ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4437 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم دوسلار!
ئاخشام ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 25-ئايلانمىسىدا بىر قىسىم مۇسابىقىلرى ئوينالدى نەتىجە تۆۋەندىكىچە :
ئارسىنال 2-1نەتىجە بىلەن لەيچىستىر كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
ئارسىنال كوماندىسى خەلىپە مەيدانىدا لەيچىستىر كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى.مۇسابىقە باشلىنىپ 27-مىنۇتتا ئۆزىل نىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن كوسچېنىر بىر توپ ئۇرۇپ ئارسىنال ئۆستۈنلۈككە ئۆتتى.مۇسابىقە داۋاملىشىپ 41-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ۋالكوت بىر توپ ئۇردى.ئالدىنقى يېرىم مەيدان 2-0نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.كىيىنكى يېرىم مەيداندا قارشى تەرەپ بىر توپ قايتۇرۋالدى.ئاخىردا ئارسىنال كوماندىسى 2-1نەتىجە بىلەن لەيچىستىر كوماندىسىنى يىڭىپ قىممەتلىك ئۈچ نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى.شۇنداق قىلىپ ئارسىنال بۇ مەيدان غەلبىسى بىلەن ۋاقتىنچە بىرلەشمىدە 4-ئۇرۇنغا چىقتى.
يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە لىۋېرپول كوماندىسى ئەنفىلىد پۇتبول مەيدانىدا توتىنھام رېىس كوماندىسىنى 3-2نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 15-مىنۇتتا لىۋىرپولدىن مالكوۋىچ بىر توپ ئۇدى.ئۇزاق ئۆتمەي توتىنھامنىڭ ئۈمۈتلۈك چولپىنى كىئىن بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۇرۋالدى.ئالدىنقى يېرىم مەيدان 1-1نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 52-مىنۇتتا جىراد بىر توپ ئۇرۇپ ،لىۋىرپول ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.61-مىنۇتتا توتىنھام كوماندىسى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى.مۇسابىقە ئاخىردا بالاتېلى بىر توپ ئۇرۇپ توتىنھامنى بۇغۇزلىدى.
باشقا مۇسابىقىلەر:
خول شەھرى2-0 ئاستون ۋېللا
ساندىرلاند 0-2 ئايال پادىشاھ باغچا
|
|