ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1686 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پاكزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-11 22:15
2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكىAC مىلەن كۇلۇبى مۇھىم ئەزا ئاباتنىڭ توختامىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇزارتقان بولۇپ، كەلگۈسىدىكى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىكەن.
28 ياشلىق ئابات AC مىلەننىڭ ئۆز كۇلۇبىدىن چىققان پۇتبول چولپىنى، كەسپىي ھاياتىدا AC مىلەن تەرىپىدىن بىر قانچە كۇلۇبلارغا ئىجارە سۈپىتىدە قوشۇلغان، 2009-يىلىدىن باشلاپ ئابات AC مىلەن كۇلۇبىنىڭ ئاساسلىق ئوڭ بېكى بولغان. بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئاباتنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان، لېكىن يېقىندا يارلانغانلىق تۈپەيلى بىرقانچە مۇسابىقىدا مەيدانغا چىقالمىغان، بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ھەر قايسى تەرەپتىن 16 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشكەن.ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئابات شۇ ۋاقىتتىكى باش مەشقاۋۇل شىدورىف تەرىپىدىن ئاساسلىق 11 كىشى ئارىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىنزاكىنىڭ AC مىلەنگە باش مەشقاۋۇل بولۇشى، ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان بېك ئاباتقا قايتىدىن پۇرسەت ھازىرلاپ بەرگەن.
ئاباتنىڭ توختامى ئەسلىدىكى كۈن تەرتىۋى بويىچە بۇيىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، AC مىلەن ئىزچىل ئابات بىلەن توىتامنى ئۇزارتىش توغرىسىدا ھۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇلار توختامنى يەنە 3 يىل ئۇزارتقان بولۇپ، يىللىق مائاشى 2 مىليون ياۋرو ئەتراپىدا بولىدىكەن، بۇ مۇ ئۇنىڭ ھازىرقى يىللىق مائاشى 1.5 مىليون ياۋرودىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن.AC مىلەن بىلەن ئاباتنىڭ سۆھبىتى ئۇزاققا سۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىتالىيەدىكى AC مىلەننىڭ كونا رەقىبى يۇۋىنتۇس ئاباتنى قوشىۋېلىپ ئۆز كۇلۇبىنىڭ مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتمەكچى بولغان، لېكىن AC مىلەننىڭ نەق ۋاقتىدا ئابات بىلەن توختام ئۇزارتىشى يۇۋىنتۇسنى «ئوڭ» دا قويغان. |
|