akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1353|ئىنكاس: 51

مېسسى يەنە 3 تۈردە رىكورت بۇزدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تېڭشۈن تەنتەربىيىسى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى خەۋىرى

ئاخشام ئوينالغان شاھلىق لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىدا  مېسسى 1 توپ ئۇرۇپ 1 پاس چىقاردى . بۇنىڭ بىلەن بۇ ئارگېنتىنالىق چولپان 3 تۈردە رىكورت ياراتتى  .   يەنى ئۆز مەيدانى نوكەمپۇدا  ئۇدا  9 مەيدان توپ ئۇردى  ،  ئۇدا 7 پەسىل  50 توپنىڭ كىرىشىگە  ياردەمچى پاس بەردى ياكى تۈرتكىلىك رول ئوينىدى ،  ئۇدا 6 پەسىل  ئۆز مەيدانىدا ئۇرغان توپى 20 دىن ئاشقان بىردىنبىر توپچى بولۇپ قالدى  .  2015- يىلىدىكى 10 مەيدان مۇسابىقىدە  مېسسى  11 توپ ئۇرۇپ 8 پاس چىقاردى ھەمدە رونالدونىڭ 4 توپ ، 1 پاسنى   بىر ھەسسىدىن ئارتۇق قاتلىدى . ئاخشام كەلگەن نوقتا  توپنىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن نېيمارغا ئۆتۈنۈپ بەردى .  مەيلى كەيپىيات ياكى  ئىپادە جەھەتتىن بولسۇن يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان مېسسى رونالدونى كەينىگە تاشلىۋەتتى  .  

بۇ مېسسىنىڭ بارسېلونا ھاياتىدىكى 500- مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ  457 مەيدان ھەر تۈرلۈك مۇسابىقە ۋە 43 مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئالاھىدە بىر تاماشىبىن كىشىلەرنىڭ  كۆزىگە چېلىقتى  . بۇ مەستانە مېسسىنىڭ 500 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغانلىقىنى تەبرىكلەپ ئۇچىسىغا  تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنى دوراپ  كىيىم كىيۋالغان .  قولىدا  ( مېسسى مەن سېنى دەپ يەرشارىغا كەلدىم  ، ماڭا سېنىڭ كىيمىڭ لازىم ) دېگەن پىلاكاتنى كۆتۈرۋالغان .  بۇ بارسېلونا مەستانىلىرىنىڭ ئالاھىدە تەبرىكلەش ھەرىكىتى بولۇپ ئادەتتە مېسسىنى پۇتبول مەيدانىدىكى  تاشقى پىلانېت ئادىمى دەپ چاقىرىشىدۇ .  
مېسسى بۇ پەسىل ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە  34 توپ ئۇرۇپ بولدى  .  9 مەيدان ئۆز مەيدانىدا ئۇدا توپ ئۇرۇپ  9 مەيداندا جەمىي 14 توپ ئۇردى  . بىلىيارېئال بىلەن ئوينالغان يېقىنقى  2 مەيداننىڭ ھەممىسىدە توپ ئۇرغان بولۇپ جەمىي 6 توپ ئۇردى . 2015- يىلى كىرگەندىن بۇيان مېسسى 12 توپ ، نېيمار 9 توپ ئۇرۇپ  بۇ ئىككى چولپان قىسقا ۋاقىتتىلا 21 توپ ئۇرۇپ بولدى  ھەمدە  خانلىق مادرىتنىڭ پۈتۈن كوماندا ئەزالىرى ئۇرغان توپتىن ئېشىپ كەتتى (17 توپ)   .
مېسسى بۇ توپ بىلەن شاھلىق لوڭقىسىدا ئۇرغان توپى 36 گە يېتىپ  رىۋايەتلىك ھۇجۇمچى ئولوسىيو - مارتىنىسنىڭ شاھلىق لوڭقىسىدا ئۇرغان توپى بىلەن تەڭلەشتى .
بۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىش ۋاقىت مەسىلىسى خالاس . مارتىنىس بولسا  نوكەمپۇ مەيدانى قۇرۇلۇپ شاھلىق لوڭقىسىنىڭ تۇنجى مەيدانىدا توپ ئۇرغان توپچى ھېساپلىنىدۇ .  مېسسى ئۇدا  7 پەسىل قاتناشقان توپى 50 دىن ئاشقان توپچى بولۇپ  بۇ تۈردىكى ئەڭ يۇقىرى رىكورتى  2011-2012 مۇسابىقە پەسلى 102 توپنىڭ كىرىشىگە قاتناشقان  بولۇپ  مېسسىنىڭ پەخىرلىك رىكورتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ  .  مېسسى ئۇدا 6 پەسىل ئۆز مەيدانىدا ئۇرغان توپى 20 دىن ئارتۇق توپ ئۇرغان بولۇپ  بارسېلونا ئۈچۈن جەمىي 388 توپ ئۇرۇپ بولدى .  بۇسان  بارسېلونا مەرگەنلىك رەت تەرتىۋىدە 3- ئورۇندا تۇرىدىغان كۇبالانى 2 ھەسسە  قاتلىدى .  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +1 يىغىش سەۋەبى
temsack + 1 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:00:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ تىمىنى ئوبدان يېزىپسىز. لېكىن، مەن بۇنى يېزىشتىن ئاخشامقى شاھلىق لوڭقىسى خەۋىرىنى يازمىغانلىقىڭىزغا ھەيران قالمىدىم. تۈنۈگۈنمۇ مىسسى توغرىسىدا بىر تىما يازغانتىڭىز.

