akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 921|ئىنكاس: 18

سائەت 10:00 دىكى قالتىس نەتىجە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!

     سائەت 10:00 دىكى قالتىس نەتىجە
      
3.png


يېقىندا، ئىسپانىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى،  قىزىقارلىق بىر سانلىق مەلۇماتلارنى سىتاتىستىكا قىلىپ چىققان، نەتىجىدە، بارسېلونا توپ شاھى مېسسىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى سائەت 10:00دا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسى قالتىس بولغانلىقىنى، كىرگۈزگەن توپىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغانلىقىنى بايقىغان.
مېسسىڭ بارسېلوناغا كەلگەندىن بۇيان ئوخشىمىغان 16 خىل ۋاقىتتا باشلانغان ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان. مۇسابىقە باشلىنىش ۋاقتى ئاساسەن،  چۈش سائەت 12:00دىن كەچ سائەت 11:00 گىچە ئارلىقتا بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كەچ 10:00 دا باشلانغان مۇسابىقىلەردە، كىرگۈزگەن توپ سانى ئەڭ كۆپ ئىكەن.
  سائەت 10:00 دىكى مۇسابىقىلەردا ئۇ جەمىئى 78 توپ كىرگۈزگەن، بۇ سان باشقا ۋاقىتتىكى كىرگۈزگەن توپ سانىنىڭ 20.01% ى ئېگىلىگەن، ياۋروپا مۇسابىقىلىرىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى ئاساسەن شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 08:45 ئۆتكەندە باشلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتمۇ سائەت 10:00غا يېقىنلىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتىمۇ مېسسىڭ ئىپادىسى ئوخشاشلا قالتىس بۇلۇپ، جەمىئى 76 توپ كىرگۈزگەن، كەچ سائەت 8:00  ۋە 9:00 لاردا باشلانغان مۇسابىقىلەردا 69 توپ كىرگۈزگەن، ئەجەپلىنەرلىكى، چۈش سائەت  12:00 دە باشلانغان مۇسابىقىلەردە، ئۇ ئاران بىر توپ كىرگۈزگەن، كەچ 10:30 دىن 11:00 گىچە ئارلىقتا باشلانغان مۇسابىقىلەردىمۇ ئاران ئىككى توپ كىرگۈزگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، 1-ئاي مېسسى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاي بۇلۇپ، بۇ بىر ئايدا 56 توپ كىرگۈزگەن، 12 ئاي ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزىدىغان بىر ئاي، ھەپتىنىڭ ئالتىسى بولسا بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن بىر كۈن، يەنى جەمىئى 140 توپ كىرگۈزگەن.


   
ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچ يىللىق تىلۋېزىيە تارقىتىش ھۇقۇقى سېتىلدى

      
2.jpg   

  2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئورگان تورى، كەلگۈسى ئۈچ يىللىق( 2016/17、2017/18、2018/19) ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ تىلۋېزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ھۇقۇقىنىڭ سېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تارقىتىش ھوقۇقىنى ئاسمان تەنتەربىيىسى بىلەن ئەنگېلىيە تىلگىراف شىركىتى سېتىۋالدى، ئومۇمى باھاسى بەش مىليارت 136 مىليۇن فۇنىستىرلىڭ بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاسمان تەنتەربىيىسى ئا، س، د،ئې، گ تارقىتىش نوقتىلىرىنى سېتىۋالغان بولۇپ، 126 مەيداننى ئۇلاپ تارقىتىدۇ،  ئەنگېلىيە تىلگىراف شىركىتى ب، ف نوقتىلىرىنى سېتىۋالغان بولۇپ، 46 مەيدان مۇسابىقىنى ئۇلاپ تارقىتىدۇ.
  ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئېسى رېچارت.سېكىدامورى مۇنداق دېدى:‹‹ ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە جەلىب قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز، مەستانىلەرنىڭ نەق مەيداندىن ياكى تىلۋېزۇردىن مۇسابىقىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى كۆرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرىشىمىز، مەستانىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىشىمىز كېرەك. ئالدىنقى پەسىل بىرلەشمە تىلۋېزىيە ئۇلاپ تارقىتىش جەھەتتە 1949-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتتى، ئاسمان تەنتەربىيىسى ۋە ئەنگىلىيە تىلگىراف شىركىتى ناھايىتى زۇر تىرىشچانلىق كۆرسەتتى،  بىز ئۇلارغا رەخمەت ئېيتىمىز، شۇڭا ئۇلار بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىمىز››.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 19:52:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ بارسانىڭ بالدۇر باشلىنىدىغان مۇسابىقىللىرىدە تازا تەلىيى يوق ، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 11 دىن بۇرۇن باشلىغان مۇسابىقىللىرىدە ھازىرغا قەدەر ئۇتۇپ باققانلىرى مەن كۆرگىنىم ئىككى ياكى ئۈچ ، كېچە سائەت ئىككىلەردە خېلى ساز ئويناپ قويىدۇ ، سەۋەبىنى زادىلا بىلەلمىدىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 19:58:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ ئەجەپلىنەرلىكئ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-11 19:59:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشئەگىم يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 19:52
ئىشقىلىپ بارسانىڭ بالدۇر باشلىنىدىغان مۇسابىقىللىرىد ...

  ئىسپانىيە ۋاقتى دىيارىمىز ۋاقتىدىن 4-5 سائەت ئەتراپىدا پەرىقلىنەمدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 19:59:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچى بۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس كۆپلىگەن مۇسابىقە شۇ ۋاقىتقا ئورۇۈلاشتۇرۇلغان شۇنداقلا كۆپلىگەن مۇسابىقە ھەپتىنىڭ ئالتىسگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئاۋۇ بىرنجى ئاي قانداق بوپ كەتتىكىن تاڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 20:07:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاغىستاي120 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 17:59
ئىسپانىيە ۋاقتى دىيارىمىز ۋاقتىدىن 4-5 سائەت ئەتراپى ...

ياۋروپا ئەللىرىدە ئادەتتە ۋاقىتنى يازلىق ، قىشلىق ۋاقىت دەپ بۆلىدۇ ، شۇنداق بولغاندا قىشتا بەش سائەت ، يازدا ئالتە سائەت پەرقلىنىپ كېتىدۇ ، بۇ پەرقنى ئوزغۇنلۇق ئويناۋاتقاندا مۇسابىقە ۋاقتى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن بىر سائەت كەينىگە سۈرۈلسە ياۋروپادا يازلىق ۋاقىتنى يولغا قويۇپتۇ دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ ، يەنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 12:45 تە ئوينايدىغان مۇسابىقە 1:45 كە ئۆزگىرىپ قالغاندا شۇنداق بولىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 20:15:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاغىستاي120 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 19:59
ئىسپانىيە ۋاقتى دىيارىمىز ۋاقتىدىن 4-5 سائەت ئەتراپى ...

بەلكىم 4 سائەت پەرقلىنەر.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 20:20:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچان ئۇيغۇرچە قانالدا كۆرەمىز ئا مۇسابىقىلىنى .  لىكىن ئۇلاپ تارقىتىشقا ھەقىقەتەن كۆپ پۇل كىتىدىكەن  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 20:27:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 20:20
قاچان ئۇيغۇرچە قانالدا كۆرەمىز ئا مۇسابىقىلىنى .  لىكى ...

ناۋادا  ئويغۇرچە  قانالدا  ئۇلاپ  تارقىتىمىز  دىسە كۇپ  پۇل  كەتمەيدۇ  .شۇ  ئىستانىسىدىكىلە  سىمىنە  قۇشۇپ  ئىشلىسىلا  بولدى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 20:31:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلاتىنىڭ تىلۋىزيەدە ئۇلاپ تارقىتىشنى مەت ياسىنكاملا ئىلىشنى ئويلاپ باقسا بۇلدۇ جۇمۇ . شىنجاڭدا تارقىتىپ كەتسە ئۆز تىلىمىزدا ، چىرسى چىرسى دەپ ۋاقىراپ كەتسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 20:31:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ماۋۇ ئاجايىپ بايقاش بوپتۇ... مىلاننىڭ مۇسابىقىسىنى CCTV5 دە ئاڭلاتسىلا مىلان ئۇتالمايدۇ، ئۇزۇن بولدى بۇ قانۇنىيەتكە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-11 21:09:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:26

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش