ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5377 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەنچىلوتتىنىڭ فورمۇلاسى يېشىلىپ كەتتى، پەسىل بېشىدىكى ۋالۇنسىيە بىلەن بولغان ( باشقىلارنى خۇشھال قىلساق مىلان بىلەن بولغان) مۇسابىقىدىن باشلاپلا فورمىلاسى يېشىلىپ كەتتى، ۋالۇنىسىيگە ئۇتتۇرۇش، خېتافىغا 60 مىنۇتقىچە تۈزۈك ھۇجۇم قىلالماسلىق، سېۋىللانى تەلەيگە ئۇتۇش. بەزىلىرىنى ئۇتقان بولسىمۇ تەلەيگە ئۇتتى (سېۋىللا) بەزىلىرىنى ئاساسى كۈچكە تايىنىپ ئۇتتى (خېتافى)، بەزىلىرىنى ئۇتالمىدى ( ۋالۇسنىيە، ئاتلىتكا) مۇشۇ مەيدانلارنىڭ ھەممىسىدە ئوتتۇرا مەيدان ئاقمىدى، بۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەك ئىدى. ( ياكى ئابلەتجەن دېگەندەك ئۇيغۇرلادىن چىققان تېرىنىر بولمىش مەن بالدۇر بايقىۋالدىممۇ؟.....)
خېدىرا ئەمەسلا بوپ كىتىپتۇ، ناچودىن بەكرەك ۋارانىدا توپ كەتكۈزۈش ئېغىر.
ئەنچىلوتتى ھەرقانچە يامان بولسىمۇ پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتا 424 سەپ شەكلى ئىشلىتىپ ئوتتۇرا مەيداننى ئاتلىتكىغا تاشلاپ بەرمەسلىكى كېرەكتى، كېيىنكى مەيداندا ئالدىدا تۆت توپچىنىڭ قاراپ تۇرغان، ئارقىدا 6 توپچىنىڭ قاراپ تۇرغان، ئوتتۇرىدا ئاتلىتكا توپچىلىرى ئويناۋاتقان كۆرۈنىشنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدىم.
قارىغاندا كۈچلۈك كوماندىلارنى ئۇتۇش ئۇسۇلى يالغان يىقىلىپ قارشى تەرەپنىڭ پىسخىكىسىغا ھۇجۇم قىلىش بوپ قالغان ئوخشايدۇ، بارسا —ئاتلىتكا، ۋالۇنسىيە — مادرىد، ئاتلىتكا— مادىرىد، سېۋىللا — مادرىد.
مادرىد مەستانىلىرنىڭ ئەنچىلوتتىنى تىللىشى ئۇنىڭ ئىلگىركى نەتىجىلىرىنى يوققا چىقىرۋەتكىنىنى بىلدۈرمەيدۇ، بىز ئۇنىڭ ئىلگىركى نەتىجىلىرىنى ھۆرمەتلەيمىز، ئەمما بىزگە كېرەكلىكى ئەنچىلوتتىنىڭ ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرى ئەمەس، ھازىر مادرىدنى نېمىگە ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقى.
تۈنۈگۈنكى ۋە ما تېمىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بەزىلەرنىڭ نەزىرىمدىكى ئورنى 2 كىلومىتىر چۈشتى، قارىغاندا مەنمۇ نەسىر يېزىشنى بەكرەك ئۆگەنسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ.
تۇتامى يوق، كوماندىسىنى جېنىدىن ئېزىز كۆرىدىغان ئەمما كوماندىسى يېڭىلىپ قالسا دۇنيادىن كېچىپ كېتىدىغان مادرىد مەستانىلرى نۇرغۇنلىغان كوماندا مەستانىلىرىنىڭ ئەيپلىشىگە ئۇچراۋاتقاندىكىن راست بەخىتلىك ئىكەنمىز، بىزگە «ھەمدەم» بولدىغانلار ئاز ئەمەسكەن. |
|