ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1893 |
تۆھپىسى: سەر |
|
2-ئاينىڭ 5- كۈنى كىرىستىيانو 30 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالدى . كەسپى پۇتبولچىلارغا نىسبەتەن بولۇپمۇ ھۇجۇمچىلارغا نىسبەتەن 30 ياش ئىپادىسىنىڭ ۋە بەدەن سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە قاراپ ماڭىدىغان مەزگىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ياشلىق مەزگىلىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە بى مەھەل مىسسى تەرپىدىن 4 يىل باستۇرلۇپ كىلىنگەن بۇ چولپان ئاخىرى تىرشىش ئارقىلىق قايتا - قايتا ئىككى قېتىم پۇتبول دۇنياسىنىڭ خوجىسىغا ئايلاندى . ئەمما ياش ئادەمگە باقمىغىنىدەك ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا 30 ياشقا كىرىپ قالغان بۇ چولپان يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ؟ گىگس ، بىكھام ، رىۋالدولاردەك 39-40 ياشقۇچە توختىماي پۇتبول مەيدانىدا تۇلپاردەك چېپىپ يۈرەلەمدۇ ؟ 39-40 ياشقا كىرگەندە بۇ ئالتۇن توپ ساھىبى ھازىرقىدەك پەسىلدە 30 دىن كۆپ توپ ئۇرالامدۇ يوق ؟ يەنە شۇ ياشقا يەتكەندە مىسسى بىلەن رىقابەتلىشەلەمدۇ يوق ؟ ھۇجۇم ئورنى كۈچلۈك بەدەن سۈپەت ، تىزلىك ، ۋە يۇقىرى سەۋيىدىكى تېخنىكا تەلەپ قىلدىغان بولغاچقا باشقا ئورۇنلارغا نىسبەتەن ھوجۇمچىلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ چىكىنىشى بەدەن سۈپىنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن يېشىل چىملىقتىن بالدۇرلا خوشلشىشقا مەجبۇر بولىدۇ . تارخ بېتىنى ۋاراقلايدىغان داڭلىق ھوجۇمچىلاردىن ، پۇتبولچىلىق ھاياتىدا 1000مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 1300 دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن پۇتبول شاھى پېلى 30 يېشىدا پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بىر يىلدىن كىيىن قايتىدىن يىشىل چىملىققا قايتىپ كېلىپ 37 يېشىدا پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرشغان . يەنە بىر ئۆز دەۋرىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلات پۇتبول شاھى چىملىق ئەركىسى ( بەك تەرىپلەپ كەتتىمۇ نېمە ) تەڭرىدىنمۇ قورقىمايدىغان مارادونا 31 يېشىدا خىروئىن چەككەنلىك سەۋەبىدىن ئۈچ يىل ئىچىدە مەيدانغا چىققان قېتىم سانى 40 مەيداندا يەتمەي 34 يېشىدا پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان . 1970-يىللاردىكى قوش قەھرىماننىڭ بىرسى بارسىلونا پۇتبول ئاتىسى كېرىيوف 1984-يىلى 37 يېشىدا گوللاندىيە بىرلەشمە چىمپىيونى ۋە ، گوللاندىيە لوڭقىسى چىمپىيونى بولۇپ شۇ يىلى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان . قوش قەھرىماننىڭ بىرى بايرىن مىيونخىن كۇلۇبىنىڭ پەخرى بولغان بىكىنباۋۇر ئەپەندىمۇ 1984-يىلى ھامبۇرۇگ كوماندىسىنى باشلاپ گىرمانىيە چىمپىيونى بولغان . قېرىغىنىغا تەن بەرمەي نام ئاتاققا كۆمۈلۈپ كەتكەن ئىككى قەھرىمانمۇ ئاخىرى تەقدىر ۋاقىت ئالدىدا باش ئەگمەي تۇرالمىدى . گوللاندىيەلىك ئۈچ قىلىچۋانىڭ ئىچىدىكى ۋان باستىن 31 ياشتا ،گۇللىت 34 ياشتا ، رىجارگد 33 ياشتا پۇتبولچىلىق ھايياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ، يېقىنقى زاماندىكى تاشقى پىلانىت ئادىمى رونالدو ، شفشىنكو قاتارلىق تالانتلىق ھۇجۇمچلارمۇ 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئىپادىسى كۆرنەرلىك تۆۋەنلىگەن . . . رونالدو 2099-يىلى مادىرىدتقا قوشۇلغاندىن باشلاپ ھەيران قالارلىق ھالدا 277 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 288 توپ كىرگۈزۈپ رىئال مادىرىد مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە 4 - ئورۇندا تۇرماقتا ئۇنىڭ ئالدىدا ساندىرانا ( ئىسمى خاتا بولىشى مۇمكىن ) 290توپ رىۋايەتلىك توپچى دىستىفانو 308 توپ ، ئۈزۈك شاھ راھۇل 323 توپ رونالدو ھازىرقى ئىپادىسىنى تولۇق ساقلاپ رىئال مادىرىد مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە 1- ئورۇنغا ئۆتەلەمدۇ يوق ...؟ ئىلگىرى رونالدونىڭ شەخسيەتچى دىگەن نامى بار بولۇپ بۇ پەسىل رونالدۇ سەپداشلىرىغا 9 قېتىم پاس يەتكۈزۈپ ( مىسسى 10 قېتىم ) ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 2 -ئورۇندا 28 توپ بىلەن ياۋروپا مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە 1- ئورۇندا تۇرماقتا . .. كىرىستىيانونىڭ ۋاستچىسى مىندىس رونالدونىڭ كەگۈسى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ ‹‹ رونالدۇ بىر ئېسل توپچى ئۇ بۇ پىلانىتقا تەۋە ئەمەس ئۇ قىرىق ياشىقا كىرگەندىمۇ پەسىلدە 30 دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزەلەيدۇ ...›› دەپ سۈپەتلەيدۇ . ئۇنداقتا مۇنبەردىكى باللار بىرلىكتە مۇلاھىزە يۈرگۈزسەك رونالدۇ ھازىرقى ئىپادىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرالامدۇ يوق ...؟
ئەسكەرتىس : بەزى سان - سىفىرلار توغرا بولمىغان بولىشى مۇمكىن . قېرىنداشلارنىڭ تەكلىپ -پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن
|
|