elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1576|ئىنكاس: 45

ئوڭۇشسىز شارائىتقا تولغان پۇتبولىدىن ھاياتلىق ئىزدەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باشئەگىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 03:46  

u=1267508726,1379226443&fm=21&gp=0.jpg

    شىمالىي قۇتۇپنى تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا،كاللىمىزدا بىردىنلا ۋاسسىدە لەيلەپ پەيدا بولىدىغىنى دەل جىمجىتلىققا تولغان،ھەم جاندىن ئۆتىدىغان بىر خىل سوغۇق ئېقىم پەيدا بولىدۇ،بۇلارنى ئەسلەپ ئۆتكىنىمىزدە ئەسەت.سۇلايمان ئەپەندىنىڭ "ئۆزلۈك ۋە كىملىك" ناملىق كىتاۋىدىكى شىۋىستىيە،ۋە شىۋىتسىيە پۇقرالىرى ۋە شۇ بىر قاتار سىكاندىناۋىيە ئاراللىرىغا جايلاشقان ۋە شىمالى قۇتۇپقا يېقىن بولغان بىر قاتار رايونلار ئېسىمىزگە كېلىدۇ،بۇ دەرھال بەدىنىمىزدە بىر خىل توخۇ ئېتىنى غىپپىدە چىقىرىشىمىزغا شەرت ھازىرلىشى مۇمكىن.ئەمما بۇ جايدا بىز ئاجايىپ گۈزەل ۋە سىرلىق بولغان بىر خىل نۇرنى بايقايمىز،كىشىنى مەپتۇن قىلىۋالغۇدەك مەنزىرە ۋە خۇددى بۇ يۇمىلاق ئاسمان جىسىمى بولغان يەرشارىدىن ئايرىلىپ تۇرغان دېڭىز قولتۇقلىرى ۋە ئىگىز كەتكەن تاغلار بىزنىڭ كۆزىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ئەلۋەتتە.
ئىلاۋە ، بۇنداق مۇھىت بىلەن پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى تەنتەربىيە تۈرى چوقۇملا بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز خالاس.ئەممە سىكاندىناۋىيەنىڭ شىمالىيدىكى بىر كۇلۇب ئۆزىنىڭ ئامىراق بولغان پۇتبولى سەۋەبىدىن مۈشكۈل ۋە جاپالىق بولغان شەرتلەر،چەت يەردىكى جايلاشقان ئورۇن ۋە چەملىك بولغان بايلىقلار بىلەن كۆرەش قىلماقتا.
     شىمالىي قۇتۇپنىڭ رادىكال بولغان ھاۋا كىلىماتى مانداقلا بىر ئىش ئەمەس،قىش پەسلى ئۇزۇن،كۈنلەپ قار يېغىپلا تۇرىدۇ،كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى بەكمۇ قىسقا، ياز پەسلى بولسا تېخىمۇ قىسقا، كۈن نۇرىنىڭ ئەڭ تىك چۈشكەن يۇقىرى پەللىسىمۇ بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزنىڭ ئەتىياز ۋە يېڭى كۈز كىرگەن ۋاقىتتىكى چۈشۈش نۇرلىرىغا ئوخشاش، دىمەك ئاجىز، قىش پەسلىنىڭ قېلىن قارلىرى ۋە ئۇزۇن كېچىلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشلارغا كۆپلىگەن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە،ۋە يەنە چىمنىڭ ئۆسۈشىگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ،ھەر دەرىجىدىكى پۇتبول پائالىيەتلىرى تەبىئيلام ئەڭ ئالدىدا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. سۈنئىي چىم بولسا تېخى پۈتۈنلەي ئومۇملاشمىغان، ھەم تەننەرخىمۇ ئۆرە، شۇڭلاشقا پۇتبول پەقەت ياز ۋاقتىدىكى كۆڭۈل ئاچىدىغان، ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىدىغان بىر تۈر بولۇپ قالغان. بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە يەنى پۇتبولنى خاتىرجەم تەپكىلى بولىدىغان قىلىش ئۈچۈن، سىكاندىناۋىيە ئارىلىدىكىلەر مۇسابىقلارنى ئاساسلىق 3-4 ئايلاردىن 11-ئايغىچە تېپىدۇ.شىمالىي قۇتۇپتا نۇرغۇن ئىشلار ئاساسەن قىيىنلىشىپلا ماڭىدۇ، نوپۇس جەھەتلەردىمۇ ئۈستۈنلۈك يوق. گەرچە نورۋىگىيىنىڭ شىمالىي تەرىپىنىڭ چوڭلىقى بىر ئېنگىلاندقا تەڭ بولسىمۇ ئەمما نوپۇسى 500 مىڭغىمۇ يېقىنلاشمايدۇ، فىنلاندىيىدىكى لاپۇلاند ۋە شىۋىتسىيىنىڭ شىمالىيدىكى رايونلارمۇ ئاساسەن ئوخشاش، يەر كۆلىمى چوڭ ئەمما نوپۇس ئىنتايىن ئاز، ھەم چېچىلاڭغۇ، شەھەرلەر كىچىك ھەم ھەر دائىم ئىزولياتسىيىلىك، ھازىرچە 4 ياۋروپا دۆلىتىنىڭ شىمالي قۇتۇپتا ئارانلا ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىلەردىكى كۇلۇب بار،بۇ ئىككىسى ھەممىسى نورۋىگىيە كوماندىللىرى.
    شىۋىتسىيە بىلەن فىنلاندىيە بىرلەشمىللىرىنىڭ ئېنىق بولغان ھەم ئايرىلغان جەنۇب شىمال چەك چىگرالىرى بار،قانچە شىمالغا ماڭغانسېرى نوپۇس ۋە كۇلۇبلار شۇنچە ئاز،شىمالىي قۇتۇپ دەل ئېنىق بولغان بىر نەتىجىدۇر،شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي رايونلىرى ۋە روسىيىنىڭ مورمانسىك رايونلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىلەردە تۇرۇشلۇق كۇلۇبلىرى يوق،جۇغراپىيەلىك ئامىللار بۇ رايونلارنىڭ پۇتبولىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زور توسقۇنلۇق قىلغان،ئەمما بەزىبىر كۇلۇبلارنىڭ ھېكايىللىرى "ئېشىڭ پىشمىسا مەيلى،ئەمما ئىشىڭ پىشسۇن" دىگەن ماقاللارنى ئەسلىتىدۇ.دىمەك قەيسەر بولغان كۇلۇبلارمۇ مەۋجۇد ئەلۋەتتە.
     بۇ رايوننىڭ شىمالىدىكى كۇلۇبلار ئارىسىدا ، نورۋىگىيە بولسا ۋەكىل خاراكتېرلىك ھېسابلىنىدۇ،ئەمما نورۋىگىيەنىڭ كۇلۇبلىرى تارىخى بىر زەردارلار ئەمەس.نۇدلان،تىرومۇس،فىممارك قاتارلىقلار نورۋىگىيىنىڭ شىمالىيغا جايلاشقان، 1972-يىلىنىڭ ئالدىدا بۇ رايونلاردىن كەلگەن كۇلۇبلار ئەزەلدىن يۇقىرى بولغان نورۋىگىيە بىرلەشمىسىگە قاتنىشالمايتتى،سەۋەبى بولسا بىر خىل ئىدىيە ئۇلارنى نوپۇس زىچلىقى زور بولغان جەنۇبتىكى كۇلۇبلار بىلەن رىقابەتلىشەلمەيتتى،سەپەرنىڭ قىيىن ۋە مۇھىتنىڭ ناچارلىقىمۇ بىر سەۋەب ئىدى.ئېلىپ ئېيتساق 2015-يىلى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان نورۋىگىيە بىرلەشمىسى ئورنى ئەڭ جەنۇبتا بولغان كۇلۇپ IKسىردا ۋە ئەڭ شىمالغا جايلاشقان تىرومۇس كۇلۇبىنىڭ ئارىلىقى 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق كىلەتتى،بۇ دەل بېرلىن بىلەن موسكىۋانىڭ ئارىلىقىغا تەڭ ئىدى،بۇنداق شارائىت ئاستىدا شىمالدىكى كۇلۇبلار مۇتلەق تۆۋەن تەرەپتە تۇراتتى،ئۇلار قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشىپ كەتكەن،ھەر دۆلەتنىڭ داڭلىق زەردار كۇلۇبلىرىدەك چوڭ كۇلۇبلار ئەمەس،ئەمما ئۇلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۇلارنىڭ چوقۇم يۇقىرى بولغان سوممىغا تايىنىپ يول مېڭىشىغا مەجبۇر قىلاتتى.
