ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4383 |
تۆھپىسى: سەر |
|
رونالدو :خانلىق مادىرىد مادىرىد رىقابەتكە قارىغاندا كۆپ جەھەتتىن كۈچلۈك.مەن شۇنداق كاپالەت بىرىمەنكى بىز بۇيىل چۇقۇم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بۇلۇمىز
خانلىق مادىرىد كوماندىسى مادىرىد رىقابەت مەيدانىدا 0-4نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولدى.مەستانىلەر چوڭ ئۈمىد كۈتكەن داڭدار قاتىل رونالدونىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولدى.(بەكمۇ ناچار دەپ كەتكىلى بولمايدۇ،پاس جايىدا بارمىغاندىكىن )مادىرىد كوماندىسى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئويناشنى ئۈزۈنىڭ بۇرچى دەپ بىلدىغان بۇ توپچى بۇ قېتىم كوماندىغا كۈچ قۇشالمىدى.مۇسابىقىدىن كىيىن زىيارەتنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دىگەن.
خانلىق مادىرىد كوماندىسى ئەزەلدىن بىرەر كوماندىغا 0-4 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ باققان ئەمەس.بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە كوماندىمىز توپنى بەك كۆپ كەتكۈزۈپ قۇيدۇق.يىڭىش ئىشەنجىمىز ۋە پۇزۇتسىيمىز ياخشى بولمىدى.كوماندىنىڭ پىخسىكىسى ۋە توپچىلارنىڭ بەدەن قۇۋىتىمۇ ياخشى بولمىدى. توپچىلاردا ئۇمۇمىيۈزلۈك خاتالىق سادىر قىلىش مەسىلە كىلىپ چىقىشنىڭ سەۋەپچىسى . مۇداپىيەدىكى ئۇرۇندىن باشلاپ ھۇجۇمدىكى ئۇرۇنغۇچە ھەربىر ئۇرۇندىكى توپچىنىڭ توپ تىپىشى ياخشى بولمىدى.بۇ مۇسابىقىدە ھېچقانداق بىر ئىشنى ياخشى ئەپلەشتۈرەلمىدۇق.شۇڭا بىز تىزلا بۇ مۇسابىقىدىكى ناچار ئىپادىمىزنى ئۇنتۇپ كىتىشىمىز ،بۇ مۇسابىقىدىكى كەتكۈزۈپ قويغان يىتەرسىزلىكلەردىن ساۋاخ ئېلىپ ئالغا قاراپ مېڭىشىمىز لازىم.چۈنكى بىز يەنىلا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چۇقىسىدا.خانلىق مادىردنىڭ كۈرشى تېخى بۇنىڭ بىلەن تۈگۈمەيدۇ.مۇبادا بارىسلونا بۈگۈنكى مۇسابىقىدە غەلبە قىلسا ،ئۇلار بىلەن بولغان نۇمۇر پەرقىمىز 1نۇمۇرغا چۈشۈدۇ.ئەگەردە بىز ھەر بىر مۇسابىقىنى ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى ئوينىساق ئۇ چاغدا بىز داۋاملىق بىرلەشمىنىڭ 1-ئۇرنىدا مەھكەم تۇرالايمىز.بىز بۈگۈن بەك ئۇسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق،چۈنكى بىز ئۇتتۇردۇق.شۇڭلاشقا بىز ھامان ئالدىغا قاراپ مىڭىشىمىز لازىم.مىنىڭ قارشىمچە خانلىق مادىرىد مادىرىد رىقابەتكە قارىغاندا كۆپ جەھەتتىن كۈچلۈك.مەن شۇنداق كاپالەت بىرىمەنكى بىز بۇيىل چۇقۇم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بۇلۇمىز.ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بىز 0-5نەتىجە بىلەن بارىسلونا كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان.شۇ كۈن بەك ئېچىنىشلىق كۈن بولغانتى.ئەينى ۋاقىتتا بىز قىممەتلىك ئۈچ نۇمۇردىن ئايرىلغان ئىدۇق،ھەرگىزمۇ 4نۇمۇردىن ئەمەس.خۇددى بۈگۈنكى ئەھۋال بىلەن ئوخشاش. |
|