akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1061|ئىنكاس: 40

ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسىنىڭ ۋاقتى ئېلان قىلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 01:20  

88970524.jpg

ئىسپانىيە ۋاقتى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىسپانىيە كەسپىي پۇتبول بىرلەشمىسى بۇ پەسىلدىكى 2-قېتىملىق دۆلەت دېربىيسىنىڭ مۇسابىقە ۋاقتىنى ئېلان قىلدى. شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 21:00 دە (شىنجاڭ ۋاقتى 23-چىسىلا سەھەر 2:00 ) بارسىلونا كوماندىسى نوۋكەمپودا خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنى كۈتىۋالىدىكەن. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىسپانىيە بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىنى بەلگىلەشتىكى ھالقىلىق بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
19300534101096134423789066518.jpg

20150210201009_79312.jpg

خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 16 كۈچلۈكتىكى 2-ئۇچىرىشىشى شالىك 04 كوماندىسى بىلەن 3-ئاينىڭ 10-كۈنىگە بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ مۇسابىقىدىن كېيىن شۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىرلەشمىدە لەيۋەنىت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ، شۇنداق بولغاندا دۆلەت دېربىيسى باشلانغۇچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە باشقا ھېچقانداق ۋەزىپىسى يوق.
ئەمما بارسىلونانىڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بىر ئاز زىچ. 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بارسىلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن ئۇزغۇنلۇقنىڭ 8 كۈچلۈكلەر بېلىتىنى تالىشىدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىنلا دۆلەت دېربىيسىغا تەييارلىق قىلىشى كېرەك، ياخشى بولغىنى بۇ پەسىللىك 2-قېتىملىق دېربىي شۇ يەر ۋاقتى يەكشەنبە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەگەردە شەنبە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغاندا بارسىلونا كوماندىسنى ئارانلا 2 كۈن دەم ئالالايدۇ دېگەن گەپ.
ئالدىمزدىكى بۇ 2-قېتىملىق دۆلەت دېربىيسى بىۋاستە ھالدا بىرلەشمىنىڭ چېمپىيۇنىنى بەلگىلەپ قويۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. نۆۋەتتە مادىرىد كوماندىسى بىرلەشمىدە ئەڭ ئالدىدا كېتىپ بارماقتا، ئەمما كەينىدىكى بارسىلونا بىلەن بولغان نومۇر پەرقى ئاران 1 نومۇر. دېربىي باشلانغۇچە مادىرىد كوماندىسى بىر ئاز قىيىن بولغان مۇسابىقىلەرنى كۈتىۋالىدىغان بولۇپ، ساھىبىخان مەيداندا لاكرونىيە، ۋىللارېئال ۋە لەيۋەنىت، مېھمان مەيداندا ئېلچى ۋە بېلباۋ رىقابەت بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. سېرىق سۇ ئاستى كېمىسى بىلەن بېلباۋ رىقابەت مادىرىد كوماندىسىنىڭ ئىلگىرلىشىگە توسالغۇ بولالىغۇدەك كوماندا.
مادىرىد كوماندىسىغا قارىغاندا بارسىلونانىڭ ئالدىمىزدىكى مۇساپىسى بىر قەدەر يەڭگىل، دېربىيدىن بۇرۇن بارسىلونا ئۆز مەيدانىدا لەيۋەنىت، مالاگا ۋە ۋاللىكانو كوماندىلىرىنى كۈتىۋالىدۇ، مېھمان مەيداندىكى رەقىپلىرى بولسا بىرلەشمىدىكى ئوت كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغان گېرانادا ۋە ئەيباردىن ئىبارەت. گەرچە مالاگا بىلەن ئەيبار بىرلەشمىدە 7- ۋە 8-ئورۇندا كېتىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما بارسىلونانىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىپادىسىگە قارىغاندا بۇ كىچىك كۇلۇپلاردىن نومۇر كەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 12:05:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aslap يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 11:37
بۇ يەردە دىيلۋاتقىنى دۆلەت دىربىسىنىڭ ۋاقتى، سىز ئاخ ...

مۇناسىۋەتسىز  دەپ  كەتكىلىمۇ   بولمايدۇ.       سەھەردىكى بارسىلونا  ئويناۋاتقان  شاخلىق  لوڭقىسى،  سىلە  گىپىنى  قىلۋاتقان   دىربەمۇ  بارسىلونا  ئوينايدىغان  دىربە.  دىمەك   بۇ  ئاتايىتىن   نەقىل  قىلىپ   دەپ  قويدىغان  ئىشمۇ  ئەمەس. ئارلىشىدىغان  ئىشلارغا  ئارلىشايلى  ؛مەسىلەن   بۇ  پۇتبول  مۇنبىرىگە  نىم  دەپ   پۇتبولغا  مۇناسىۋەتسىز   ۋادكىتبول تىمىسى  يوللايسىز.......؟   دىگەندەك.        ئەمدى  نەقىل  لازىم  ئەمەس .....رەھمەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 09:22:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا بارسېلونا يىڭش ئۈچۈن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 09:21:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىسلونا غەلبە قىلىشى مۇمكىن بۇ پەسىل بۇلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۋاتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 05:25:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1~3بارسېلونا    غىلبە  قىلدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 01:39:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ   دېربىدا   ئۇتتۇرماسلىققا   ئىشەنچىم   تولۇپ   تېشىپ   تۇرۋاتىدۇ  ……بىر   خىل   سېزىم   بارمەندە   چوڭ   غەلبىنى   كۈتۈۋالدىغاندەك   ئىشقىلىپ  ئالتىنچى   سەزگۈرۈم   قوزغىلىپ   قالدىمۇ  ئۆزەمچە……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 01:21:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 01:25  

ھەرقېتىملىق دېربىيدا ئاغىنىلەر جەم بۇلىمىز  مۇسابىقە باشلانغۇچە پۇتبول توغۇرلۇق گەپ سۈزىمىز تۈگىمەيدۇ، ئۆزىمىزنى قۇيۋېتىپ چۇشقۇن كەيپىياتتا مۇسابىقە كۈرۈمىز. تۆتىمىز مادىردچى، ئىككىسى بارساچى. مۇسابىقە نەتىجىسى قانداق بۇلىشىدىن قەتتئىينەزەر ئىناق دوسلاربىز، ئاللاھ خالىساھ بۇقېتىممۇ ئۆزەم توغۇرلايمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 01:08:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دېربىدىن بۇرۇن بارسېلونا چۇقۇم ئالدىغا ئۆتىۋالسا ياخشى بولاتتى،  بولمىسا دېربىدا مەغلۇپ بولسا بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنلۇقى تەسكە توختاپ قالىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 01:16:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
37-ئايلانما مۇسابىقە مىنىڭچە چېمپىيونلۇقنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم مۇسابىقە ، ھەم بىزنىڭ پۇتىمىزنى ئالماپ ئولتۇرۇپ كۈردىغان مۇسابىقە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 01:18:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا  مادىرىد  بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇق ئۇچۇن ،ئەڭ موھىمى  مودىرىچ ،پى پى ،راموسلار تىزراق  ساقىيىپ دېربىگە قاتناشسا بولاتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 01:18:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار ،مىنىڭ تېمامنى تەستىقلىمايسىلەرغۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-12 01:23:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 01:21
ھەرقېتىملىق دېربىيدا ئاغىنىلەر جەم بۇلىمىز  مۇسابىقە  ...

مەستانە دېگەن مانا سىلەردەك بولمامدۇ دەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 01:30:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە ۋاقتى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 10 دىن11گىچە ۋاقىتلىغا توغرا كەلگەن بولسا نىمدىگەن ياخشى بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 01:32:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 01:23
مەستانە دېگەن مانا سىلەردەك بولمامدۇ دەيمەن

رەھمەت ئەمىليەتتە مۇنبەردىمۇ بىر-بىردىن ئىسىل مەستانىلەركۆپكەن.   ئوسما كىتىپ قاش قالىدۇ، سۇكىتىپ تاش قالىدۇ. دىگەندەك   مۇسابىقە تۈگىسە يەنىلام سىز بىلەن بىز قالىمىز ئەمەسمۇ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 01:34:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىدنىڭ ياردارلىرى تىزراق ساقىيىپ دىربىيغا تەييارلىق قىلسا بولاتتى ، ھەممىدىن مادرىد ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ  دىربىغىچە ياخشى ئويناپ ئۆزىگە تۇلۇق ئىشەنىچ تۇرغۇزالىسا ،  ئۇندىن كىيىنكىنى شۇ ۋاقىتتا كۆرىمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 01:40:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابقە ۋاقتى بەك سەھەرگە توغرا كەپ قالمىسا بولاتتى ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 14:14

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش