ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1877 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئالدىنقى يىلى يازدا ئالتۇن ئۆسمۈر تورىس سىتانفورد كۆۋرىكىدىكى 4 يىللىق كۆڭۈلسىز ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سان — سىرو مەيدانىغا يىتىپ كىلىپ ئىجارە شەكىلدە مىلەن كۇلۇبى بىلەن 2 يىللىق توختام ئىمزالىدى . ئەمما بۇ ئالتۇن ئۆسمۈر مىلەنگە كەلگەندىن بۇيان 7 مەيدان مۇسابىگىگە قاتنىشىپ ئاران 1 توپ كىرگۈزۈپ مىلەن كۇلۇپ قاتلىمدىكىلەرنى رازى قىلالمىدى . سان - سىرو مەيدانىدىمۇ ئاساسلىق ئەزا بولالمىدى . ئاخىرىدا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا بۇ ئالتۇن ئۆسمۈر ئاخىرى سان -سىرودىن ئايرىلىپ ئىسپانىيە مادىرىد رىقابەت كۇلۇبىغا يەنە تورىس 19 ياش ۋاقتىدا كوماندا كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى تاقاپ ياۋروپاغا ئۆزىنى تونۇتقان ئانا كوماندىسىغا ئالماشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق مادىرىد رىقابەت ھۇجۇمچىسى چېرچى بىلەن ئالماشتۇرۇلدى . ئانا كوماندىسىغا قايتقان تورىس قايتىدىن ئەسلىنى تېپىپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 3 توپ كىرگۈزۈپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى . تۈنۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆيىگە قايتىقان ئالتۇن ئۆسمۈر مىلەن توغرىسىدا ئازراق يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلىپ ئۈلگۈردى .‹‹ ئەسلى ئىش مۇنداق مەن سان -سىروغا بارغان ۋاقتىمدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تولۇپ تاشقان ئىشەنچىلىك ۋەدىلەرگە ئېرشتىم ، مىنىڭ ئىتالىيەگە بېرشتىكى مەقسىدىم توپ تېپىش ئاساسلىق ئەزالىق قاتارىغا كىرىش ھەمدە كوماندا ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئەزا بولۇش ، بىراق مەن مىلەنغا بېرىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئاساسلىق ئەزا ئەمەس ، ھەم كۇماندا ئۈچۈن كەم بولسام بولمايدىغان ئەزامۇ ئەمەسكەنمەن . مەن كوماندىدا مۇقىم بولغان مەيدانغا چىقىش ۋاقتىغا ئېرشەلمىدىم. بەلكىم بۈگۈن مۇسابىقە ئوينىسام كىيىنكى قېتىم مۇسابىقگە چۈشۈش چۈشمەسلىكىم ئېنىق ئەمەس . مەن مىلەن بىلەن توختام تۈزگان ۋاقتىمدا ئۇلار نىمىشقا ماڭا ئېنىق چۈشەنچە بەرمەيدۇ. مەن ۋە مىلەن ئوتتۇرسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىم ناھايىتى ياخشى ، مىنىڭ توختامغا نىسبەتەن باشقىچە پىكىرىم يوق . ئەمما مىنى ساقلاپ تۇرغىنى يۇقىرقىدەك ئاقىۋەت ، ئەھۋال ماڭا دەسلەپ ۋەدە بەرگەندەك بولۇپ چىقمىدى . ھەم ماڭا ئالدىن ئەسكەرتىشمۇ بەرمىدى . بۇنداق بولىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن . ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىگە مەن قاراپ بەكلا ئازاپلاندىم . ›› قارىغاندا بۇ بالا بىزنىڭ مىلەندىن تازا رازى بولمىغاندەك تۇرىدۇ.
|
-
-
|