ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3647 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-10 13:25
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى، فوتوسى: جەمئىي 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىنغان تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى «پەرۋاز» ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى 8-فېۋرال پىچان ناھىيەسىدە غەلبىلىك ئاياغلاشتى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە شىنجاڭ بويىچە 19 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، يەتتە كۈن كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، باشلانغۇچ مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى، چۆچەك «پەرۋاز» پۇتبول كولۇبى كوماندىسى، كورلا «بىخلان» پۇتبول كوماندىسى 1-، 2-، 3-لىككە ؛ ئوتتۇرا مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 117-ئوتتۇرا مەكتەپ «ھەرەمباغ» پۇتبول كولۇبى كوماندىسى، چۆچەك «پەرۋاز» پۇتبول كولۇبى كوماندىسى، تۇرپان «ئىدىقۇت» پۇتبول كوماندىسى 1-، 2-، 3-لىككە ئېرىشىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 مىڭ يۈەن، 10 مىڭ يۈەن ۋە 5000 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى. پىچان ناھىيەلىك پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 117-ئوتتۇرا مەكتەپ «ھەرەمباغ» پۇتبول كولۇبى كوماندىسى تەنتەربىيە ئەخلاقى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، قارامايدىن كەلگەن دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېپىر ئەسقەر مۇئەللىم «مۇنەۋۋەر رېپىر» بولۇپ، چۆچەك «پەرۋاز» پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ئابدۇرىشىت روزاخۇن ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 117-ئوتتۇرا مەكتەپ «ھەرەمباغ» پۇتبول كولۇبى كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى مۇتەللىپ مۇئەللىم «مۇنەۋۋەر تىرېنېر» بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى پەرھات ۋە چۆچەك «پەرۋاز» پۇتبول كولۇبىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى غالىپجان «ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن تەنھەرىكەتچى» بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ۋاراتاچىسى ئەراپات ۋە چۆچەك «پەرۋاز» پۇتبول كولۇبىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى شۆھرەتجان «مۇنەۋۋەر ۋاراتاچى» بولۇپ، كورلا «بىخلان» پۇتبول كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى ئېزىزجان ئەيسا قاتارلىق 19 تەنھەرىكەتچى مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى بولۇپ تەقدىرلەندى. ئاخىرىدا، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى پىچان ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پىچان ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەسئۇللىرىغا لەۋھە تەقدىم قىلدى.
پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
|