     شىمالىي رايوندىكى كۇلۇبلار 1970-يىلىدىن تارتىپ نورۋىگىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىللىرىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن،شىمالىي رايوندىن كەلگەن ئۈچ كوماندا بۇ بىرلەشمىگە قاتناشتى،ئۇلار تىرومۇس كوماندىسى،بورد.گرۇمۇند ۋە موچنار كوماندىللىرى،بۇنىڭدىن بۇرۇن نورۋىگىيە شىمالىي رايونلىرىدىكى مۇسابىقلارنى ئويناپ كەلگەن بۇ كوماندىلارنىڭ نەتىجىسى ناچار بولمىدى،ئەكسىچە ئوخشاش بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.ئەمما ھېچقايسى شىمالدىن كەلگەن كوماندىلار تېخىچە شۇنچىلىك جاپاسىغا چۇشلۇق چىمپىيونلۇقنى ئېلىپ باقمىدى،بۇ يىل نورۋىگىيىنىڭ شىمالىدىكى رايوندىكى كوماندىلارنىڭ ئىچىدە تىرومۇس شىماللىقلار ئۈمۈد كۈتىدىغان بىر كۇلۇب بولۇپ قالدى.بۇ كوماندا ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ شىمالغا جايلاشقان يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى كوماندا ھېسابلىنىدۇ،بۇ رېكورتنى ھازىرغىچە ھېچكىم بۇزۇپ باقىمىدى ئەلۋەتتە.شىمالىي قۇتۇپقا ئىچكىرلەپ 350 كلومېتىر كىرىپ كېتىدۇ.تىرومۇسنىڭ كۆپ رايونلىرى گۈزەل بولغان تىرومۇس ئارىلىغا جايلاشقان.ئۇزۇن كەتكەن كۆۋرۈك ئارقىلىق نورۋىگىيە بىلەن ئىسلاندنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.ئىللىق بولغان ئېقىمغا ئۇچرىسىمۇ ، ئەمما تىرۇمۇسنىڭ ھاۋا شارائىتى يەنىلا بەك ناچار دىيىشكە بولىدۇ.
    2005-يىلى چىمنىڭ سۈپىتى ياخشى دەرىجىدە ساقلاپ قالالمىغان تىرومۇس كۇلۇبى ئۆز مەيدانى بولغان ئارفو مەيدانىنى سۈنئىي چىم قىلىپ ئۆزگەرتتى،يەر ئىسسىتىشتىن ئۈنۈملۈكمۇ پايدىلاندى، 2005-يىلىنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا قىشنىڭ قېلىن قارلىرىنىڭ سەت گەپ قىلسا باسقۇنچىلىق قىلىشى سەۋەبىدىن تىرومۇس كۇلۇبىنىڭ مەيدانى بىر دۆۋە پاتقاققىلا ئايلىنىپ قالدى.بۇ ھال دەرھاللا باشقا كۇلۇبلارنىڭ تىل ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.شىمالىي تەرەپنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرى بىر جەڭ ھېسابلىناتتى، كۇلۇبنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت تۇرمۇشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلاتتى، بىرلەشمىنىڭ ئوتتۇرىدىكى بىر مەزگىللىك دەم ئېلىشتا كۇلۇبلار ئۈچۈن بەدەن قىزىتىش مۇسابىقلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ كۇلۇبنىڭ بېشىنى قاتۇراتتى، بۇ رايوننىڭ ناچار كىلىماتى جەنۇبىي رايوندىكى ئىلغار توپچىلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپلا قالماستىن، شىمالدىكى كۇلۇبلارنىڭ جەنۇبىي رايوندىن چىققان داڭلىق توپچىلارنى يۆتكەپ كېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە. شۇڭلاشقىمۇ تىرومۇس كوماندىسى ياشلار بازىسىدىن ئىش باشلاشنى قارار قىلدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇشۇ شىمالىي رايوننىڭ ناچار كىلىماتلىرى،قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن تىرومۇس كوماندىسىدىن چىققان توپچىلار ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم جەسۇر كىلەتتى. ئەمما دۆلەت كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك جەنۇبلۇقلار ئىدى،ئۇلار خۇددى بىرلەشمىنىمۇ ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالغاندەك دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىنىمۇ ئېلىۋالغاندەك قىلاتتى، بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. تىرومۇس كوماندسىنىڭ 22 ياشلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى توماس.دىرىچ 2012-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا يەرلىك ئاخباراتلارنىڭ ئاساسەن جەنۇبتا ئىكەنلىكىنى،شىمالدىن چىققان توپچىلارنىڭ خەلىقئاراغا يۈزلىنىشىنىڭ تەسلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن. ئەمما تىرومۇس كوماندىسىمۇ بوش كەلمىدى. نۇرغۇن يىللار جاپالىق تۇرمۇشنىڭ بەدىلىگە ئۇلار 1986-يىلىدىكى ۋە 1999-يىلىدىكى نورۋىگىيەنىڭ لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردا تېخى ياۋروپا ئىتتىپاق بىرلەشمىسىگە قاتناشتى. گەرچە 2013-2014 پەسلىدە دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ،ئىتتىپاق لوڭقىسىدا ئۇلار توتتىنھام قاتارلىق بىر قانچە زەردارلار بىلەن جەڭ قىلىش شەرىپىگە ئېرىشتى ، ئەمما گۇرۇپپىدىنلا شاللىنىپ كەتتى.
   كۆپ يىللاردىن بۇيان، چېلىسى، بېشىكتاش، گالاتا ساراي، بېلگىراد قاتارلىق ياۋروپا داڭلىق زەردارلىرى مۇشۇ تىرومۇس مەيدانىدا توپ يۇمىتىلىپ باققان. بۇلتۇر ترومۇس كوماندىسى دەرىجە ئۆرلىگەندىن كېيىن 4-ئايدىن باشلاپ ئۇلار دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ئاتلىنىپ كېتىدۇ ئەلۋەتتە. جەنۇبتىكىلەر بىلەن قان جەڭ قىلىشىپ ياۋروپا مۇسابىقلىرىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشش ئۈچۈن  كۈچەپ باقىدۇ. نورۋىگىيە شىمالىيدىكى كوماندىلار تىرىشىپ تىرمىشىپ بىر ئىشلارنى قىلىپ باقىدۇ، ئەمما شىمالىي قۇتۇپنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى كۇلۇبلار بۇلاردەك تەلەيلىك ئەمەس.
     مورمانسىك بولسا شىمالىي قۇتۇپتىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ رايوننىڭ نوپۇسى يىلدىن يىلغا تىك سىزىق بويىچە چۈشۈۋاتماقتا،بۇ شەھەر ئاساسلىق ئايرو يوللانما،بېلىقچىلىق پورتلىرى،يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ۋە پويىز ئارقىلىق موسكۋا ۋە باشقا رايونلارغا بارالايدۇ، ئەمما ئورنى بىر قەدەر چەتكە جايلاشقان.بۇلارنىڭ پۇتبول كۇلۇبى بۇلتۇر ۋەيران بولدى،كۇلۇب بولسا توپا چاڭدەك توزاپ كەتتى،بۇ كۇلۇب دەسلەپ روسىينىڭ 3-دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە جان كەچۈرەتتى،ئەمما ئاساسلىق ياردەم كۈچى بولغان ھۆكۈمەت ئاكىسىنىڭ يېتەرلىك بولغان مەبلەغنىڭ كام بولۇشى سەۋەبىدىن بۇلارنىڭ قەدىمى توختاپ قالدى.بۇ كۇلۇب ئېنىق ھالدا شىمالىي قۇتۇپ كوماندىللىرىنىڭ ئېغىر تالاپەتلىرىنى بىزگە ئىسپاتلاپ بەردى ۋە بېرىۋاتماقتا.مەبلەغ كەمچىل،مۇھىت ناچار،ئورۇن يىراق.ئوخشاشلا شىمالىي قۇتۇپقا تەۋە بولغان باشقا كۇلۇبلار شۇ رايوننىڭ نوپۇسى ئاز بولۇشى سەۋەبىدىنمۇ دۈم كۆمۈرۈلمەكتە ۋە بەزىللىرى ئالغا ئېغىر قەدەملەر بىلەن مېڭىپ ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشماقتا.مەسىلەن،شىۋىتسىيىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گىرۈينا كوماندىسى شىۋىتسىينىڭ 5-دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە جان كەچۈرىدۇ،فىنلاندىيىنىڭ شىمالىيدىكى رايونلارغا قارىساق پۇتبولغا قارىتا بىر چۆل جەزىرىنى بايقايمىز.بىر نوپۇسى 25000 غىمۇ بارمىغان بىر رايوننىڭ نوپۇسى زىچ بولغان،تەرەققىيات تېز بولغان،شارائىت ياخشى بولغان جەنۇبتىكى كوماندىلار بىلەن قانداقمۇ ئېلىشىپ تۇرالىسۇن،قانداقمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالىسۇن؟!
     بۇ بىر قاتار مىساللار ئاشۇ مۇۋەپپىقەتنىڭ ئاچقۇچى بولغان ھىكايىلەرنىڭ ئاسانغا يېزىلمىغانلىقىنى ، كىچىك كۇلۇبلارنىڭ شىددەتلىك گۈلدۈر قاراس بوران چاپقۇنلاردىن قورقماي دانكودەك ئىلگىرلىيەلىشى،چەت ياقىدىكى رايونلارنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى ۋە مالىيە مەسىلىلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاران كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.شىمالىي قۇتۇپ دىگەننى ئاڭلىغان ھامان ھەممىمىزنى بىر خىل سوغۇق،مۇزدەك بىرخىل تۇيغۇ باسىدۇ،ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق،ئەمما  بۇ رايونلارنىڭ پۇتبولىمۇ ئىللىق،يارقىن بولغان بىر خىل نۇرنى چاچىدىغانلىقىنىمۇ ھېس قىلالايمىز ئەلۋەتتە !

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
زېرەك + 50 قالتىس!
نېھال11 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 02:00:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا   مەن بۈگۈن كىمنى كۆردۈم  ، ئەتېگەندىن بۇيان تارتقان قاپاق ئەسلى مۇشۇنىڭ ئۈچۈنكەندە  ،  ھەر تېما ھەر يازمىللىرىمدا سىزنى چىشلەپ تارتىپ يۈرۈپ ئاخىرى قايتۇرۇپ كەپتىمەندە  ،   بەك تاشلىۋەتتىڭلا مۇنبەرنى  ،  ما تېما ۋەھشى ئىسىل چىقىپتۇ  ، ئالدىنقى قېتىم مۇشۇ نورۋېگىيە چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىن بىر كۇلۇب ئىسمىنى ۋىكىڭ دىدىغۇ دەيمەن   مۇشۇ يەردە بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان  ئۇلارنىڭ مەشىقىنى مۇشۇ يەرگە ئۇرۇنلاشتۇرغاندەك گەپلەر بولغان   .
مانا كىلىپلا نادېر تېمىدىن بىرنى تاشلاپسىز  بولسا  ئەمدى مۇنبەردىن يۈتۈپ كەتمەڭ  ، قالغان ئېنتىرچىلارمۇ قايتىپ كەلسە  مۇنبەردىكى ئىتالىيانچىلارنىڭ جېڭى قايتىدىن قىزىپ كەتسە .............. بىر ئېغىز خاتىمە : خۇش كەپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 00:45:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمنى كۆدۈم مەن...بامۇ سەن چىشقاق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 00:36:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-12 00:22:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 22:49:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دونا ئىنىم قايتىپ كەلگىنىڭگە موبارەك بولسۇن. مىنى تونوپ بولدۇڭ ھەقاچان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 22:49:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارلاق دوناكا....قايتىپ كەپسەندە....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 22:50:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahmat-dapanji يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 22:49
دونا ئىنىم قايتىپ كەلگىنىڭگە موبارەك بولسۇن. مىنى تونو ...

چېمپىيونكام نېمە بولدى ساڭا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 22:53:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي پۇتبول مەستانىللىرىنىڭ قېرى  ياخشى ، پۇتبول چولپانلىرىنىڭ يېڭىسى ياخشى دىگەن گەپ راسكەن جۇما ، بىزنىڭ خىيالىمىزغىمۇ كىرمەيدىغان يەرلەرنىڭ پۇتبولنى ،شەت-شارائىتىنى بىزگە تۇنۇشتۇرغىنىڭدىن چەكسىز خۇشال بولدۇق .

پارلىق بۇرادەر مۇنبەرنى تاشلىۋەتمەڭلا ، سىلىدەك ئېسىل باللا مۇنبەرنى تاشلىۋەتسەڭلا بولمايدۇ دەيمەن ، بىر چاغلاردا تاش ئالمىغا بىللە ھۇررا توۋلاپ يۇرگەن چاغلىرىمىزدا ، مۇنبەرگە قوشقان تۆھپىلىرىڭلا ، ھەم مۇنبەرداشلارنى جەم قىلىشقا ئالامەت قوشقان تۆھپەڭلا ئىنتايىن جىق ، تۆھپىكارلار يۇقاپ كەتمەڭلار !!! ئەسلىمە دەيدىغان بىر بالا بارتى شۇ بالىنىڭ قايىتىپ كىلىشىنى بەكلا ئۇمۇد قىلاتتىم ئۇمۇ يۇقاپ كەتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 23:02:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەت گەپ قىلسا باسقۇنچىلىق قىلىشى سەۋەبىدىن تىرومۇس كۇلۇبىنىڭ مەيدانى بىر دۆۋە پاتقاققىلا ئايلىنىپ قالدى
پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچىدە......شۇنچىۋالا سوغوقتا توپ تىپىمىز دىمەي،باشقا ئىشلارنى قىلسىمۇ ئۇلارنى ھەرگىز پۇتبولغا قىزىقىشى يوق قەۋىمكەن،تەنتەربىيەگە قىزىقىشى يوقكەن دىمەستى ھىچىكم...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 23:03:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارلاق      مەن  مۇنبەرگە  يېڭى  ئەزا  بولغاندا  ئىسىل يازمىلىرىڭىزنى   كۇرۇپ  تۇراتتىم    كىيىن  يوقاپ  كەتتىڭىز  .مۇنبەر  مەۋھۇم  دۇيا  تۇرلۇك  ئادەملەر  كىردۇ  .بەزىلەرنىڭ  سۇزىنى  ئىلىك  ئالمىغۇلۇق   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 23:04:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 23:06:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تىرىشچان كىشىلەركەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 23:10:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە  ۋەيرانە  قۇرۇق  قول  كەلمەپسەن  ھە    قارشى  ئالمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 23:23:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىزنى ئ‍اغىنەمنىڭ ئ‍اغزىدىن تولا ئ‍اڭلاپتىم، ھەرنىمە بولسا تىمىڭىزنى كۆرۈپ ئ‍ىنكاس يازالىغىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن، سىز ۋە باشقا كونا ئ‍ەزالارنىڭ قايتىپ كىلشىنى ئ‍ۈمۈد قىلىمەن،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 23:23:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارلاق بۇرادەر، قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز، يوقاپ كەتمەي مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلاردىن ھۇزۇرلاندۇرۇپ تۇرارسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش