ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 7453 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-10 23:58
سۇمرۇغ تەنتەربىيىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ياۋروپا بەش چوڭ پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى ھەرقايسى كۇلۇبلارنىڭ تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش كىرىمىدە ئىسپانىيەنىڭ رىئال مادرىد ،بارسېلونا كۇلۇبلىرى ياۋروپا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
تۆۋەندىكىسى بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى كۇلۇبلارنىڭ تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش كىرىم ئەھۋالى:
كۇلۇبلارنىڭ كىرىم مەنبەسى ئاساسلىقى ساھىبخان مەيداندىكى ئىشىكتىن كىرىش بېلىتى، ياردەملەشكەن سودىگەرلەر ۋە تېلېۋىزىيەدىن ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقى قاتارلىق ئۈچ تەرەپتىن كېلىدۇ، تېلېۋىزىيەدىن ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىدىن كەلگەن كىرىم جەھەتتە بەش چوڭ بىرلەشمىدە چوڭ پەرق ساقلانغان. ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى كىرىم ئەھۋالىدا بىرقەدەر تەڭپۇڭلۇق ساقلانغان. 2013-2014-مۇسابىقە پەسلىدە لىۋىرپۇل كۇلۇبى بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ كىرىم قىلغان بولۇپ 117مىليۇن ياۋرو كىرىم قىلغان. مانچېستىر شەھىرى كۇلۇبى 115مىليۇن 800مىڭ ياۋرو،چىلسى 112مىليۇن 900مىڭ ياۋرو، ئارسېنال 111مىليۇن 400مىڭ ياۋرو، توتتېنھام رېس 107مىليۇن 600مىڭ ياۋرو،مانچېستىر بىرلەشمىسى 106مىليۇن 900مىڭ ياۋرو، ئېۋىرتون 102مىليۇن ياۋرو كىرىم قىلغان. ئەڭ ئاز كىرىم قىلغان كاردىف كۇلۇبىمۇ 74مىليۇن 500مىڭ ياۋرو كىرىم قىلغان.
ئىسپانىيە كۇلۇبلىرىنىڭ تېلېۋېزىيە تارقىتىش ھوقۇقىدىن قىلغان كىرىمى جەھەتتە ئىنتايىن چوڭ تەڭپۇڭسىزلىق ساقلانغان، رىئال مادرىد ،بارسېلونا كۇلۇبلىرى 2013-2014-مۇسابىقە پەسلىدە ئوخشاشلا 140مىليۇن ياۋرودىن كىرىم قىلىپ پۇتۇن ياۋروپا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇلتۇر بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولغان مادرىد ئاتلىتىكا كوماندىسى ئاران 42مىليۇن ياۋرو كىرىم قىلغان بولۇپ ھەتتا ئىنگىلانىدتىكى ئەڭ ئاز كىرىم قىلغان كاردىف كۇلۇبىدىنمۇ تۆۋەن بولغان. ۋالىنسىيە 48مىليۇن ياۋرو كىرىم قىلىپ مادرىد بىلەن بارسېلونانىڭ كەينىدە تۇرغان.
گېرمانىيە كۇلۇبلىرىنىڭ ئىچىدە بايرىن 36مىليۇن 900مىڭ ياۋرو كىرىمى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان ،ئەمما يەنىلا كاردىف كۇلۇبىچىلىك كىرىم قىلالمىغان. ئۇنىڭ كەينىدە دورتمۇنىد،لىۋىركۇسىن ،شالىك04كۇلۇبلىرى تۇرغان.
ئىتالىيە كۇلۇبلىرىنىڭ ئىچىدە يۇۋىنتۇس 94مىليۇن ياۋرو بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغانلىرى ئېنتىرمىلان ،مىلان، رىم قاتارلىق كۇلۇبلار .
فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە پارىژ،مارسىل ،لىئون كۇلۇبلىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان،بۇنىڭ ئىچىدە پارىژ سانىت ژىرمان كۇلۇبى 44مىليۇن 600مىڭ ياۋرو كىرىم قىلغان. |
|