ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1329 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-11 22:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار!!! بۇ مېنىڭ تۇنجى يازغان تېمام ، قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭلارنى بەرگەيسىلەر.
خانلىق مادرىد قايسى كۈنى مادرىد رىقابەتكە ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن ئەنچىلودى سەپ شەكلى توغۇرلۇق كۆپ گەپ قىلمىغان، بۈگۈنكى خەۋەرلەردە دىيىلىشچە مادرىدنىڭ توپ مەستانىلىرى پىكىر بىلدۈرۈپ 4-3-3 سەپ شەكلى مادرىد رىقابەتكە بىسىم ئىلىپ كىلەلمىگەن تۇرۇپ شۇ مۇسابىقىدە يەنە مۇشۇ سەپ شەكلى قوللانغانلىقىغا نارازى بولۇشقان، ھەمدە مادرىدنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا 4-4-2 سەپ شەكلى ماس كېلدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، بۇ سەپ شەكلىنى قوللىغان مەستانىلەر 90.7% بولغان .
مادرىد رىقابەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن نەچچە سائەتتىن كىيىن رونالدو تۇغۇلغان كۈن مۇناسىۋېتى بىلەن زىياپەت ئۆتكۈزگەن (زىياپەت باغىقى بىر ئاي بۇرۇن تارقىتىلىپ بولغان)، زىياپەتكە كوماندىدىكى بەزى ماھىرلا قاتنىشىپ بەزىلىرى مۇسابىقىدىن بىۋاستە ئۆيىگە كەتكەن ، زىياپەتكە ئوپراتسىيە قىلىنغىنىغا ئەمدىلا 48 سائەت بولغان جامىس رودىرىگىز ، يارلىنىپ داۋالىنىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان مۇدىرىچ ، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە يارلىنىپ ئالماشتۇرۋېتىلگەن ھېدىرا ، قاتارلىقلار قاتناشقان . كۇلۇپ تەرەپ بۇ زىياپەتنى توختۇتۇشنى ئېيتقان بولسىمۇ زىياپەت بىر ئاي بۇرۇنلا ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغاچقا داۋاملىشىۋەرگەن . بۇ ئىشتىن مادرىد رەئىسى ۋە مادرىد مەستانىلىرى ئىنتايىن نارازى بولغان .
يەنە راموس ، ھېدىرا ، جامىس ، مۇدىرىچ قاتارلىقلارنى مادرىد رەھبەرلىرى جازالاشنى ئوتتۇرغا قويغان . مۇدىرىچ مادرىد رەئىسى ۋە تېرىنىردىن ،مەستانىلەردىن كەچۈرۈم سورىغاچقا مۇدرىچ جازالىنىشتىن قۇتۇلغان ، باشقا ماھىرلارغا جەرىمانە قۇيۇلغان (جەرىمانە سوممىسى ئىنىق ئەمەس).
مادىرىد ۋىللىيارىئالغا بۇرۇن ئىجارە بەرگەن دېنىس چېرشېۋ (تەرجىمىدە خاتالىق بۇلشى مۇمكىن) نىڭ ئىجارە ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالغان بۇلۇپ ئۇنى قوشۇۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقان . ھەمدە رونالدو گارىس نىللارنىڭ ئىز باسارى قىلماقچى. بۇ ماھىر ئەينى چاغدا خېسەينىڭ ئورنىدا ئوينايدىكەنتۇق . بۇ ماھىر ۋېللىيارىئالدا ياخشى ئويناۋاتقان بۇلۇپ ئالدىنقى ئايدا 4 توپ ئۇرۇپ 9 پاس چىقارغان .
مەنبە : chempiyonat.com |
|