akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 810|ئىنكاس: 22

ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەن ،داڭلىق ئىختىيارى توپ تىپىش ما....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈرگىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 21:44  

ئىنگىلاند تاراتقۇلىرى ،ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەن ،داڭلىق ئىختىيارى توپ تىپىش ماھىرلىرنى رەتكە تىزدى.بېھخام 1-ئۇرۇندا تۇردى.

ئىختىيارى توپ تېپىش ئۇستىلىرىنى رەتكە تېزىشتا ھەركىمنىڭ ئۆزئالدىغا قارىشى بۇلىدۇ.ئوخشىمىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تېزىش تەرتىۋى بۇلىدۇ.يېقىندا ئەنگىلىيە ‹‹پوچتا گىزىتى››ئىنگىلاند تارىخىدىكى 10مۇنەۋەر ،داڭلىق ئىختىيارى توپ تىپىش ماھىرلىرنى باھالاپ رەتكە تۇرغۇزدى.بېھخام شەك-شۈبىسىز تېزىملىكنىڭ ئالدىنقى ئۇرۇننى ئىگەللىدى.ھېنىرى ۋە س رونالدو قاتارلىقلار ئىككىنجى ۋە ئۈچۈنجى ئۇرۇنغا تىزىلدى.قالغانلار زادى كىملەر ؟بىرلىكتە كۈرۈپ باقايلى.


      201502071723268831.jpg

1. بىھخام

ئەينى يېللىرى بېھخام ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئىختىيارى توپ تېپىش مۇتەخەسىس دەپ تەرىپلەنگەن ۋە بېھخامچە ئىختىيارى توپ تىپىش شەكلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.ئۇنىڭ 1-ئۇرۇنغا تېزىلىشى تەبئى. ئۇنىڭ يەنە كىلىشكەن ئىختىيارى توپ تېپىش قاتىلى دىگەن چىرايلىق نامىمۇ بار.بېھخامنىڭ ھەر پەسىل مۇقىم كەم دىگەندە 5قېتىم ئىختىيارى توپ ئۇردىغان يامان كىسىلى بار.ئۇ كۇلۇپتا جەمئى 46قېتىم ئىختىيارى توپ ئۇرغان.دۆلەت كوماندىسىدا 7ئىختىيارى توپ ئۇرغان.ناۋادا ئۇنىڭ ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ بەرگەن تۆھپە پاسلىرىنى ھىساپلايدىغان بولساق ئۇ چاغدا يۇقارقى سانلار شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كىتىدۇ.

       5048772_115831045290_2.jpg

2.ھېنىرى

ھېنىرى مەيداندا بەك ئالدىراش ئۈتۈدىغان توپچى ئىدى.ئارام خۇدا بىرەر تىنىق ئلۋېلىشىمۇ بەك تەسكە توختايتى.چۈنكى ئۇ مەيداندىكى ھۇجۇم دىن باشلاپ،نوقتا توپقىچە ھەتتا ئىختىيارى توپنىمۇ تېپىشكە مەخسۇس بەلگىلەنگەن كۆپ قىرلىق توپچى ئىدى.ئۇنىڭ ئىختىيارى توپ تېپىش ئۇسسۇلى خۇددى باشقۇرۇلغان بومبىدەك ناھايىتى تىز ئىدى.ئارسىنالدا توپ تەپكەن 8يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە يۇقىرى سەيۋىلىك ئىختىيارى توپتىن 12نى كىرگۈزگەن.كىرگۈزۈش شەكلى ھەرخىل -ھەرياڭزا.2004-يىلى ئەجەللىك بىر ئىختىيارى تۇپى بىلەن چېلسىنى جايلىغان.2006-يىلى تەپكەن ئىختىيارى تۇپى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان. 2005-يىلى 35مىتىر ئارلىقتىن باشقۇرۇلغان بومبىدەك بىر ئىختىيارى توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزگەن.دۆلەت كوماندىسىدا كىرگۈزگەن ئىختىيارى توپى 7.

       u=1099257124,929411055&fm=21&gp=0.jpg

3.رونالدو

ھەر قېتىم ئىختىيارى توپ تېپىشتىن ئىلگىرى مەخسۇس ئۆزگىچە بىرخىل ھەركەتنى ھازىرغىچە ئىشلەشنى توختۇتۇپ قۇيمىغان بۇ توپچى ،ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئاللىقاچان ئىختىيارى توپ تېپىش جەھەتتە خېلى داڭلىق ماھىرلاردىن سانىلاتتى.ئىنگىلاند تا توپ تەپكەن 6يىل ئىچىدە ئىنتايىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىختىيارى توپلارنى كىرگۈزگەن.تېلغا ئېلىشقا تىگىشلىك بولغىنى 2008-يىلى 11-ئايدا سىتوك شەھرى بىلەن بولغان جەڭدە ئىختىيارى توپتىن ئىككىنى كىرگۈگەن.رونالدونىڭ ئىختىيارى توپ تىپىش جەھەتتىكى تىپىش كۈچى ئەينى چاغدا ئىنگىلانىدتا 1-ئۇرۇندا تۇراتتى.

d53f8794a4c27d1eb09e61951ad5ad6eddc43822.jpg

4.سىباستىيان.لارسېن
لارسېن ئارسىنال توپچىلىقىغا ۋەكىللىك قىلدىغان ئەڭ داڭلىق قاتىل ھەم ياشلار مەشىق بازىسىدىن يىتىشىپ چىققان ئەڭ ياخشى مەھسۇلات.ئوتتورا مەيداندىن چاڭ چىقىرۋاتقان توپچى.كىيىن ئوتتورا مەيداندا ئۇرۇن جەھەتتە كۇلۇپ بىلەن كىلشەلمەي ئارسىنالدىن ئايرىلغان.ئەينى چاغدا ئىختىيارى توپ تىپىشنىڭ چولپانلىردىن سانىلاتتى.ھەم ئۇنىڭ ماركىسى ئىختىيارى توپ دەپ مۇئەيىنلەشتۈرۈلگەن. ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈردىغان ئىختىيارى توپتىن 11نى كىرگۈزگەن.


    1ad5ad6eddc451da97dcfb2eb6fd5266d11632c8.jpg

5.راھۇل.روبېرتو
فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ داڭلىق كوماندا باشلىقى راھۇل.روبېرتو نىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ تىپىش كۈچى پۈتۈن دۇنياغا داڭ كەتكەن.ھەتتا بىريۈرۈش قوزغۇتۇش ماتۇرى سەپلەنگەن ئەڭ كۈچلۈك ئوڭ پۇت دەپ تەرىپلەنگەن.ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان ئىختىيارى توپتىن 10نى كىرگۈزگەن.لېۋىرپول،مانجىستىر بىرلەشمىسى،رېس قاتارلىق داڭلىق كوماندىلار دائىم راھۇل.روبېرتونىڭ ئىختىيارى توپ ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ تۇراتتى.


      32fa828ba61ea8d397610909970a304e251f587f.jpg

6.كىرىستىيان.ئېرىكوسىن
دانىيەنىڭ ئىقتىدارلىق توپچىسى ئېرىكوسىن ،ئۇرۇن ئېلىش ۋە پۇرسەت تۇتۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى توپچى بۇلۇپلا قالماي يەنە ئىختىيارى توپنى بىر تەرەپ قىلدىغان مۇتەخەسىس ئىدى.2014/2015-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئېرىكوسىن ئىنتايىن يۇقىرى سەيۋىلىك ئىختىيارى توپتىن ئۈچنى كىرگۈزدى.بۇنىڭ ئىچىدە ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئىككى ئىختىيارى توپ كىرگۈزدى. ھازىر ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە مۇنداق بىر گەپ توپ مەستانىلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان.يەنى ئارسىنال ھەر ۋاقىت ھۇشيار بول .ھەرگىزمۇ رېس كوماندىسىدىكى 30-نۇمۇرغا ئوڭ -سول تەرەپتىن ئىختىيارى توپ تىپىشكە پۇرسەت بەرمە،ئۇنداق بولمايدىكەن ئېرىكوسىن كۆرگۈلۈكىڭنى كۆرسىتىدۇ.


      b219ebc4b74543a967cfd6c31e178a82b80114ec.jpg

7.بىئېنس

ئېۋىرتون مۇداپىيەچىسى بئېنىس نىڭ ئوڭ پۇت تېخنىكىسىغا سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىدا ئىختىيارى توپ تىپىش ئىقتىدارى ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىدە ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرۇشقا ئاساس سالدى.بىئېنس ئېۋىرتون كوماندىسىكى ئىنتايىن ئالدىراش توپ ئوينايدىغان كۆپ قىرلىق توپچى.ئۇ ئېۋىرتون كوماندىسىنىڭ بارلىق ئۇرۇندىكى ئۇرۇن بەلگىلەنگەن توپنى تىپىشكە مەسئۇل. ئىختىيارى توپ تىپىشتە خېلى يىتىشىپ قالدى.2013-يىلى 9-ئايدا غەربى ھەم كوماندىسى بىلەن بولغان جەڭدە بىئېنس قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئىككى ئىختىيارى توپ كىرگۈگەن. ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە بۇنداق ئىشلارنى پەقەت رونالدو،رونى،دىروگبا قاتارلىق داڭدارلارلا قىلالىغان.

       u=2420729978,2778848388&fm=21&gp=0.jpg

8.پىدېسېن

نورۋىگىيەلىك كىچىك بېھخام دەپ نام ئالغان پىدېسېن يان يولدىكى مۇنەۋەر توپچى بۇلۇپلا قالماي يەنە ئۇرۇن بىكىتىلگەن توپلارنى بىرتەرەپ قىلىشتىكى خەتەرلىك شەخىس.
ئەينى چاغدا بىلەيكىبورېن كوماندىسى ئاددىيلا بىر كوماندا ئىدى.پىدېسېن نىڭ ئىختىيارى توپتا يىتىشىپ چىقىشى بۇ كوماندىنى باشقىچە جانلاندۇرۋەتتى.2012-يىلى 2-ئايدا ئارسىنال بىلەن بولغان جەڭدە پىدېسېن نىڭ ئۇرغان ئىختىيارى تۇپى ئىنگىلانىد تارىخىغا يىڭى بىر ئىزنى قالدۇردى.


    u=741045953,2836878131&fm=21&gp=0.jpg

9.بېل

بېل نىڭ ئىختىيارى توپ تىپىش ئۇسسۇلى ۋە قىياپىتى بەئەينى رونالدونى تارتقان.كۆپ سۆزلەش بىھاجەت. بېلغا نىسپەتەن رېس كۇماندىسىدىكى .ئاخرقى بىريىلى ئۇنىڭ ئىختىيارى توپ تېپىش ئىقتىدارىنىڭ ئالتۇن ۋاقىتلىرى ئىدى.ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىردىن 2007-يىلى لوندۇن دىربىسىدە ئارسىنال كوماندىسىغا ئۇرغان ئىختىيارى تۇپى ۋە 2013-يىلى 2-ئايدا نىۋكاستىل كوماندىسىغا ئۇرغان توپلىرى .

    a8773912b31bb051d5565d3f347adab44aede0b3.jpg

10.سۇلانو
گەرچە سۇلانونىڭ نىۋكاستىل قۇشۇنىغا كىرشىگە نۇرغۇن كىشلەر ھەيران قالغان بولسىمۇ ،بىراق بۇ توپچى ئۈزۈنىڭ ئىختىيارى توپ تىپىش تېخنىكىسىنى نامايەن قىلىپ ناھايىتى تىزلا باشقىلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىدى. ئىنتايىن كىلىشتۈرۈپ يەتتە ئىختىيارى توپ كىرگۈزدى. ھەم ئىختىيارى توپ تىپىشتىكى دانىشمەن دەپ ئاتالدى.لېكىن نېۋكاستىل كوماندىسىدا ئىختىيارى توپنى تىپىشتىكى %100 ھۇقۇق بۇ توپچىنىڭ قۇلىدا ئەمەس. ئەگەر ئىختىيارى توپنىڭ ھەممىسىنى تېپىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈسە نۇرغۇن ئىسىل توپلارنى بارلىققا كەلتۈرشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش:بۇ يەردە تېلغا ئېلىنغىنى پەقەت شۇ توپچىنىڭ ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىدە ئەڭ ئىسىل كىرگۈزگەن ئىختىيارى تۇپىنى كۆرسىتىدۇ.ھەرگىزمۇ توپچىلىق ھاياتىدىكى جەمئى كىرگۈزگەن ئىختىيارى تۇپىنى كۆرسەتمەيدۇ.






      

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
جۈمە + 50 قالتىس!
بوغدا + 100 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 03:05:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-7 22:02:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېرىكسىن  ئاجاكىستىن   قاچان   يۆتكەلگەندۇ  ،   يامان  ئوينايكەنتۇق   بۇمۇ……   ھەم  بەك    ياش……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-7 22:10:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
LM10 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 22:02
ئېرىكسىن  ئاجاكىستىن   قاچان   يۆتكەلگەندۇ  ،   يامان  ئو ...

خېلى بوپ قالدىغۇ، دورتموند ئالىمىز دەپ يۈرىۋاتىسا توتىنھام سوقاپ كەتكەن، ئۈچ پەسىلدەك بولدىغۇ دەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-7 22:21:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 22:10
خېلى بوپ قالدىغۇ، دورتموند ئالىمىز دەپ يۈرىۋاتىسا تو ...

بىلمەيلا   قاپتىمە   مانى……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-7 22:39:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىكھام ھەقىقەتەن مۇتەخەسسىس بۇندا توپلارنى تىپىشتا بەك ئىسىل تىپىدۇ. مىسسى بۇنىڭ قاتارىغا كىرمەپتىيا ؟   ئۇ مۇ ياخشى تىپەتتى بولمىسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-7 22:41:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوي مەن تىمىنى ياخشى ئوقىماپتىمەن ئەمەسمۇ. ئىگىلاددىكى توپىلار ئىكەن ئەمەسمۇ  (سەت ھىڭگايغان چىراي ئىپىادىسى)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-7 22:42:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچىنىش يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 22:39
بىكھام ھەقىقەتەن مۇتەخەسسىس بۇندا توپلارنى تىپىشتا بە ...

ھې ھې .نىمە دىسەم بۇلا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئىشلار تۇرسا.مېسسى،دىمەيلا قۇياي.چۈشەندىڭىز ھەقىچان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-7 23:00:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىنىرىنىڭ ئالدىغارونالدو تزىلىشى كىرەكتى،،مانچىستىردىكى ۋاختىدا كىرگۈزگەن ئىختىيارى توپلىرى خلى جىققۇ،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-7 23:03:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىكھامنىڭ ئالدىغا تىزلىشى تەبى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 01:10:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونى كىرەلمەپتۇ-دە!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-8 01:12:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۈمە يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 01:10
رونى كىرەلمەپتۇ-دە!

ماۋۇ تىمىنى ئىككى سائەتتە يازغان ئىدىم.ئەگەر 10مىنۇت كىچىككەن بولسام نور تورىنىڭ ئارقىسىدا قالدىكەنمە!چاققان كىلىپ قاپتىمە!ھەجەپ خۇشال بولدۇم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-8 01:14:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زولا تىزىلماي قالدىمۇ قانداق...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 23:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش