akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2378|ئىنكاس: 49

ئەنچىلوتى توپچىلارنىڭ ئىپادىسىدىن رازى بولمىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مادىرىد دېربىسدىن كىيىن  خانلىق  مادىرىد مەشقاۋۇلى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا  ئۆزىنىڭ توپچىللىرىنىڭ ئىپادىسىنىڭ بەكلا ياخشى بولمىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئىپادىسىدىن رازى بولمىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى .
بۇ قېتىملىق مۇسابىقە مەن خانلىق مادىرىدقا كەلگەندىن كېيىنكى ئەڭ ناچار ئوينالغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولدى . نىمىش بولغانلىقىنى بىلمىدىم بىزنىڭ توپچىللىرىمىزنىڭ ئىپادىسى پەقەتلا ياخىشى بولمىدى ،بىز مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم . ئادەم مەغلۇپ بولغاندىلا ئاندىن قايتدىن باش كۆتۈرۈپ چىقالايدۇ . بىز موشۇنداق مۇسابىقىلەرنى چوقۇم ئانالىز قىلىپ قەيەردە كەتكۈزۈپ قويغىنىمىزنى تېپىپ چىقىشىمىز لازىم .  ئىشىنىمەنكى ھەممە توپچىللىرىم مۇسابىقە توغرۇلۇق ئويلىنۇپ ئۆزىنىڭ قەيەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى تېپىپ چىقالايدۇ .  كوماندىمىزدىكى توپچىلارنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى تۇراقلىق لىكىن بۇ قېتىم نىمىش بولغانلىقىنى بىلمەيمەن ، توپچىللارغا بېسىم ناھايىتى زور  ، بۇ بىز دائىم سادىر قىلدىغان خاتالىق ئەمەس ، توپچىلار نۇرغۇن تەرەپلەردىكى ئەۋزەللىكلىرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ بولالمىدى  . بىزنىڭ bbc ھۇجۇم سېپىمىز ناھايىتى كۈچلۈك  ئۇلار ئالدىنقى يىلى   4 شاھ بولشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى ، بىز ئۇلارنىڭ قابىلىيتىدىن گۇمانلانساق خاتالاشقان بولىمىز  ، قەدىرا كەتكۈزۈپ قويغان ئورۇندىكى بوشلۇقنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىمىز . مۇسابىقىدىكى 11 ئادەمنى مەن ھەرگىز خاتا تاللاپ قالمىدىم .   بىزنىڭ يەنە پۇرسىتىمىز كۆپ  ھەر ۋاقىت بىرلەشمە نومۇرىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرشىمىز .پەسىل ئاخىرىدا كىمنىڭ چىمپىيون بولىشى تېخى ئېنىق ئەمەس . مۇسابىقە ئاخىرلاشتى ئەمدى مۇسابىقە توغرۇلۇق توپچىلارغا ئاچچىقلىنىپ يۈرشۈمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق . مەن ھەممە توپچىللىرىم ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ خىزمەت ھۆددىسىدىن تولۇق چىقشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . مۇسابىقىدە مادرىد رىقابەت توپچىللىرىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى . قايتارما ھوجۇم ۋە مۇداپىيەنى ناھايىتى ياخشى قىلدى ، قارشى تەرەپنىڭ كۈرەش قىلىش روھى ، ھەر خىل تېخنىكىلىق ھەركەتلىرى ،ئىتتىپاقلىشىش ۋە مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە بەل قويۋەتمەسلىك روھى ناھايتى ياخشى بولدى .  ئۆزىنىڭ ساھىبخان مەيدان ئەۋزەللىكىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلنىپ بىر مەيدان ئېسىل مۇسابىقىنى ئويناپ تاماملىدى .



ئەسكەرتىش : مۇسابىقە تۈگۈدى قېرىنداشلار يەنە سىلەر بىلەن بىز قالدۇق شۇڭا ئېغىر بېسىق بولۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
=0.jpg
0111.jpg
gggg.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:51:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۈكسەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 16:52  

مورىنىيۇ توغۇرلۇق گەپ قىلسا نەقىل قىلىدىغانلا جق چىقىپ كىتىدۇ شەخسى ھىسياتنى ئارلاشتۇرۇپ. لىكىن بىر بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىدىغان ساپلا چولپان يىغىلغان، بۇنداق كوماندىغا مورىنىيۇدەك يۈز قارىمايدىغان تەلۋىدىن بىرسى كىرەك. مورىنىيۇنىڭ مادرىتقا ئۇزغۇنلۇق ئىلىپ بىرەلمىگەنلىكى تەلىيىنىڭ سەللا كام بوپ قالغانلىقىدىن بولدى. بەيرىن بىلەن بولغان نۇقتا توپ بۇنىڭ مىسالى.ئەمما ئۇنىڭ مادرىتقا ئىلىپ كەلگەن ئۆزگۈرۈشلىرى ئاز ئەمەس. دىسەك گەپ جىق،ئىشقىلىپ ئۇ تەلۋە كىمگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلەتتى.مانا ھازىرقى چىلسىنىڭ ئىنگىلاتتەك رىقابەت كەسكىن زەردارلا كۆپ بىرلەشمىدىكى ئورنى ۋە تەسىرى ھەممىگە ئايان.ئىنگىلانتتىكى كۈشلۈكلەرنى قانداق سۈپۈرۈپ مىڭىۋاتقانلىقىمۇ ھەممىگە ئايان. باشقا گەپ يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:37:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ب ب س گۇرۇپپىسى ئىلگىرى كۆپ توپلارنى ئۇرۇپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى، ئەنچىلوتتى مادرىدنىڭ 10-لوڭقىنى ئېلىشىغا يىتەكچىلىك قىلغان ئىدى، بىر مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولسىلا تېرىنىر ياكى مەلۇم توپچىنى ئەيىپلەش توغرا ئەمەس.
مېنىڭچە رىئال مادرىدنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆپ تەرەپتىن تەھلىل قىلىپ باقساق بولىدۇ:
1.  مادرىدنىڭ دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغا ئېرىشىش بەدىلىگە سىۋىللا بىلەن بولغان مۇسابىقە كېچىكتۇرۇلۇپ ئاتلىتكا مادرىد بىلەن بولغان مۇسابىقە بىلەن بەك يېقىن ئارلىقتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى،سىۋىللا بىلەن بولغان جەڭدە رىئال مادرىد بەك ئېغىر بەدەل تۆلىدى( مۇدرىچ ،پىپىلار ساقايمىغان ئەھۋالدا بۇ مەيداندا راموس ،خامىس رۇدرىگېس قاتارلىقلار سەردارلار ئېغىر بېمارلاندى. مارسىلو چەكلەندى.)تۈزۈك دەم ئېلىش پۇرسىتى بولمايلا زاپاس ئەزالار ئانچە -مۇنچە ماسلىشىش مەشقىنى باشتىن كەچۈرۈپلا مۇشۇنداق مۇھىم جەڭگە چۈشتى.
2. ئوتتۇرا مەيداندا كىرۇسنىڭ ئىپادىسىنى بىر ئاز ياخشى بولدى دىيىشكە بولىدۇ،ئەمما قالغىنى نۆل دىسەكمۇ بولىدۇ،ئىسكو بەك نايناقشىپ كەتتى. قىدرا قېرىپ قالغاندەك تۇرامدۇ؟
3. رونالدو ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەنگەندىن كېيىن مەيدانغا چۈشۈپ توپ تېپىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا ئوينىدى،بۇرۇن مۇداپىئەگىمۇ ئارلىشىپ قوياتتى،ئاخشام توپ ساقلاپ ئۆتۈپ كەتتى مەيداندا.24-نومۇرنىڭ ئىسمى نېمە؟ شۇ بالىنىڭ تەپكەن توپى ئاتلىتىكىغا ئەڭ خەتەر ئېلىپ كەلگەن بىردىنبىر توپمىكىن دەيمەن،ئەپسۇس ئاتلىتكا قاپقىچىسى توسۇپ چىقىرۋەتتى. بىلنىڭ گېپىنى قىلمايلا قوياي،يەنىلا بېنزىما قارىم ئانچە -مۇنچە تىرىشىپ باقتى.
4.مۇداپىئەدە ئوتتۇرا مەيداندىن ياردەم كەلمىگەندىن كېيىن چوڭ مەسىلە چىقىشى ئېنىق،كاشىللىياس بىرىنچى توپتا سەۋەنلىك ئۆتكۈزدى دىسەكمۇ قالغان ئۈچ توپتا ئۇمۇ ئامالسىز قالدى.
5. ساھىبخان كوماندىنىڭ ئومۇمىي سەپ شەكلىدە ئىتتىپاقلىشىپ جان -جەھلى بىلەن جەڭ قىلىش روھى شۇنداقلا باشتىن -ئاخىر مۇشۇ ھالەتنى ساقلاپ مېڭىشى رېئال مادرىدنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر سەۋەب.
مېنىڭ ھىس قىلغىنىم مۇشۇنچىلىك،كۆپچىلىك ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىنكاس يازساق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 18:53:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈكسەل يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 14:51
مورىنىيۇ توغۇرلۇق گەپ قىلسا نەقىل قىلىدىغانلا جق چىقى ...

مورىنئو  دەۋىردىكەنسىلەر ، ئۇ كېتىشتىن بۇيان سىلەرنىڭ  ئامراق چولپىنىڭلار  رونالدو  بىلەن پېپې بىلەن ،راموس  بىلەن زىددىيەت لىشىپ قالغىنىدىن خەۋىرىڭلار يوقمۇ ، كاسىللاسنى دېمەي بولدى ، لىكىن قالغان  ئۈچى  ياكى ئۇ ياكى بىز قالىمىز دەپ غەۋغا چىقارغىنى راستتۇ؟ ئەن دوكتۇر كېلىپ كوماندا ئىتتىپاقى ھەم توپچىلىرى بىلەن بولغان  مۇناسىۋىتىنى قاتتىق ياخشىلاپ ئالدىنقى ييىلقى نەتىجىنى قولغا كەلتۇردى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:19:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېمون توغرا دەپتۇ ب ب س  مسسىغا تەڭ ئەمەس دەپ . رونالدو بېل بېنزىما دېگەنلەرنىڭ بىرەرسى ئوتتۇرمەيداندىن توپ ئېلىپ قارشى تەرەپ مۇداپىيەسىگە كېرىپ باققىنى كۆرمۈدۇم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:17:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىتنىڭ ھۇجۇمچىلىرى "كۆتەك تۈۋىدە توشقان كۈتكەندەك" ئوينىدىغۇ ئاخشام.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:09:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام مۇسابىقە ئوينىغان خان مادرىت ئەزالىرىنى بىزنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىمىزنىڭ يىتەكچىلىكىدە 1سائەت سىياسى ئۈگۈنۈشكە تەشكىللىسە،ھېلىغۇ ئاتلىتكا بىلەن باساكەن ،مىلەننىىمۇ ئۇتىدىغان قىلۋېتىدۇ،نىمانداق بۇشاڭلىق ئۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:06:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baress تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 16:11  

بۇ مۇسابىقىدە كىرىستىيانو ۋارتار لىمى ئىچىگە نۆل قىتىم تىپىپتۇ   نۆل توپ كىرگۈزۈپتۇ  پاسنىڭ توغرۇلۇقى نۆل ( 传中)ياردەچى پاس نۆل    خەتەرلىك توپ نۆل  (威胁)  پاسنىڭ توغۇرلۇق نىسبىتى 70%   (准确率)  قاتارلىق  بىر قاتار نۆللەرنى يارتىپتىمىش  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:44:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسېلونا ئەتە سەھەردە قارشى تەرەپ مەيدانىدا بىلبائو رىقابەتنى ئۇتالىسا نومۇر پەرقى بىرگە چۈشىدۇ.
يەنىلا رېئال مادرىد بىرلەشمىدە بىرىنچى،بارسېلونا ئىككىنچى،ئاتلىتكا مادرىد ئۈچىنچى، رىقابەت ئەمدى تېخىمۇ كەسكىنلەشكۈسى، ھۇررا بارسېلونا!!!!!!!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:41:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپچىلا ۋە مەستانىلەمۇ سەندىن رازى ئەمەس دوختۇر.ئورنۇڭنى بوشات.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:04:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:04:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي نىملا دىگەن  ۋاقتى ئۆتتى ، ئىش تامام ۋەسسالام ،\

ئىلمىي مۇلاھىزىدە بۇلۇپ تىنىچ ئامان مۇنبەر بەرپا قىلايلى ،

ئۈسەك سۆز قۇرۇق پاراڭنىڭ ئارقىسىغا كىرمەيلى ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:05:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھمۇدىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 16:07  

ئەنچىلوتى  ئەمەس  مەنمۇ  رازى  بولمۇدۇم  
بىر  توپ  بىكارچىلا....رمەيدانغا  توپ  ئۇينىغىلى  چۇشكەندەك  ئەمەس
  بۇلار  خۇددى  سايىپجامال  تاللاش  كىچىلىكىگە  كەلگەندەك  كىچىكتىن  تارتىپ  چوڭىغىچە  چىچىغا  يىلىم  سۇركەپ  تارشىپ  كەپتۇ


ئۇنىغۇ  مەيلى  دەيلى

ئاۋۇ  100  مېليۇنلۇق  بىكارچىلار  مۇدىپىيەگە  يىنىپمۇ  قويمىدى  قاچان  تونى  توپ  تاشلاركىن  دەپ پاقا  كۆزنى  پاقىرتىپ  تۇردى
ئاۋۇ  مايمۇنەكنى  مەيداندا  يوق  ئوخشايدۇ  دىسەم  مۇسابىقە  باشلىنىپ  35 مىنۇت  بولغاندا  ئاندىن  ئېكراندا  كۆرۈندى
كاشلىياش  قىرىپتۇ  ئەمدى  ئۇنىڭدىن  ۋاز  كەچمىسە  مادىرت  بۇنىڭدىنمۇ  يامان  كۈنگە  قالدۇ  
مۇرنىيۇ  كاشلىياسنى  ئېشلەتمەي  توغرا  قىپتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:05:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنچىلوتى ئەمەس مەنمۇ پەقەتلا رازى بولمۇدۇم ئاخشامقى ۋاختىمغا، نۇمۇر ئىلىش ئەمەس بىرە قىتىممۇ راۋرۇس بىر ھۇجۇممۇ تەشكىللىمىدى ئادەم ۋاھ دەپ قالغىدەك، نىمدىگەن بوشاڭلىق ئۇ، جىنى چىكەتسىمۇ مەيدانغا تۇشكەنكىن راۋرۇس ئوينىسا نىمبولا دەيمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:06:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتالىقىنى تونىغان يولداش ، ياخشى يولداش.
                                      - ماۋزىدۇڭ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:06:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇسابىقىدا توپچىلارنىڭ ئىپادىسىدىن  ئەنچىلوتىلا ئەمەس خانلىق مادىرد توپ مەستانىلىرىنىڭ ھەممىسى دىگىدەك رازى ئەمەس مىكىن بەلكىم ...........................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:09:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئەڭ ناچار مۇسابىقىسى بوپتۇغۇ،سىنا تورىدا رونالدونىڭ بۇ مۇسابىقىدىكى تۈرلۈك ئىپادىلىرىدىكى سان-سىفىرلىرى 00000بولدى دەمدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:09:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا مەنمۇ مۇسابىقىنىڭ 65مىنۇت بولغان يىرىدىن باشلاپ كۆرمىدىم،، بەك ئ‍ىچىم پۇشتى بۇلارنىڭ ئ‍وينىغىنىغا قاراپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 16:09:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا مەنمۇ مۇسابىقىنىڭ 65مىنۇت بولغان يىرىدىن باشلاپ كۆرمىدىم،، بەك ئ‍ىچىم پۇشتى بۇلارنىڭ ئ‍وينىغىنىغا قاراپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:58

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش