elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1118|ئىنكاس: 44

ئەنچىلوتتىنىڭ 433 سېپى مەغلۇب بولدىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   U7880P6T12D7511546F44DT20150208082948.jpg

مادرىد دېربىسىدىن كېيىن، رىئال مادرىدنىڭ ئاتلىتكىغا ئۇتتۇرماسلىقى، ئاتلىتكىنىڭ رىئال مادرىدقا ئۇتتۇرماسلىقىغا ئايلاندى. مادرىد مەستانىلىرىنىڭ كالدىرون پۇتبول مەيدانىدا ئاتلىتكىنى مەغلۇب قىلىپ چۈشى رىئاللىققا ئايلىنالمىدى،ئەنچىلوتتى تاكتىكىدا سىمونىغا ئۇتتۇردى،  يېقىنقى 6 مەيدان ئۇچرىشىتا ئاتلىتكا مەغلۇب بولۇپ باقمىدى، ئىتالىيەلىك چوڭ رىقابەتچىدىن بىرگە دۇچ كەلدى، مادرىدنىڭ بارسىلونانى ئۇتۇشقا ئامالى بار، ئاتلىتكىنى ئۇتۇشقا ئامالى يوق.

  ئالدىنقى پەسىللىك چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەلقىلغۇچىدا راموسنىڭ كاللا توپ كىرگۈزىشى بىلەن مادرىد يار لېۋىدىن قايتىپ، ئاتلىتىكىنى ئۇتۇپ چىمپىيون بولدى، لېكىن شۇ مۇسابىقىدىن كېيىن ئاتلىتكا دەررۇ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە مادرىدقا ئۇتتارمىدى. سىمونى شۇ مۇسابىقىدىن كېيىنلا مادرىدقا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىۋالدىيۇ، ئەنچىلوتتى نەچچە مەيدان بولسىمۇ ئامال تاپالمىدى.

  مۇسابىقىدىن كېيىن مادرىد(شەھەر) ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەنچىلوتتىنى بۇ مۇسابىقىدە يېڭىلىشىتىكى ئاساسلىق سەۋەبكار دەپ خەۋەر بەردى. 2015-يىلى كىرگەندىن باشلاپ مادرىد ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، ئاساسلىق سەۋەبلىرى ئەزالار ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلمىدى، زاپاس ئەزالار بىلەن ئاساسلىق بولۇۋاتقانلارنىڭ ماسلىشى ناچار، يارىدارلارنىڭ كۆپيىشى قاتارلىقلار بولدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەنچىلوتتى تاكتىكىدا كەتكۈزۈپ قويدى. ئا س گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مادرىدنىڭ سەپ شەكلى433 دىن 442 گە ئۆزگەرگەندە ھۇجۇم قېتىم سانى ۋە توپ كونتىرول قىلىشى زور دەرىجىدە ئاشقان، رونالدو جازا مۇددىتى توشۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەنچىلوتتى يەنىلا 433 سەپ شەكلىنى قوللاندى، لېكىن بۇ سەپ شەكلى كوماندا تەڭپۇڭلىقىنى يىمىرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھەم مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئەنچىلوتتى ب ب س گۇرۇپپىسىدىكىلەر ساق بولسىلا ئاساسلىق بولدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەنىدى.

  مادرىد بۇ پەسىل بىرقانچە مەيداندا پۈتۈن مەيدان ياكى يېرىم مەيداندا 442 سەپ شەكلى قوللاندى، خانلىق جەمىيەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 442 سەپ شەكلى ئىشلىتىپ 4-1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى، ئۆتكەن يىلى گىرانادا بىلەن بولغان مۇسابىقىدىمۇ 442 سەپ شەكلى ئىشلىتىپ 4-0 غەلبە قىلغان. مادرىد 442 سەپ شەكلى ئىشلەتكەندە پاس سانى 571 قېتىم بولغان، 433 سەپ شەكلى ئىشلەتكەندە بولسا 523 قېتىم بولغان، 442 سەپ شەكلى ئىشلەتكەندە ئۈنۈملۈك پاس 502 قېتىم بولغان، 433 سەپ شەكلىدە 447 قېتىم بولغان، ئوخشاشلا 442 سەپ شەكلى ئىشلەتكەندە ھۇجۇم سانى 16 قېتىمدىن يۇقرى بولغان بولۇپ 433 كە سېلىشتۇرغاندا ھەر مەيداندا ئىككى قېتىم كۆپ بولغان. خانلىق جەمىيەتنى يەڭگەن مۇسابىقىدە 442 سەپ شەكلى بىلەن تاق مەيداندىكى ھۇجۇم سانى 20 قېتىمدىن ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا 442 سەپ شەكلىنى ئىشلەتكەندە ھەر مەيدانغا 3.8 توپ كىرگەن، 433 سەپ شەكلىنى ئىشلەتكەندە ھەر مەيداندا 3.1 توپ بولغان.

  رونالدو بولمىغان شارائىتتا، مادرىد يەنىلا يۇقرى ئۈنۈمنى ساقلاپ قالغان، 442 سەپ شەكلى ئىشلەتكەندە 433 سەپ شەكلى ئىشلەتكەنگە قارىغاندا بېسىم قېلىشى يۇقرى بولغان. ئوتتۇرا مەيدانغا بىر ھەمدەمچى قوشۇلغاندا، ئوتتۇرا مەيداندىكىلەرنىڭ ماسلىشى يۇقرى بولغان، كوماندىنىڭ نۇمۇر ئېلىشىمۇ تۆۋەنلەپ كەتمىگەن. ماركا گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە ئەنچىلوتتى ب ب س گۇرۇپپىسىدىكىلەردىن بىرەرسى كەم بولسىمۇ كوماندىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ب ب س گۇرۇپپىسىدىكىلەردىن بىرسى كەم بولغان شارائىتتا تۆت ئوتتۇرا مەيدان چىقارغىلى بولدىغانلىقىنى ئىنكار قىلماسلىق كېرەك.

  بۇ پەسىل مادرىد  تۆت ئوتتۇرا مەيدان ئىشلىتىپ ئاز بولمىغان مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن، مەسىلەن چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە لىۋىرپۇل بولغان مۇسابىقىدىمۇ ئۈنىمى شۇنداق ياخشى بولغان، شۇ مۇسابىقىدىكى سەپ شەكلىمى 442 ئىدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر مۇسابىقە بېرنابۇدا ئېلىپ بېرىلغان دۆلەت دېربىسىدۇر، بۇ مۇسابىقىدە مادرىدنىڭ ئىپادىسى يەنىلا ياخشى بولغان، ئېنرىكنىڭ كوماندىسى بىلەن بولغان بۇ مۇسابىقىدە، بېل بولمىغان شارائىتتا، ئەنچىلوتتى ئىسكو، خامىس، كىروس، مۇدىرىچلارنى چىقرىپ ئالەم كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىدىن غالىپ كەلگەن.

  ماركا گېزىتى ئاخىردا يەنە 442سەپ شەكلى 433 سەپ شەكلىگە قارىغاندا ھۇجۇم مۇداپىئە تەڭپۇڭلىقىغا بەكرەك ئېتىبار بېرىدىغان سەپ شەكلى، قارىماققا بىر قەدەر بىخەتەر، يۇقرى كۈچ ئېلىشمىسىدا ئىپادىسىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ، ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى تولۇپ تاشقان مادرىدقا نىسبەتەن، ھۇجۇم سېپىدىكى بىرەر چولپاننىڭ كەم بولىشى مادىرىدقا نىسبەتەن ياخشى ئىش دەپ كۆرسەتكەن. ئالدىنقى پەسىلدىكى بىر قانچە مۇسابىقىلەردىن كوماندا قېيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئويناش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ قاتتىق ئويناش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ئۈنىمىنىڭ ياخشى بولدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. شاھلىق لوڭقىسى ھەلقىلغۇچىدا، رونالدو بولمىغان شارائىتتا يەنىلا 442 سەپ شەكلى قوللانغان. بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى ئۈنۈملىكت بىتچىت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھۇجۇم سېپىدىكىلەرنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ قايتۇرما ھۇجۇم ئويناپ غەلبىگە ئېرىشكەن، يەنە چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەلقىلغۇچىدا ئوخشاشلا  تۆت ئوتتۇرا مەيدان چىقارغان.

  ئەمما ئاتلىتىكىغا كەلگەندە يەنىلا 433 سەپ شەكلى ئىشلىتىپ، كوماندىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاتلىتكا ئۆزىنىڭ تاكتىكىدىكى ئەۋزەللىكىنى نامايەن قىلدى، ھەمدە مۇشۇ ئويناش ئۇسۇلى ئارقىلىق سىرتلاردىكى ئاتلىتكا قوپال ئوينايدۇ دېگەنگە رەددىيە بەردى، ھەم مادرىدنىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇب قىلدى. رونالدونىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ قايتىپ كېلىشى بىلەن ئەنچىلوتتى 433 سەپ شەكلىنى قوللاندى، ئەلۋەتتە ب ب س گۇرۇپپىسى ئۆزگەرتىلمەيدىغان توپچىلاردە، شۇنىڭ بىلەن مادرىد 442 سەپ شەكلى ئىشلەتكەندىكى تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتتى. سىمونىنىڭ قول ئاستىدىكىلەر چىقىش يولى يوق ئامالسىز قالغان مادرىدقا ئوبدانلا ساۋاق بېرىپ قويدى. مادرىد ئامالسىز قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە ئاغرىنىش بىلەن قارشى تەرەپنى توستى، ئەمما ئاتلىتكا توختىماي توپ كىرگۈزۈش بىلەن مادرىد ئەزالىرىنىڭ روھىنى يەرگە ئۇردى.

  «442 بارلىق سەپ شەكلىنىڭ مەنبەسى. سەپ شەكلى مەسلىلىرىنى مۇنازىرە قىلغاندا بۇ مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىمىز كېرەك.» دەپتىكەن دېلىيو روسسى. كوماندا تەڭپۇڭلىقىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، ئەنچىلوتتى ئۇ يان ئويلىنىپ، بۇيان ئويلىنىپ ئاخىرى ئەڭ ياخشى سەپ شەكلىنى تۈزۈپ چىقتى، بۇ ئارقىلىق كوماندىنىڭ ھۇجۇم كۈچىنى تېخىمۇ ئىسپاتلىغىلى بولاتتى، ھەمدە مۇداپىئە سېپىگىمۇ بېسىم چۈشۈرۈپ قويمايتتى. ئۇنىڭ ئويلاپ تاپقىنىمۇ 442 سەپ شەكلى ئىدى، ئەمما ھۇجۇم سېپىدىكى گىگانىت چولپانلارنى سەپلەشتە ئۇ ئۆزىنىڭ سەپ شەكلىدىن ۋاز كەچتى، ھەم مادرىنىڭ تەڭپۇڭلىقىدىن ۋاز كەچتى.

  ئوتتۇرا مەيداننىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان ب ب س گۇرۇپپىسى ئېچىرقاپ كەتكەن ئاتلىتكىغا ئۇچرىدى. ئالدىنقى مەيدان ۋارتارغا قارتا تېپىلگىنى 1، ئۇدۇل ماڭغىنى 0، پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە ب ب س گۇرۇپپىسىنىڭ ۋارتارغا ئۇدۇل تەپكىنى 0، ئاتلىتكىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى، قايتارما ھۇجۇمى، ئورۇن بەلگىلەن توپ تاكتىكىسى مادرىدنى ھالسىرتىپ قويدى، 4-0 نەتىجە بىلەن ئاتلىتكا غەلبە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئەنچىلوتتى مادرىد تارىخىدىكى تۇنجى 6 مەيدان دېربىدا يېڭەلمىگەن تېرىنىر بولۇپ قالدى، باشقا تېرىنىرلار تۇتقاندىمۇ 6 مەيدان دېربىدا يېڭەلمەسلىكتەك نەتىجە بارىلىققا كەلگەن، ئەنچىلوتتى كوماندىنىڭ ناچار نەتىجىسىنى قايتا بىر قېتىم ياراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنچىلوتتى بۇ ئالتە مەيداندا 2 قېتىم تەڭلىشىپ 4 قېتىم ئۇتتۇردى، 45 يىل بۇرۇن تۆت قېتىم تەڭلىشىش، ئىككى قېتىم ئۇتتۇرغان.

مەنبەسى : http://sports.sina.com.cn/g/laliga/2015-02-08/08297511546.shtml
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 23:11:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام مادىرىت 433  ئوينىدىما ؟

  دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىنى تالىشىپ تەڭلەشكەن تۇنجى مەيداندىلا  ئاتلىتكىغا  433 نى ئىشلىتىشنىڭ چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى  ھىس قىلغان ئىدىم    .  
بۇ خىل سەپ شەكلىدە     ئالدىدىكى 3   ھازىرقى  مادىرىتنىڭ   ‹‹ئۆزگەرمەس ئۈچ ئادىمى  ››   پەقەت ئۇلارنىڭ تىنىقى بولسىلا  .    ئۇلارنىڭ كىم كىملەر ئىكەنلىكىنى      مادىرىتنىڭ ئوپچە رەسىمىنى ئانچە مۇنچە كۆرۈپ باققان ئادەممۇ بىلەلەيدۇ .   مادىرىت بۇ خىل ئويناش ئۇسسۇلىدا ئاتلىتكىدەك رەقىبكە دۇچ كەلگەندە  ئوتتۇردىكى 3 نى  قاتتىق  ئويلىشىپ  تاللىمىسا   قەتتىيلام بولمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ ئۇ چاغدا .

چۈنكى  ئالدىنقى ئۈچى  مۇداپىئە ئىڭى كوماندا بويىچە ئەڭ تۆۋەن ئەزالارغا كىرىدۇ .(  بۇلۇڭ توپلاردا چەكلەنگەن رايۇنغا كىلىپ قويغىنى   ئاكتىپ مۇداپىئەگە كىرمەيدۇ ھەرگىز  )  ئانچە مۇنچە قايتتى دىگەندىمۇ ئۇلارنىڭ    مۇداپىئەسىمان  ئەزالاردەك چىككىسىدىن  تەر ئاققۇزمىقى  تەسىرەك . بۇ خىل ھالەتنى  ئارزۇ قىلىپمۇ كۆرەلمەسسىز بەلكىم .        بۇنداق ئەھۋالدا تىرىنىر بولغۇچى   ئوتتۇردىكى ئۈچىنىڭ كەم دىگەندە  بىرى ياكى ئىككىسىنى مۇداپىئەچىمان ئەزالارغا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر .      

لىكىن ھۇجۇم تەشكىللەشنى كىم قىلىدۇ ئۇنداقتا ؟   يەنە بىر ئوتتۇرا مەيدان ماھىرىما ؟  توغرا . لىكىن ئۇ  ئالدىدىكى ئۈچىنىڭ  مۇداپىئەسىنىمۇ تولۇقلاش كىرەك .  بۇ بىچچارىنىڭ ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئىغىر ،  ھۇجۇم  تەشكىللەش  ،  مۇداپىئەنى تولۇقلاش ...بىرەسىگە يىتىشەلمىسىلا  چاتاق چىقىدۇ .   ئەمىسە  ئالدىدىكى ئۈچى ھۇجۇم تەشكىللىمەمدا  ؟  

ئەلۋەتتە تەشكىللەيدۇ  ، لىكىن  مەسىلە شۇ يەردىكى  بۇلارنىڭ  ھىچقايسىسى    ئوتتۇرا  كەينى مەيدانغا يىنىپ تۇرۇپ ھۇجۇم تەشكىللەيدىغان   ھۇجۇمچىلار  تىپىدىكى ئەزالار ئەمەس .   

نەتىجىدە  بۇ ئۈچ قەۋەت سەپ شەكلى ئاتلىتكىدەك    جىددى قىستاپ توپ تالىشىدىغان ، ئاخىرقى قۇۋۋەتلىرى قالغۇچىلىك    توختىماي يۈگرەيدىغان    ئادەمگە ئارام بەرمەيدىغان ... كوماندىغا يولۇققاندا  ئىنىقلام زىيان تارتىدۇ .      چۈنكى بۇلارنىڭ پۇتىغا توپ چۈشسىلام   مادىرىتنىڭ بىرىنچى سىپىدىن ئۆتمىكى ئىنتايىن  ئاسان  ،    ئىككىنچى سەپنى  بولمىدى دىگەندىمۇ    يا  ھۇجۇم تەشكىللىگىلى  قويمايدۇ يا   ئانالىز قىلغۇدەك پۇرسەت  بوشلۇقمۇ بەرمەيدۇ .  . .

نەتىجىدە ئۇلارنىڭ پۇتىدىكى كونتىرىللىقىدىكى توپ ھەر ۋاقىت    ئۈچۈنچى سىپىمىزگە       ‹‹ چەكسىز يىقىنلىشىپ تۇردۇ ››  مۇسابىقە تۈگكىچىلىك .   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 19:06:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدېنلا مەيدانغا چېققان ئادەملەردە مەسلە يوق ماسلىشالمىدى تاكتىكىمۇ تىتمىدى ئەمدە نىملا دىسەك ئالبىنى بولدۇ شۇڭا مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىش كىرەك ئەڭ مويمى بىز يەنلە چوققىدا بەلكىم بۇگۇن كەچتە تونوش دۇشمەنلەرمۇ پۇتلىشىپ قىلشى مومكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 17:54:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەغلۇبىىيەت-مۇۋەپپىقىيەتنىڭ مومىسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 17:43:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 17:45:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 17:51:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 17:52:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 17:59:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 18:00:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-8 18:00:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 17:52
ئەنچىلودى ئىتاليەدە  ئۇزاق تۇرغان...ئىتالىيە بىرلەشمىس ...

مەنچە 433 تە ياراملىق ئارقا بەلدىن بىرسى بولمىسا تازا ئۈنىمى كۆرۈلمەيدىكەن، مۇدىرىچ يارلانغاندىن بېرى ئارقا سەپتىكى بوشلۇق ئېچلىپ قېلىۋاتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 18:04:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىنى باشقا مۇنازىرچىلەر ئ‍ۈزەڭلارنىڭ ئ‍ويلىغىنىنى دەپ باقمامسىلەر بىزمۇ ئ‍اڭلاپ باقايلى،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-8 18:04:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 18:00
بىنزىما  رونالدۇ بىل بىلەن ماسلىشىدۇ...لىكىن بىل بىلەن  ...

بېل يېڭى كەلگەندە بېنزىما بىلەن ماسلاشمىسىمۇ رونالدو بىلەن ماسلىشاتتى، لېكىن شاھلىق لوڭقىسى ھەلقىلغۇچىدىن كېيىنلا ئۆزگۈرۈپ كەتتى، ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئالدىراپ نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى يوق قىلىد، كېيىن راموس توپ ئۇرۇپ تەڭلەشتۈرگەندىن كېيىن ئىككىنجى توپنى بېل كىرگۈزگەچكە تۆھپىنىڭ كۆپرەك بېلغا يېزىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ رونالدوغىمۇ پاس بەرمەسلىك باشلاندى. رونالدو پاس بەرمەمدىكى دېسە ھازىرچە ئىسپاندىكى پاسچىلارنىڭ ئالدى بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 18:04:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:44

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش