ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5315 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-8 23:42
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
ئۇدا 4 قىتىم پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالىنىش ! گىرمانىيە زەردارى بايرېن مىيۇنىخېن كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق پولشالىق ھۇجۇمچىسى لىۋاندوۋىسكى 4 - قىتىم پولشا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى ... لەيۋەندوۋىسكى بۇ پەسىل بايرېن كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 10 توپ ئۇردى ... لىۋاندوۋىسكى 2010 - يىلى گىرمانىيە دورتمۇند كوماندىسىغا قىتىلىپ 4 يىل توپ تىپىش جەريانىدا دورتمۇند كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ھۇجۇمچىسى بولۇپ قالغان ۋە كوماندىغا زور كۈچ قوشۇپ ياخشى شان - شەرەپلەرگە ئىرىشكەن ، 2014 - يىلى لىۋاندوۋىسكىنىڭ توختام ۋاقتى توشۇپ بايرېن كوماندىسىغا قىتىلدى ، بايرېن كوماندىسىغا كەلگەندىن كىيىن ئوخشاشلا بۇرۇنقىدەك ئاساسلىق ھۇجۇمچى بولۇپ بايرېن كوماندىسىدا توپ تەپمەكتە ...
لەيۋەندوۋىسكىنىڭ قىسقىنە تەرجىمالى :
ئىسمى : روبىرت لىۋاندوۋىسكى
ئىنگىلىزچە ئىسمى : Robert Lewandowski
دۆلىتى : پولشا
تۇغۇلغان جايى : ۋارىشزاۋا
تۇغۇلغان كۈنى : 1988 - يىلى 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى
ئىگىزلىكى ، ئىغىرلىقى : 1.84 ، 78
كوماندا : پولشا دۆلەت كوماندىسى ، بايرېن كوماندىسى
ئىرىشكەن شان - شەرىپى : گىرمانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇن ، گىرمانىيە لوڭقىسى چىمپىيۇن ، ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدا ئىككىنجى ...
لىۋاندوۋىسكىنىڭ نادىر كۆرنىشلىرى ...
مۇبارەك بولسۇن لىۋاندوۋىسكى ! بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭنىڭ تىخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولشىنى بارلىق بايرېن مەستانىللىرى ئۈمۈد قىلىمىز ...
|
|