ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1877 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-7 03:21
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەچلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن .
ھەممىزگە مەلۇم ھەپتە ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مادىرىد دېربىسى ھەممىزنىڭ دېققىتىنى تارتتى . ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشىمايدىغىنى بۇ قېتىم خانلىق مادىرىد تەرەپتىن بىر قانچە ئاساسلىق ئەزالار يارلىنىپ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغان بولدى . بۇ پەسىللىك ھەر قايسى تۈرلەردىكى مادىرىد دېربىسغا قارايدىغان بولساق خانلىق مادىرىد 2قېتىم تەڭلىشىپ 3 قېتىم ئۇتتۇرۇپ پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى .
مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خانلىق مادىرىدنىڭ ئىتالىيەلىك باش مەشقاۋۇلى ئەنچىلوتى مۇنىلارنى بىلدۈردى .‹‹ بىز ھەرگىزمۇ مادىرىد رىقابەتتىن قورقىمايمىز . توپچىلىرىمىز ئاللا بۇرۇن مۇسابىقىگە تەييارلىنىپ بولدى بۇ مەيدان كەسكىن جەڭدە بىز تەڭلىشىش ياكى ئۇتتۇرۋېتىشنى ئويلاپ باقمىدۇق ، مادىرىد ئاتلىتكىنى مېھمان مەيداندا چوقۇم مەغلۇپ قىلىپ ئۈچ نومۇرنى تولۇق ئالىمىز . رونالدۇنىڭ مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى توشۇپ بۇ مەيدان كەسكىن جەڭگە تولۇق تەييارلىنىپ بولدى . ئىسكونىڭ يېقىنقى بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى قالتىس بولۇپ كوماندا ئۈچۈن زور ھەركەتلەندۈرگۈچ رول ئوينىدى . كوماندىمىزدىكى پى پى ، راموس ، جامىس ، مودىرىچ قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالار يارلىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى . مارسىلو كارتا يىغىلىپ قېلىش سەۋەبلىك مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ .ھازىر بۇلارنى مۇلاھىزە قىلدىغان ۋاقىت ئەمەس . كونتىرۋا بىلەن ئاربىلويا سول مۇداپىيەنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ كىتەلەيدۇ . ۋارانى بىلەن ناچۇ يېقىندىلا ناھايىتى ئېسىل بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئويناپ تۈگۈتۈپ ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ بولدى . مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مۇداپىيەنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقىپ كىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .›› قارىغاندا بۇ قېتىم بۇ ئىتالىيەلىك مەشقاۋۇلنىڭ كارامىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرىدىغان يەرگە كەلگەن ئوخشايدۇ . ئەگەر قىزىقساڭلار دىقىقىتىڭلار ئەتە كەچتىكى مۇسابىقىدە بولسۇن .
سىمونى : بىز ھەرگىزمۇ ئويناش ئۇسسۇلىمىزنى ئۆزگەرىتمەيمىز .
ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق چىمپىيونى مادىرىئا ئاتلىتكا دائىملا مۇسكۇل پۇتبولى يەنى ( بەدەن ئارقىلىق قارشى تەرەپنى يارلاندۇرۇش ) نى مەقسەت قىلغان ئاساستا مۇسابىقە ئويناپ تاشقى دۇنيانىڭ ھەر خىل ئەيىپلەشلىرىگە ئۇچىراپ كەلمەكتە . بولۇپمۇ يېقىنقى بىر قانچە مەيدان يەنى بارسىلونا بىلەن بولغان ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى تۆت كۈچلۈك مۇسابىقىسى ۋە ، ئاكىسى رىئال مادىرىد بىلەن بولغان سەككەز كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىلىرىدە بۇلار تېخىمۇ ۋەششىلىشىپ تاجاۋۇزچىلىقىنى تېخىمۇ قانات يايدۇردى دىيەشكە بولىدۇ . بۇلار ھەتتا بەزىدە تاجاۋۇزچىلىق سەۋەبىدىن مۇسابىقە ئاخىرىدا توققۇز ئادەم بىلەنمۇ قېلىپ قالغان ۋاقىتلىرى بار .
ئالدىمىزدىكى مادىرىد دېربىسى توغرۇلۇق ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ئارگىنتىنالىق مەشقاۋۇل سىمونى مۇسكۇل پۇتبولى توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارغا نىسبەتەن . مۇنىلارنى بىلدۈردى . ‹‹ ھەممە كۇلۇبلارنىڭ ئۆزىگە خاس توپ تىپىش ئۇسۇلى بار .بىزنىڭ پۇتبول تېپىش ئۇسۇلىمىز باشقا كۇلۇپلارغا ئوخشىمايدۇ . ، بىرنىڭ توپ تېپىش ئۇسۇلىمىز مۇسابىقە مەيدانىدا كۈچلۈكلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ . سىلەر ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق رەقىبىڭلارنى مەغلۇپ قىلساڭلار تامامەن بولىدۇ . تۇنجى قېتىم كارلىدون مەيدانىغا كەلگەن چېغىمدا مادىرىد رىقابەتنى خۇددى بىر كىچىدىلا داڭلىق ئادەمگە ئايلانغاندەك كۈچلۈك بولغان دۇنياۋى كۇلۇپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۆزۈمگە نىشان قىلغان ، ھازىر بىزنىڭ توپ تىپىش ئۇسسۇلىمىز ناھايىتى ئۆزگىچە بىز توپ تىپىش ئۇسسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاپ باقمىدۇق . ›› ئاخىرىدا ئارگىنتىنالىق بۇ ئەپەندى مادىرىد دېربىسى توغرۇلۇق توختۇلۇپ مۇنداق دېدى ‹‹ رىئال مادىرىد بىر كاتتا ( ئەسلى مەنبەدە ‹‹ئۇلۇغ ››سۆزى ئىشلىتىلگەن )كۇلۇپ ، ئۇ يەردە نۇرغۇن داڭلىق توپچىلار بار . ئۇلاردا يەنە ئىتالىيەلىك داڭلىق مۇدپىيەسىمان مەشقاۋۇل بار . بىز ھەرگىزمۇ بىر شەھەردىكى قان رەقىبىمىزنى بوش چاغلىساق بولمايدۇ. ئەتە كەچ خانلىق مادىرىد كارلىدون مەيدانىغا مېھمان بولۇپ كىلىدۇ . مارسىلو بىلەن جامىس يارلاندى ، ئەمما بىز ئۇلارنىڭ قانچە ئادىمى يارلاندى بۇنى مۇلاھىزە قىلىپ ئولتۇرمايمىز . مىنىڭ ئويلايدىغىنىم قانداق قىلغاندا ئۆزىمىز رازى بولغۇدەك نەتىجىگە ئېرشىش ، بىز بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەڭسەك قانچە نومۇرغا ئېرشىمىز ھەم پەسىل ئاخىردىكى ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلمايمىز .بىز پەقەتلا مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىنى ياخشى ئويناپ رەقىبىمىزنى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلايمىز .›› ئۇ يەنە تورىس توغرۇلۇق ‹‹ يىل بېشىدا تورىس كوماندىغا ياردەم قىلىپ شاھلىق لوڭقىسىدا رىئال مادىرىدنى شاللاپ تاشلىدى . بېرنابۇ مەيدانىدا 2-2 بوپ تەڭلىشىپ قالغان ۋاقىتتا ياخشى بولغان ئىپادىسى بىلەن توپ ئۇرۇپ كوماندىنى قۇتقۇزۇپ قالدى . ئەمما ئارگىنتىنالىق مەشقاۋۇل سىمونى بۇ قېتىملىق مادىرىد دېربىسىدە گىرىزمەن ( فىرانسىيەلىك ھۇجۇمچى مادىرىد رىقابەتكە كەلگەندىن بۇيان ،21 قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 11 توپ ئۇرغان ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس ) بىلەن مەنزۇلىچنىڭ ئاساسلىق ئەزا بولدىغانلىقىنى تورىسنىڭ زاپاس ئەزالار قاتارىدا بولدىغانلىقى ››نى دەپ ئۆتتى . قارىغاندا بۇ مەشقاۋۇل مۇسكۇل پۇتبولىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش نېيتى باردەك قىلىدۇ . مادىرىد رىقابەت بىر شەھەردىكى قان رەقىبىنى يەنە قىرغىن قىلالامدۇ يوق ؟ تورىس زاپاس ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چىقىپ رىئال مادىرىتنى بوغۇزلاپ تاشلىيالامدۇ يوق ؟ قىزىقساڭلار ئەتە دىققىتىڭلار ئەتە كەچتىكى قانلىق مادىرىد دېربىسىدە بولسۇن .
مەنبەسى : http://news.zhibo8.cc/zuqiu/
ئەسكەرتىش : ئۇف كەچلىك ئىسمىنىدا بىكار ئولتۇرغۇچە ئۇنى بۇنى تەرجىمە قىلىپ قوياي دەپ 4-5 خەۋەرنى تەرجىمە قىلسام ماۋۇ كومپىيوتىر بىرلا ئۆچۈپ ھەممىنى يوق قىلدى . ئورگىنال ساقلاش دىگەن يەرمۇ ئىشلىمەيدىگەن . كەسپى ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلماق راسلا تەسكەن . مۇنبەردىكى بىكەر تۇرماي تەرقىمە قىلۋاتقان قېرىنداشلار ھارمىغايسىلەر . دائىم يېزىپ كۆنمىگەچمۇ كەسپى سۆز ئاتالغۇلار جايىدا ئۆز مەنىسىنى ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن بولىشى مۇمكىن . خاتا كەتكەن بولسا مەندىن ئۆزىرە قېرنىداشلار .
|
-
-
|