ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2463 |
تۆھپىسى: سەر |
|
.
يېقىندىن بۇيان تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقان چېلسى باش مەشقاۋۇلى مورىنھۇ ھەپتە ئاخىرسىدىكى ئىنگىلاند بىرلەشمىسى ئۈچۈن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاخىرى ئۆزىنى كۆرسەتتى .بۇ پورتىگالىيەلىك داڭلىق مەشقاۋۇلنىڭ قارشىچە ‹‹ كوستا بىر ياخشى توپچى ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى ئارتۇق كەتتى ئىنگىلاد پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى چېلسى كۇلۇبىنى ئىزچىل چەتكە قېقىپ كىلېۋاتىدۇ .. مۇخبىرنىڭ پەسىل ئاخىرىدىكى چىمپىيونلۇق توغرىسىدا سورغان سوئالىغا ‹‹ مانچىستىر شەھرى كۇلۇبى خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلدى . مانچىستىر شەھرىنىڭ چىمپىيون بولۇشقا سالاھىتى يوق . بىز ھەر ۋاقىت خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىش تۈزۈمىگە بوي سۇنىمىز . ئابلاموۋىچ ئەپەندىمۇ ئادىل رىقابەتلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ . .. ›› قىشلىق يۆتكىلش بازىرىدا چېلسى كۇلۇبى دۇنيا لوڭقىسىدا ئىپادىسى قالتىس بولغان كولۇمبىيەلىك يان ھۇجۇمچى كودىرادو بىلەن توختام ئىمزالىدى . كودىرادۇ 1988-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ يان ھوجۇم يان مۇداپىيە ئورنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقىپ كىتەلەيدۇ . ئوخشاشلا بىر ۋاقىتتا مانچىستىر شەھرى كۇلۇبىمۇ ئىستىقبالى پاراق بولغان كوتىدىۋورلۇق ھوجۇمچى ‹‹ بونى ›› قوشىۋېلىپ كوماندىنىڭ ھۇجۇم سېپىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى . بونىمۇ كودىرادوغا ئوخشاشلا 1988-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ مەيداندىكى ئوتتۇرا يان ھۇجۇم ۋە ئالدى بەلنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقىپ كىتەلەيدۇ . ھەپتە ئاخىرسىدا بۇ ئىككى ھوجۇمچى مەيدانغا چىقىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى . بۇ ئىككى ھوجۇمچىنىڭ ئىنگىلاتتا پۇت تېرەپ تۇرالىغۇدەك سەۋيىسى بارمۇ يوق قىزىقىدىغانلار دىققىتڭلارنى ھەپتە ئاخىرسىدىكى مۇسابىقىگە مەركەزلەشتۈرۈڭلار .
|
-
-
|