ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 7453 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-8 23:19
2015-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 2:00(ئۈرۈمچى ۋاقتى)دە بارسېلونا كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا ‹‹ باسىك ئەركەك شىرى›› بىلبائو ئاتلىتىكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. مادرىد دىربىيسىدە رېئال مادرىد رەقىبىگە ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن بارسېلوناغا بىرلەشمە نومۇر پەرقىنى كىچىكلىتىشكە بىر ياخشى پۇرسەت كەلدى. ئەمما بۇ جەڭ ئۇنچە ئاسانغا توختىماسلىقىمۇ مۇمكىن.
1. بىرلەشمە تارىخىدىكى ئىككى كوماندىنىڭ ئېلىشىش نەتىجىسى.
ئىككى كوماندا ئىسپانىيە ئادەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسى تارىخىدا جەمئى 167 قېتىم تۇتۇشقان بولۇپ ،بارسېلونا 80مەيدان ئۇتۇش،28مەيدان تەڭلىشىش،59مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن ئەۋزەل ئورۇندا تۇرغان. بۇ جەرياندا 314توپ ئۇرۇپ 251توپ كەتكۈزۈپ قويغان. ئەمما مېھمان مەيداندا ئوينالغان 83مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا 22مەيدان ئۇتۇپ 19مەيدان تەڭلىشىپ 42مەيدان ئۇتتۇرۋەتكەن، 119 توپ ئۇرۇپ 161توپ كەتكۈزۈپ قويغان بولۇپ بۇ جەھەتتىن قارىغاندا بارسېلونا پاسسىپ ئەھۋالدا تۇرغان. ئەڭ يېقىنقى ئىككى قېتىملىق ئېلىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى 34-ئايلانمىدا بارسېلونا 2-1نەتىجىدە غەلىبە قىلغان.بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونا ئۆز مەيدانىدا 0گە قارشى 2نەتىجە بىلەن يەڭگەن ،مىسسى ئىككى پاس بېرىپ نىيمار ئىككى توپ ئۇرۇپ غەلىبىگە تۆھپە قوشقان.
2. بارسېلونانىڭ مېھمان مەيداندا 500-قېتىم غەلىبىنى قولغا كەلتۇرۇشىدىكى توسالغۇ --باسىكلارنىڭ ئەركەك شىرى.
بىلبائو ئاتلىتىكا كوماندىسى باسىكلارنىڭ ئىپتىخارى، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك مۇسابىقە تارىخىدا بارسېلونا ،رىئال مادرىد ۋە بىلبائو ئاتلىتىكىدىن ئىبارەت ئۈچلا كوماندا ھازىرغىچە دەرىجە چۈشۈپ باقمىغان كوماندىلاردۇر، بۇ پەسىل بىلبائو ئاتلىتىكا 6ئۇتۇش،5تەڭلىشىش،10مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن بىرلەشمە رەت تەرتىۋىدە 13-ئورۇندا تۇرماقتا.ئاساسلىق مەرگىنى ئادۇلىز ھازىرغىچە 7توپ ئۇرغان. 2015-يىلى كىرگەندىن بۇيان بارسېلونا رىئال جەمئىيەتكە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن بىرلەشمە، شاھلىقتىن ئىبارەت ئىككى سەپتە جەڭ قىلىپ ئۇدا 8مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۇردى، بۇ قېتىم بارسېلونانىڭ مېھمان مەيداندىكى ئابىدە خاراكتىرلىك 500-مەيدان مۇسابىقىسى غەلىبە بىلەن ئاياغلىشامدۇ ياكى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشامدۇ؟ 499-قېتىملىق مېھمان مەيدان غەلىبە مۇشۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقە 19-ئايلانمىسىدا 6-0ئىلچىنى يەڭگەندە قولغا كەلتۇرۇلگەن ئىدى.
3. بارسېلونا مېھمان مەيداندا 500-مەيدان غەلىبىگە يۈرۈش قىلدى.
بارسېلونا ناۋادا بۇ مەيدان باسىك ئەركەك شىرىنى يېڭەلىسە رىئال مادرىد بىلەن بولغان نومۇر پەرقى پەقەت بىر نومۇرغا چۈشىدۇ،كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان مادرىد ئاتلىتىكا بىلەن بولغان نومۇر پەرقى ئۈچكە ئۆزگىرىپ بىرقەدەر ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ. بىرلەشمىدە چىمپىيۇن بولۇشنىڭ تەشەبۇسكارلىقىغا ئىگە بولالايدۇ،شۇنداقلا ئىسپان دىربىيسىدا كۈچلۈك رەقىبى رىئال مادرىدنى يېڭىپ چىمپىيۇنلۇققا يەنىمۇ يىقىنلىشالايدۇ. ناۋادا ئۇتتۇرۇپ قويسا بۇ خىل ئەۋزەللىك ھەم تەشەببۇسكارلىق قولدىن كېتىپ چىمپىيۇنلۇقتىن يىراقلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
4. بارسېلونانىڭ پەرەزدىكى سەپ شەكلى:
قاپقىچى : بىراۋۇ
بىكلەر: ئارۋىس، پىك، ماسچىلانو،ئالبا
ئوتتۇرا مەيدان: بۇسكىس، راكېتىچ، ئىنىستا
ھۇجۇم: مىسسى،نىيمار،سۇئارىز
|
|