elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1052|ئىنكاس: 25

قىشلىق ئارا يۆتكىلىشتىكى ئەڭ ياخشى بەش سودا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قىشلىق ئارا يۆتكىلىشتىكى ئەڭ ياخشى بەش سودا
2014-2015-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا قىشلىق ئارا يۆتكىلىشى ئاياقلاشتى، نۇرغۇنلىغان ياۋروپا كوماندىلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كوماندىسىغا تولۇقلاش ئېلىپ باردى. ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن دۇنيادىكى پۇتبول سۆيەرلەرگە بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ قېتىملىق قىشلىق ئارا يۆتكىلىشتىكى پۇتبول سۆيەرلەرنىڭ ئويىدىكى ئەڭ ياخشى يۆتكىلىشنى باھالاپ چىقتى. «ئالتۇن ئۆسمۈر» توررىس بۇ تىزىملىكتە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. بىز تۆۋەندە قىشلىق ئارا يۆتكىلىشتىكى ئەڭ ياخشى بەش يۆتكىلىشكە نەزەر سېلىپ باقايلى.

1. توررىس، مىلاندىن مادرىت ئاتلىتكىغا يۆتكەلدى، ئىجارە.
توررىس مادرىت ئاتلىتكادىن لېۋىرپولغا يۆتكەلگەندە مۇنداق دېگەن :«بۇ خوشلىشىش ئەمەس، بىز يەنە كۆرىشىمىز». يەتتە يېرىم يىلدىن كېيىن توررىسنىڭ ئېيتقىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندى، ئۇ يەنە بىر قېتىم مادرىت ئاتلىتكاغاقوشۇلدى. 30 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ پەقەت كوماندىدىن ئايرىلمىغاندەكلا، مادرىت ئاتلىتكا مەستانىلىرىغا نىسبەتەن توررىس ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك كاپىتانى.

2. بونى، سۋانس شەھىرىدىن مانچېستىر شەھىرىگە يۆتكەلدى.
بۇ كوتى دې ئېۋوئىرلىق ھۇجۇمچى بۇ پەسىللىك ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى، بىرلەشمىدە توققۇز توپ كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ ئەجەللىك ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇنىڭ بەدىنى ئىنتايىن قاۋۇل، قاپقىنىڭ ئالدىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە، مانچېسىتر شەھىرىنىڭ ھۇجۇم سېپى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر تولۇقلاش بولالايدۇ.

3. دومبىيا، موسكۋا مەركىزىي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىن رىمغا يۆتكەلدى.
رىم كوماندىسى يېقىنقى ئىككى مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە قەد كۆتۈردى، كوماندىنىڭ سېپى كۈچلەندى. قىشلىق ئارا يۆتكىلىشتە رىم دېستىرونى مىلانغا ئۇزىتىپ قويۇپ، موسكۋا مەركىزىي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى دۇمبىيانى سېتىۋالدى. بۇ ھۇجