akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 957|ئىنكاس: 24

433 سەپ شەكلى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئادەتتە سەپ شەكلى تېمىدا دىيىلگەندەك 442،433…كۆپ خىل بولسىمۇ بۇ پەقەت ئۇمۇمى ئاتالغۇ (قۇشۇمچە:سايە ھۇجۇم ،كىراي …قاتارلىق ئاتاشلارمۇ سەپ شەكلىگە قاراپ بولىدۇ) ، دىمەكچى بولغىنىم مەسلەن  ئاتاشتا 433سەپ شەكلى قوللاندى دەپ تۇرايلۇق، بىراق بىز دائىم  ئادەتتە ئوخشاش ئادەملەردىن مۇشۇ سەپ شەكلىنى ئىشلىتىپ ئوخشاش بولمىغان ئۈنۈم كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، بارسلونادا گۇئادىئولا مۇشۇ سەپ شەكلىنى ئىشلەتكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن بىلانوۋا، لورا، مارتىنو قاتارلىقلار ئىشلەتتى، بەزى توپچىلار ئۆزگەرگەندىن سىرت يادرولۇق ئەزالاردا ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ پەقەت گۇئادىئولالا بۇ سەپ شەكلىنى جانلىق ئىشلىتىپ شۆھرەت قازاندى، ئۇنداقتا ئويلىنىپ باقايلى ، ئۇنىڭدىن باشقىلىرى 11ئادەمنى ئۇنىڭدەك تىزمىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە تىزدى، بىراق ئۈنۈم ئوخشىمىدى،  كۆپىنچە ئادەملەر تىرىنىر دىسە توپچىلارنى بىكار قويماي مەشىققە سالىدىغان، توپچىنى سەپ بۇيىچە مەيدانغا تىزىپ قويۇپ مۇسابىقە جەريانىدا توپچىلارغا ۋارقىراپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئاچچىقلىنىپ  يۈرىدىغان ئادەم دەپ چۈشىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە كوماندىغا نىسبەتەن تىرىنىر ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، چۈنكى بايام مەن دىگەندەك بارسلونانىڭ مۇشۇ سەپ شەكلىگە نىسبەتەن تىرىنىرنىڭ چۈشەنچىسى، ئىشلىتىش ماھارىتى تولىمۇ پەرقلىق بولغاچقا تەبىئىيلا ئۈنۈممۇ ئوخشاش بولمىغان يەنى سەپ شەكلىنى 433 قىلىپ بەلگىلىگەندىن كېيىن ئاشۇ چوڭ مەيدانغا10ئادەمنى  قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى چىقىدۇ، كەينىگە 4نى، ئوتتۇرىغا ،ئالدىغا 3تىن تىزساقلا بولىدۇ ئىش تامام ۋەسسالام ،قالغىنى ئاپتۇماتىك ئۆزى باشلىنىپ كىتىدۇ دىيىشىڭلار مۇمكىن، ياق ئۇنداق بولمايدۇ، بۇ سەپ شەكلىگە پىششىق تىرىنىر قارشى تەرەپ سەپ شەكلىگە ئاساسەن ئورۇن سۈرۈش (ئالدى كەينى ياكى يانغا ) ئېلىپ بارىدۇ، بۇ چاغدا سەپ شەكلىدە تېمىدا يوللانغان 433سەپ شەكلىنىڭ بىر قانچە ۋارىيانتى پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ھۇجۇم قىلىۋاتقاندىكى سەپ ئۆزگىرىشى، قارشى تەرەپنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى جايىدا بايقاش ، ھەم شەكىل ئۆزگەرتىپ بېسىم چۈشۈرۈش، توپ تارتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن   تىزلىكتە ئۈنۈملۈك مۇداپىئە سەپ شەكلىنى ھاسىل قىلىپ تەھدىتنى  بىتچىت قىلىپ  قايتۇرما ھۇجۇم ۋەزىيىتىگە شارائىت يارىتىش ، مۇۋاپىق پەيىتتە ئادەم ئالماشتۇرۇش، كىمنى ،قاچان، قايسى ئۇرۇنغا…قويۇش، ئورنى بەلگىلەنگەن توپنىڭ ھۇجۇمى ۋە مۇداپىئەسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە تىرىنىرنىڭ سەپ شەكلى ئاساس قىلىنىپ قارار چىقىرىلىدۇ، شۇڭا ئادەتتە مەلۇم خىل سەپ شەكلىنىڭ مۇتەخەسىسىگە ئايلانغان  تىرىنىرلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولىدۇ…  ئادەتتە مۇنبەردە بەزى قان مەستانىلەرنىڭ مۇسابىقە تەھلىلى قىلغاندا سەپ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بايقاپ ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نەتىجىنى دەپ تىرىنىرنىڭ تاكتىكىسىدىن ھۇزۇر ئالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز،بىراق كۆپ سانلىق توپخۇمارلار كۆڭلىدە 《نەدە، قېنى؟ بۇ قالايمىقانچىلىقتا ھىچ بىر قانۇنىيەتنى بايقىمىدىمغۇ 》دەيدۇ، ھەتتا مۇداپىئەچىنىڭ چەكلەنگەن رايۇندا يۈگرەپ يۈرىشى ھەتتا توپ ئۇرۇپ قويىشى ئۇلارنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ،  دەرۋەقە مەستانە دىگەن ھەممىسى توپ بىلىمى يۇقىرى بولىۋەرمەيدۇ، بىراق مەستانىچىلىكتە بىز توپ كۆرىمىز ،شۇڭا مۇسابىقىنىڭ ھۇزۇرىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ،ھاياجان ئىچىدە سۈرىشىمىز ئۈچۈن چوقۇم سەپ شەكلى توغرىسىدا ئاساسى بىلىملەرنى بىلىپ قويىشىمىز كېرەك…
                                                                                                                      رېپىرنىڭ بايانلىرى

سەپ توغۇرسىدا گەپ باشلاشتىن ئاۋال پۇتبولچىلىقىمىزدىكى دائىملىق ئاتىلدىغان سۆز ئىبارىلەرگە ئىزاھات بىرىپ قۇياي كۈچۈمنىڭ بارىچە
ئادەتتە ئارقا بەل، ئالدى بەل دىگەنلەر مەيدان ئورنىنىڭ بىرلىكى بولماستىن توپچىنىڭ ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ،
مەيدان ئۆز ئىچىدىن ئالدى مەيدان،ئوتتۇرا مەيدان ۋە ئارقا مەيدان دەپ ئۈچكە بۈلىنىدۇ،ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى ۋەزىپىلىرىگە قاراپ ئالدى بەل ئارقا بەل،ئوتتۇرا بەل دەپ ئايرىلدۇ،بىر نەچچە ئالدى بەل ياكى ئارقا بەل تەڭلا ماسلىشىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت
ئالدى بەل:ئوتتۇرا مەيدان مۇداپىيەچىسى(كىروستەك)
ئالدى بەل:ھۇجۇمغا ناھايىتى يېقىندىن ماسلىشىدىغان ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىگۈچىسى(ئېنىستا)

سەپ شەكلىنىڭ تارىخ تەرەققىياتى
433 سەپ شەكىلى تىپىك ھۇجۇمنى ئاساس قىلغان جەڭ تاكتىكىسى بۇلۇپ 70-يىللىرىدىن باشلاپ پۇتبولچىلىق دۇنياسىغا كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان ،ئەينى ۋاقىتتا توپچىلارنىڭ نۇمۇرلىرى ئىچىدىكى 7-نۇمۇر بىلەن 11-نۇمۇر مۇقۇم ھالەتتە ئىككى يان ھۇجۇمچىغا بىرىلگەن ئىدى،ئۇلار ئاساسەن كوماندىنىڭ ھۇجۇمچىلىقىغا مەسئۇل بۇلۇپ مۇداپىيەگە ئاساسەن قاتناشمايتى(ئەلۋەتتە ئېختىيارى توپ بىلەن بۇلۇڭ توپ بۇنىڭ سىرتىدا)433 سەپ شەكىلدىكى ئىككى يان ھۇجۇم ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ ئاساسلىق مەركەزلەشكەن ھۇجۇم يادروسى بۇلۇپ.ھۇجۇم قىلغاندا كوماندا ئالدى بەل ۋە ھۇجۇمچىلارنىڭ ماسىلىشىشى  ئارقىلىق تۆۋەن ئورۇندىن پاس يەتكۈزۈش(ئەسكەرتىش:خەنزۇچە 下底传中 دەپ ئېلىنغان تۇراقلىق ئىبارە بۇلۇپ ھۇجۇمغا قارىتىلغان يەنى ئىككى يان ۋە ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا ئىككى يان يولدىن قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە پاس تاشلاشنى كۆرسىتىدۇ،ۋاقتى كەلسە تۆۋەن ئورۇندىن پاس يەتكۈزۈش تاكتىكىسىنى باشقا ئورۇندىكى توپچىلارغا يۈكلەشكە توغرا كىلىدۇ مەسىلەن مادىرتتىكى جامىس ،مارسىلو،كارۋاخال قاتارلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ۋەياكى يان مۇداپىيەچىلەر... .) ئارقىلىق چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىكى كۈچۈلۈك مۇداپىيە سېپىلىدىن ھالقىپ نۇمۇر ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلاتتى،ئەينى ۋاقىتتىكى 443 سەپ شەكلىدىن ئەڭ مۇكەممەل پايدىلانغان كوماندا بولسا 82-يىلى سانتانا باشچىلىقىدىكى بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى بۇلۇپ پۇتكۈل دۇنيا توپ مەستانىلىرىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر گۇرۇپپىنى ھاسىل قىلغان ئىدى، كوماندىنىڭ ئىككى يان ھۇجۇمچىسى بولغان ئەيدىر بىلەن رىناتو تۆۋەن ئورۇندىن پاس تاشلاش تېخنىكىسىنى ئەڭ مۇكەممەل ۋايىغا يەتكۈزگەن داڭدار ھۇجۇمچىلاردىن بۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ چەبدەس تېخنىكىلىرىغا تايىنىپ يان يولدىن بۈسۈپ كىرىپ توپ مەستانىلىرىنى ئەسەبىيلەشتۈرۋىتەتتى،ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى بولغان ئانتونىيو كالىكا ياردارلىق سەۋەبىدىن مەيداندىكى ئىپادىسى تۇراقسىزلىشىپ سان ساناقىسز پۇرسەتلەرنى قولدىن بىرىپ قويغانلىق تۈپەيلى بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن مەستانىلەرنى چەكسىز ھەسرەت نادامەتتە قويدى،ئەگەر شۇ نۆۋەت بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان بولسا 443 سەپ شەكىلى دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى ئۆچمەس ئابىدىلىك سەپ شەكلىگە ئايلىنار بولغىيتى.......
aec379310a55b319492dee0043a98226cefc17ea.jpg

433 سەپ شەكىلى ھۇجۇمنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ ئەمما سەپ شەكلى ئىچىدىكى ھەقىقى بەلگىلۈگۈچى ئالدى بەل ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بۇلۇپ ۋاقتى كەلسە ھۇجۇمچىلىق ۋەزىپسىنىمۇ ئورۇنداش بىلەن بىرگە كوماندىدىكى  10-نۇمۇرنىڭ ئىگىسى بۇلاتتى،ئۇلار ئادەتتە كوماندىنىڭ ئوق مەركەزلىك رولىنى ئۈتەپ كوماندىنىڭ ھۇجۇم تەشكلىچانلىقىنى رەتكە سېلىپ مۇداپىيە بىلەن ھۇجۇمنى ماسلاشتۇراتتى.رەقىپ كوماندىغا نىسپەتەن 10-نۇمۇر ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۈك بۇلۇپ ئەينى دەۋرىدە ناھايىتى ئىستىداتلىق ،قابىل بولغان 10-نۇمۇرلۇق توپچىلار يىتىشىپ چىققان بۇلۇپ مەسىلەن : ئارگنتىنا پەخىرى مارادونا،فىرانسىيە داڭلىق توپچىسى پۇلاتنى،غەربى گىرمانىيە توپچىسى رومىنگى (2-دۇنيا ئۇرۇشىدا تارمار بولغان گىرمانىيە فىدراتسىيەسى ئىككىگە پارچىلىنىپ يەنە غەربى گىرمانىيە شەرقى گىرمانىيە دەپ ئىككىگە بۈلۈنگەن) ،ئوروگىۋايلىق ئېنزو فىرانسىسلو ھەمدە ۋېلشىلىق شىفۇ ....قاتارلىقلار ئۆز دەۋرىدىكى پۇتبول مەيدانلىرىنىڭ ئاتامانلىرى ھەمدە 433 سەپ شەكلىنىڭ يىتىشتۈرىشى ئاستىدا دۇنياغا تۇنۇلغان چولپانلار ئىدى.
تۈزۈلگەن ھەربىر سەپنىڭ بىرئاجىز نوقتىسى بولغانغا ئوخشاش 433 سەپ شەكلىنىڭمۇ ئاجىزلىقى بار بۇلۇپ ئاساسلىقى ھۇجۇم ئارلىقىدا توپ ئۈزۈلۈش ئەھۋاللىرى كۈرۈلسە قارشى تەرەپكە زىيادە چوڭ بولغان بوشلۇق قېلىپ ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىگۈچى قارشى تەرەپ مۇداپىيەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئوتتۇرا مەيدان كونتىروللىقىنى يۇقۇتۇپ قۇياتتى،ھەمدە يان يولدىن بۈسۈپ كىرىش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقۇرى بولغان توچىلار كەمچىل ھالەتتە 433 سەپ شەكلىنىڭ كۈچ ھەيۋىتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە،مەسىلەن ئەڭ كىلاسسىك مىساللارنى ئالسام 82-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ ئارقا بەل توپچىسى كابرىنى  قارشى تەرەپ ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىگۈچىسىنى مەخسۇس مۇداپىيە قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ سايىسىدەك ئەگىشىپ خەۋە ئېلىشى ئاستىدا ئارگىنتىنا يادىروسى مارادونانى نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارغا ئۇچراتقان...
eaf81a4c510fd9f916a7ed67252dd42a2834a408.jpg

90-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا گوللاندىيەلىك ۋانجال ئاجاكىستىكى ۋاقتىدا 433 (343 سەپ شەكلىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەن) سەپ شەكلىنى ئىشلىتىپ نۇرغۇن شان شۆھرەتلەرگە ئېرىشكەن،ئاجاكىسىنىڭ ئىشلەتكەن 433 سەپ شەكىلى گوللاندىيەنىڭ ئەنئەنىۋى 343 سەپ شەكلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ،گولاندىيەنىڭ343 سەپ شەكلىگە سېلشتۇرغاندىكى پەرىق بولسا بىر ئارقا بەلنىىڭ ئورنىنى مۇداپىيە رايۇنىغا سۈرۈپ ئوتتۇرا يولدىكى مۇداپىيەگە بىر ئادەمنى قۇشۇش بىلەن .ئۆزلىرىگە خاس بولغان 433 سەپ شەكلىنى ھاسىل قىلدى.ۋانجالنىڭ قۇشۇنىدا بۇ ئورۇنغا ئەڭ ماس كىلدىغان ھالقىلىق توپچى جىكاردو، ئەسلى ھۇجۇم ۋە مۇداپىيە ئىقتىدارىدا تەڭ يىتشىكەن ئىستىدات ئىگىسى بۇلۇپ مەزكۇر ئورۇنغا قۇيۇش ئارقىلىق 343 سەپ شەكلىنى 433سەپ شەكلىگە ئۆزگەرتىپ ئوتتۇردىكى پەرىقىنى تۈگۈتىشكە كۈچىدى ، بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ تۈرۈتكىسىدە ھازىرقى زامان پوتبولچىلىقىدىكى مۇداپىيە ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان بولسىمۇ ئەمما ئالدى بەل،ئوتتۇرا بەلنىڭ سەپ ئىچىدىكى توپ كونتىرول قىلىش نىسپىتى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا رۇشەن تۆۋەنلىدى .
2004-يىلىدىن باشلاپ گوللاندىيە پۇتبولچىلىقىدىن چوڭقۇر تەسىر ئالغان بارسىلونانىڭ باش مەشقاۋۇلى لىجىكاردمۇ 433 سەپ شەكلىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى،90-يىلى ۋانجال باشچىلىقىدىكى ئاجاكىسنىڭ 433 سەپ شەكلى بىلەن پەرىقى بولسا بارسىلونا 433 سەپنىڭ تەشكىللىگۈچى يادروسى ئەسلىدىكى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بۇلۇپ ئىككى نەپەر بېك(ئۇتتۇرا ۋە يان بېك) ئاساسلىقى مۇداپىيەگە مەسئۇل، بىر نەپەر يان مۇداپىيەچى ئەركىن ئەزا سۈپىتىدە ئارقا بەللىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتى،بۇنداق بولغاندا قارشى تەرەپ ئوتتۇرا مەيدانىنى بېسىپ ئىككى يان يولدىن تېخىمۇ مۇكەممەل  پايدىلانغىلى ۋە تۆۋەن ئورۇندىن پاش تاشلاشنى پەقەت ۋە پەقەت ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىغىلا تاپشۇرۇش بىھاجەت ئىدى،ئوتتۇرا مەيدان تەشكللىگۈچىلىرى تىز ھۇجۇمنى ئاساس قىلماستىن،بەلكى پاسنىڭ توغرا ئۆلچەملىك ئېتىلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلاتتى،يان ھۇجۇمچىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىمۇ پۇتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ ۋانجالنىڭ ئەنئەنىۋى 433 سەپ تىزمىسىدا يان يولدىن تۇيۇقسز بۈسۈپ كىرىشنى ئاساس تۆۋەن ئورۇنلۇق پاس يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ توپچىلارنىڭ بوي ئىگزلىكى ھەمدە بەدەن سۈپەتكە ئالاھىدە تەلەپلەر قويۇلغان بولسا بارسىلونانىڭ 443 سەپ شەكلىدە يان ھۇجۇمچى بىلەن  ئالدى بەللەرنىڭ ئىچكى ماسلىشىشى ئالاھىدە تەكىتلەندى،لىجىكاردنىڭ 433 سەپ شەكلىلى بارسىلونانىڭ ھازىقى شان شەرەپلىرىگە ئۇل سالغاندى.........
4.jpg    U7880P6T12D7074717F44DT20140319134135.jpg

433سەپ شەكلىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىنى سۆزلەش مۇشۇ يەرگىچە بولسا تۆۋەندە 433 سەپ شەكلىنىڭ ئالاھىدىلكلىرىنى  بايان قىلىپ ئۈتەي

443 سەپ شەكلىنىڭ ئالاھىدىلكلىرى

433 سەپ شەكىلى ھۇجۇم مۇداپىيەگە نىسپەتەن تەڭپۇڭ بۇلۇپ ئالدى،ئارقا،ئوتتۇرا مەيدانلاردىكى توپچىلارنىڭ تەڭپۇڭلىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان،ئوتتۇرا مەيداندىكى 3 نەپەر توپچىغا نىسپەتەن قۇيۇلدىغان تەلەپلەر بىر قەدەر يۇقۇرى ھەمدە يان يولدىن پايدىلىنىپ نۇمۇر ئېلىشنى ئاساس قىلدىغان ھۇجۇم شەكلى،ئالدى بەل بىلەن ئوتتۇرا بېكقا بولغان ئېھتىياج پەۋقۇلادە،ھۇجۇم بىلەن مۇداپىيەلىنىش مەزكۇر سەپ شەكلىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.دىمەك ھۇجۇمى پاسسىپ ياكى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان كوماندا مەزكۇر سەپ شەكلىدىن نەپ ئېلىشى بەسى مۇشكۈل(خۇددى ئاخشامقى مادىرتتەك)

433 سەپ شەكلى بىلەن 442 سەپ شەكلىنىڭ سېلشتۇرمىسى

433 سەپ شەكلى بىلەن 442 سەپ شەكلىنىڭ ھۇجۇمغا ناھايىتى چوڭ پەرىق بار بۇلۇپ 442 سەپ شەكلىدىكى ئىككى ھۇجۇم مۇداپىيەگە قاتنىشىش بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ شەرتلىرىنى ھاسى قىلىدۇ قارشى تەرەپنىڭ توپ ئۈزۈلىىشى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ 2ئالدى ھۇجۇم شىددەتلىك تىز سۈرەت بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئاتلىنىدۇ، ھەمدە تۆۋەن نوقتىلىق پاس تاشلاشنى شەكلىنى بۇ سەپ شەكلىدە قوللانماق بىر قەدەر تەس،بۇلۇپمۇ ھۇجۇمچى يان يولدىن پاس تاشلىغان ھالەتتە  ،مەسىلەن ئالدىنقى قېتىملىق ئەسىر دېربىسىدا مادىرت 442 سەپ شەكلىنى ئىشلەتلكەن بۇلۇپ رونالدو يان يولدىن قايتىلاپ قايتىلاپ پاس ئاتقان بولسىمۇ پاسنى بىرتەرەپ قىلدىغان ھىچقانداق توپچى چىقماي قويدى،تۈپكى سەۋەبى قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن تۆۋەن ئورۇندىن پاس تاشلاپ بىرگە كىلىپ قالغان لىقتىن ئوتتۇرا مەيدانكى باشقا ئەزالارنىڭ قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايۇنىغا دەل ۋاقتىدا بېرىپ بۇلالماسلىقى قىسقارتىپ ئېيتسام كۈچلۈك مۇداپىيە قايتۇرما ھۇجۇم تۈپەيلى يان يولدىن پاس تاشلاشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمىدى،ئەمما ئوتتۇرا مەيداننىڭ كۈچلۈك كونتىروللىقى ئاستىدا مۇداپىيە رايۇندىن بىۋاستە بۈسۈپ كىرىگەن مارسىلو بىر نەچچە قېتىملىق تۆۋەن ئورۇندىن پاس تاشلاش ئارقىلىق خەتەرلىك ھۇجۇمنى بارلىققا كەلتۈردى ھەمدە پېكنىڭ قول توپى دەل شۇ تۆۋەن ئورۇندىن پاس تاشلاشنىڭ ھاسىلاتى .....
ئەنچىلوتىنىڭ مادىرتقا ئېلىپ كەلگەن ئەپ ئىچىدىكى ئۆزگىرىشلىرى توغۇرسىدا قىسقىچە توختۇلاي
ئەنچىلوتىنىڭ مادىرتقا نىسپەتەن ئېلىپ كەلگەن تۇنجى ئۆزگىرىشىمۇ قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن يان يولدىن پاس تاشلاشنى بىركتۈرۈش ئارقىلق ئىپادىلەندى،يەنە لىجىكاردنىڭ  433 سەپ شەكلىدىكى مۇقەررە يان يولدىن پاس تاشلاشنى 422گە سىڭدۈرۈپ كىرىدى مىسال يۇقۇردا سۆزلەندى،ئەنچىلوتىنىڭ ئەڭ روشەن ئۆزگىرىشى ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى ۋە ھۇجۇمچىلار تەشكىللەيدىغان تۆۋەن ئورۇنلۇق پاس تاشلاشنى يان بېكلارنىڭ زىممسىگە يۈكلىدى،مەسىلەن: مارسىلو ۋە كارۋاخالنىڭ يان يولدىكى توختاۋسىز ھەرىكەتلىرى ۋە ئاتقان پاسلىرى بۇنىڭ تىپىك دەلىلى،مورىنھو دەۋردىكىگە سېلىشتۇرغاندا توپ كنتىرول قىلىش نىسپىتى ئالاھىدە ئۆستۈرۈلدى، توپ كونتىرول قىىشىنىڭ ياخشىلىنى تۈرۈتكىسىدە مارسىلو كاۋاخال،ھەتتا ئوتتۇرا بېك بولغان راموسلاغىچە ئالدى مەيدانغا بېسىپ كىردى،مادىرتچى دوسلىرىمىز كۈرۈ تۇرۋاتىدۇ ياردارلىقنىڭ تەسىرى سىرتىدىكى كۆپۈنچە مۇسابىىنىڭ ھالقىلىق نوقتىسى مارسىلو.ئەنچىلوتى مادىرت دېربىسىدا مارسىلو يوق ھالەتتە 442 سەپ شەكلىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ ئۇتتۇراتتى لىكىن  ھىچ بولمىغاندا بىر توپ ئۇرۇپ  پەقەت بولمىسا يۈرەكنى تىترەتكىدەك قايتۇرما ھۇجۇمدىن بىر ئىككىنى كۈرۈپ ئاچچىقىمىز پەسەيتەلگەن بۇلاتتى.ئەنچىلوتىنىڭ سەپ شەكلىدىكى ئوتتۇرا مەيدان كونتىروللىقىنى قانائەتلەندۈردىغان توپچىلارنىڭ قىسلىقى ياردارلىقى تۈپەيلى مادىرت ئاخشامقى مۇسابىقىدە ئۈزۈل كىسىل پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى،ئوتتۇرا مەيدان كونتىرولسىز ھالەتتە يان يولدىن پاس تاشلاش قۇرۇش شۇئار خالاس
سەپ شەكلىنىڭ ئىچكى ئۆزگىرىشى ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل
بۇ توغۇرسىدىمۇ قىسقىچە تەھلىل قىلىپ قۇياي،ئاخشامقى مادىرت دېربىسىنىڭ كىيىنكى يېرىم مەيدانى باشلانغاندا مادىرتنىڭ سەپ شەكلى تۇيۇقسىز ئۆزگەردى،بۇنىڭغا ئاز بىر قىسىم دوسلىرىمىز دىققەت قىلغان بۇلىشى مۇمكىن، ئارقا بەل قېدرا چۈشۈۋىتىلىپ بېنزىمانىڭ زاپىسى يەنە ھۇجۇمچى خېسى مەيدانغا چىقتى،ئۇنداقتا مادىرتنىڭ سەپ شەكىلىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ ياكى ئەنچىلوتى خېسىنىڭ رولى ئارقىلىق ئارقا بەل ئەزا ئورنىغا ئالماشتۇرماشتۇرپ ئەسلىدىكى 433 سەپ شەكلىنى ساقلاپ قالماقچىمۇ...................؟
خېسىنىڭ ئاخشامقى مەيدان تەۋەلىكى ئارقا بەل ئەمەس بەلكى بېنزىماغا يانداشقان ئوتتۇرا ھۇجۇم بۇلۇپ ئىپادىلەندى يەنى سەپ شەكىلى 424كە ئۆزگەردى،مانا بۇ سەپ شەكلىنىڭ ئىچكى ئۆزگىرىشى دىيىلىدۇ.ئۇندىن باشقا سەپ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى يەنە توپچىلارنىڭ مەيداندىن قىزىل سېرىق بىلەن چۈشۈرۋىتىلىشى ۋە توپ ئۇرۇپ نۇمۇر ئېشىش ۋەزىيىتى ياكى قارشى تەرەپتىن چوڭ پەرىق بىلەن ئارقىدا قالغان ئاساستا دائىملىق كۈرۈلدىغان ئەھۋال
سەپ شەكلى ھەققىدىكى مۇلاھىزە نسىپىيلىككە،ئۆزگىرشچانلىققا تولغان بۇلۇپ رېپىر ئېيتىقاندەك ئوخشاش سەپ شەكىلى ئوخشىمىغان كوماندىلاردا ئوخشىمىغان ئىپادلىندۇ،شۇڭا مۇقەررەر شۇنداق بۇلدۇ ئەمەس بەلكىم شۇنداق بۇلۇشى مۇمكىن دىگەننى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
جۈمە + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 19:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
443 نىڭ قانداق سەپ شەكلى ئىكەنلىكىنى ئەمدى چۈشۈنۇپتىمەن.
مەيلى قانداق بىرلەشمە ياكى قايسى كوماندا مەستانىسى بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئاقماس تالاش تارتىشنى قىلغاندىن كۆرە . قورسىقىدا بىلىمى بارلار،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇسابىقىدىن كىيىنكى مۇلاھىزلەرنى قىلىشساڭلار! بىزدەك يۈزەكى پۇتبول كۆردىغانلارغا ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتى چىقىتى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
missi0998 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 18:34:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېگىنىڭلاردەك خېلى كۈچ سەرىپ قىپسىلەر جۇمۇ، مادىرىدتا ھازىر ئىنىستادەك ئالدى بەل ۋە بۇسىكىس ۋە ياكى ئالونسودەك بىر ئارقا بەلنىڭ بولماسلىقى مادرىدنىڭ 433 نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-8 18:37:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 18:34
دېگىنىڭلاردەك خېلى كۈچ سەرىپ قىپسىلەر جۇمۇ، مادىرىدتا ...

رەھمەت .....ئەسلى يەنە ئازراق بار ئىدى،ئەمما مادىرتنىڭ ئۇتتۇرغىنىغا سەپرايىم ئۆرلەپ كىتىپ 433 سەپ شەكلىنىڭ‹‹ ئەپتى بەشىرسى ››نى كونكىرت بولسىمۇ ئېچىپ بىرەي دەپ قالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 18:46:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى ئەتراپلىق بولۇپتۇ، ياخشى تېما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 18:53:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر كۇپۇنچە تېرنىرلار4231سەپ  شەكلىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ ، بۇ  سەپ  شەكلى  ناھىتى ئۇزگۇرۇشجان ۋاقتى كەلسە 433ئۇزگەرتكىلى  بولدۇ ، بۇلۇپمۇ  مادرىتقا  بەكرەك  ماس كېلەمدىكىن دەپ  ئويلايمەن ، مۇدىرىچ  بىلەن كىروسنى  ئارقا  بەلگە قۇيۇپ  ئىسكو  ياكى  خامىسنى  ئالدى  بەل  ئويناتسا يان  تەرەپتىكى  بىل  بىلەن رونالدونىڭ  تىزلىكىدىن  ئوبدانلا  پايدىلانغىلى  بولامدىكىن ، 433ئوينىغاندا ئىسكو كىروس  تىپىك  ئارقا  بەل  ئەمەس  ئاساسلىقى  ھۇچۇم  خاراكتىرلىك  ئوتتۇر مەيدانچىلار  خامىسمۇ  شۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 19:02:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى نادىر تىما ئ‍ەجىرلىك تىما،،،، رەخمەت نۇرغۇن جەھەتتىن چۈشۈنىۋالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 19:03:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 18:34
دېگىنىڭلاردەك خېلى كۈچ سەرىپ قىپسىلەر جۇمۇ، مادىرىدتا ...

مەن ئاخشاممۇ دىدىمغۇ 433 سەپ شەكلى قايتۇرما ھۇجۇمغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان كوماندىغا بەكرەك ماس كىلىدىكەن . ئەنچىلوتىدەك توپنى كونتىرول قىلىپ تۇرۇپ مۇداپىيەنى ئاساس قىلىدىغان مەشقاۋۇللار غا بولمىغۇدەك ، توپنى ئوتتۇرا مەيداندا كونتىرول قىلدىغان تۇرۇپ ئوتتۇرا مەيدانغا كۆپرەك ئادەم قويمىسا ئەلۋەتتە مەغلۇپ بولىدۇ دە ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 19:04:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راس قېنى ھېلىقى شىنجاڭدا پۇتبول بىلىمى   ھەممىدىن يۇقىرى  توردىشىمىز شۇ بالىنىڭ بايانىنى بىر ئاڭلاپ باقىلى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 19:10:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 19:12:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 19:13:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-8 19:17:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
poyol يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 19:13
نۇرغۇن كۇچ سەرىپ قىلىپ ئاچچىقېڭىزدا ئاخىرېنىمۇ يازماپ ...

بۇ تىمىنىڭ ئاخىرى مورىنھو بىلەن گۇئاردىلا ۋە ئېنرىكنىڭ سەپ شەكلىدىكى ئۆزگىرىشلىرى ۋە بارسىلونانىڭ ئويناش ئۇسلۇبىدىكى ئۆزگىچىلكلەر بىلەن ئاخىرلىشاتتى،ئەمما ماۋۇ مادىرت يامان ۋاقتىدا ئۇتتۇرۇپ كەيپىياتىمنى ئۇچۇرۇپ قويدى،ھەمدەئاخىرىنى يازسام زىيادە جېق بۇلاپ كىتىپ باللا ئۇقىمايلا ئىنكاس يېزىپ قالمىسۇن دەپ شۇڭا ئاخىرىنى قۇيۇپ تۇردۇم،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 05:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش