ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1846 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!
گېرمانىيىنىڭ پۇتبول ساھىسىدىكى داڭلىق تېرىنىرى ئوددۇ-لاتتىك 2-ئاينىڭ4-كۈنى، كۇلوندىكى بىر ياشانغانلار ساناتۇريىسىدە 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ 1935-يىلى 1-ئايدا گېرمانىيىدە تۇغۇلغان، تېرىنىرلىق كەسپى ھاياتىدا، بەيرىن مىيونخېن، مىنشېنگىلادباخ، دۇرتمۇند ۋە بارسېلونا قاتارلىق كۇلۇبلاردا تېرىنىرلىق قىلغان، سەككىز قېتىم گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، پورتۇگالىيىنىڭ ئىلگىرىكى دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپىنى فېگو گۇاڭجۇدا ، فېگۇ پۇتبول مەكتىپىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشتى، كىچىك مەستانىلەر بەس-بەستە ئۇنىڭغا ئىمزا قويدۇرۇپ، بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، فېگو بالىلارغا پۇتبول ماھارىتى كۆرسەتتى.
2-ئاينىڭ4-كۈنى، ئېنگىلاندىكى كۆك ئارمىيە چېلسىنىڭ يېڭىدىن قوشۇلغان توپچىسى كۇادېرادو، 24-ئايلانمىدىكى چېلسى بىلەن ئاستون ۋېلا ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىگە تەييارلىق مەشىقىنى باشلىۋەتتى، قارىغاندا مۇشۇ ئايلانمىدا مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن، لېكىن مۇرىنىئو تېخى بۇ توپچىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقى تۇغۇرلۇق ئېنىق بىشارەت بەرمىدى.
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، بارسېلونا توپ چولپانىلىرىدىن مېسسى، نېيمار، ئېنىستا ، سۇيارېز ۋە پىكلار كوچىدا ھەرخىل كىيىملەرنى كىيىپ، نومۇر ئورۇنلاپ ،قاتار ئاۋئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئېلانىنى ئىشلىدى.
|
|