتۇن توپچىسى ماكايىنى چىشلىۋالدى دەپ قارىغان. مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ توپچىلىرى توقۇنۇشۇپ قالغان، ئىۋاننوۋىچ بولسا توپچىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتكەن.
مۇسابىقىدىن كىيىن ماكايى چىش ئىزىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان، لىكىن ئۇ ئۆزىمۇ ئىۋاننوۋىچنىڭ ئۆزىنى چىشلىۋالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمەيدىكەن. بۇ ئىش ئېنگلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئەگەر ئىۋاننوۋىچنىڭ ئادەم چىشلىگەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلسە، چېلسىنىڭ بۇ توپچىسى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلىنىدىكەن.
مۇسابىقىدىن كىيىن BBC مۇخبىرلىرى ئىۋاننوۋىچنىڭ بۇ ئىشى توغرىسىدا سۇئال سورىغاندا مورىنىئو ئاچچىقلىنىپ كەتكەن ھەمدە « بۇ ناھايىتى كۈلكىلىك ئىش، چاقچاق قىلماڭلار. ئەگەر سىلەر مۇشۇ ئىش بىلەن قالساڭلار، مەن بۇ يەردىن ئايرىلىمەن، سىلەرمۇ خۇشال بولمايسىلەر. بىز پەقەت ئېۋىرتۇن بىلەن بولغان مۇسابىقە توغرىسىدىلا سۆھبەتلىشىمىز، ئەسلى ئېۋىرتۇن توپچىسى بالى قىزىل كارتىغا ئېرىشىشى كىرەك ئىدى، چۈنكى ئۇ ئالدىنقى يىرىم مەيداندا خازاردنى ئىتتىرۋەتكەن. قارشى تەرەپ قائىدىگە خىلاپ ھەركەتنى كۆپ ئىشلىدى، بىراق رىپىر بەزى ھەركەتلەرنى كۆرمەسلىككە سالدى. سىلەر مۇسابىقە فىلىمىنى قايتا كۆرسەڭلار، ئىۋاننوۋىچنىڭ ھەركىتىنىڭ قائىدىگە خىلاپ ئەمەسلىكىنى بىلىسىلەر » دىگەن. |
|