  يەنە مۇشۇ ئىنكاسىمغا قارشى مۇقام توۋلايدىغانلار بولسا مەرھەمەت!

   ئىنگىلاند بىرلەشمىسى خەۋىرى تېخى يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:20:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشقىن مىسمىچاق ئىپادەڭ يامان ئەمەس، لىكىن نوجتا توپنى ئۇرلايدىغان ئادەم ئۇرمىسىمۇ بولمايدىغان چېۋا ، نىيمار ئۇرالماي ئولتۇرۇپتۇ ئەينا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:42:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلىرى بارسىلونادا توپ تەپمىسە بۇزالمايدىغان رىكورتلاركەن.  بەزىلىرىنى زورلاپ رىكورت قىپ قويغاندەكلا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:42:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:02:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس گەپنى قىلغاندا رىكود نىڭ پەيزىنى قويمىدىغۇ بۇلا،كۈندە دىگۈدەك رىكود
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-12 12:04:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوغدا يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 12:00
بۇ تىمىنى ئوبدان يېزىپسىز. لېكىن، مەن بۇنى يېزىشتىن ئ ...

بۇ تېمىنى تېلفۇندا يازغان دەڭە باشلىق ،  مۇسابىقە خەۋىرىنى يازاي دېسەم تېلفۇندا سىن كۆرىنىشىنى قىستۇرغىلى بولمايدىكەن  شۇڭا باشقىلارغا ئېلىپ قويدۇمغۇ ئۇ  تېمىنى خەتلىك يېزىپ ئەۋەتسەممۇ ھېلى سىن فىلىمىنى قوشۇپ باشقا بىرى يوللىسا ئۆچۈرۈلىدىغان گەپ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
بوغدا + 100 داۋاملىق تىرشىڭ

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:06:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسېلونا يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 12:04
بۇ تېمىنى تېلفۇندا يازغان دەڭە باشلىق ،  مۇسابىقە خەۋ ...

  ھە بۇلىدۇ. تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:06:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىيمار تاز نۇقتا توپنى ئۇرالماپتۇ ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:07:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوغدا يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 12:00
بۇ تىمىنى ئوبدان يېزىپسىز. لېكىن، مەن بۇنى يېزىشتىن ئ ...

مەن يېزىۋىتەي، ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ خەۋىرىنى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
بوغدا + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:09:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسەن مىسسى رىكورت دىگەننىڭ كۆگىلىكىنى كۆرسىتىۋىتىپ  بارسەنغۇ زادى ، ھەركىتىڭنى داۋاملاشتۇر بۈرگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:12:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام بارسىلونا بەك ياخشى ئوينىدى ۋېللارېئالنىڭ مۇداپىيەسىمۇ قالتىس بولدى نۇرغۇن ھۇجۇملارنى بىر تەرەپ قىلىۋەتتى.سۇئارىزنىڭ ئىپادىسىمۇ ياخشى بولدى لېكىن نىمىشقىكىن بۇبالا ۋارتار ئالدىدا بەك تېنەيدىكەن،بىر نەچچە ياخشى پۇرسەتلەرنى ئىسراپ قىلىۋەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:17:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:18:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 14:09

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش