ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4384 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈرگىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-11 15:15
بارىسلونا كوماندىسى خاۋى نىڭ ئىزباسارىنى بىكىتتى.
بارىسلونا كوماندىسىنىڭ ھازىرقى ئوتتورا مەيدان توپچىلىرنىڭ ھەممىسنىڭ مەيدانغا چىققۇدەك ئىقتىدارى بار.ئىنرىك ئالدىنقى كۈنى مۇشۇ توغرىسىدا توختۇلۇپ :راكتېچ نىڭ ھازىرقى ئىپادىسىگە گەپ كەتمەيدۇ،لافېرنىيا ۋە روبىرتودىن ئىبارەت ئىككى ياش توپچىنىڭ مەيدانغا چىقىش قېتىم سانىمۇ كۆپ بولدى.لېكىن خاۋى بىلەن ئېنىستانىڭ يېشى ۋە بەدەن ساپاسى ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ.خاۋى بۇيىل 35 ياشقا كىردى،ئېنىستامۇ بۇيىل 31ياشقا كىردى.
كۈندىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى گىزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە بارىسلونا كۇلۇبى كىلەر يىلى 1-ئايدا پارىژ سان-ژىرمان كوماندىسىكى ئىتالىيەلىك ئوتتورا مەيدان توپچى ماركو.ۋىراد نى يۆتكەپ كىلىپ خاۋىنىڭ ئىزباسارى قىلىشقا تەييارلانغان.ۋىراد بىلەن پارىژ سان-ژىرمان نىڭ توختامى 2016-يىلى تۇشىدۇ.بارىسلونا كۇلۇبىنىڭ قارىشىچە ۋىراد خاۋىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان بىرىنجى تاللاش ئىكەن. 22ياشلىق ۋىراد ئەينى چاغدا ئەنچىلودىنىڭ يىتەكلىشى بىلەن خېلى ياخشى ئوتتورا مەيدان توپچىلىرىدىن بۇلۇپ قالغان.ئەگەردە كىلەر يىلى راسلا بارىسلوناغا كەلسە ئۇ چاغدا ئەنچىلودىغا قارشى جەڭگە چۈشۈدۇ دىگەن گەپ.كۈندىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرى گىزىتىنىڭ قارىشىچە ۋىرادنىڭ ھازىرقى باھاسى 50مىليۇن ياۋرۇ ئەتىراپىدا ئىكەن.مالىيە ئادىللىقى پىرىنسىپى بۇيىچە پارىژ كىلەر پەسىل توپچى يۆتكەپ كىلىمىز دەيدىكەن چۇقۇم كوماندىسىدىن بىر نەچچە توپچىنى يۇقىرى باھادا سېتىپ چىقىرىشى شەرت.بارىسلونا نىسپەتەن FIFA نىڭ چەكلەش جازاسى ئاستىدا بۇيىل سودا-سېتىق قىلسا بولمايدۇ،لېكىن ئىجارىگە بەرگەن توپچىلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكەلسە بۇلىرۋىرىدۇ.بارىسلونا بۇ پەسىل 5نەپەر توپچىنى ئىجارىگە بەرگەن بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە سۇڭ ۋە ئافىلەي نىڭ قايتۇرۇپ كىلىشكە بولمايدۇ.كىچىك سۇيارىز بىلەن تېللونىڭ ئىجارە ۋاقتى 2016-يىلى تۇشىدۇ.بۇ ئىككى توپچى سەرۋىلىيا ۋە پورتو كۇلۇبىدا ياخشى باھالارغا ئىرشىپ كەلگەن بۇلۇپ ئۇلارنى ئالدىن ئالا قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن بارىسلونا كۇلۇبى ئاز دىگەندە بەش مىليۇن ياۋرۇدىن توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تاپشۇرۇشقا توغرا كىلدىكەن.بارىسلونا بۇنداق قىلىشنى لايىق كۆرمىگەن بۇلۇپ نەزىرىنى بىراقلا پارىژ سان-ژىرمان كوماندىسىكى ئىتالىيەلىك ئوتتورا مەيدان توپچى ماركو.ۋىراد قاراتقان.
ماركو.ۋىراد 1992-يىلى تۇغۇلغان ،ئىقتىدارلىق ئوتتورا مەيدان توپچىسى، ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىدا ئىزچىل پېرلو نىڭ ئىزباسارى دەپ قارالغان،ھازىرقى ئىپادىسىمۇ ئىزچىل تۇراقلىق. |
|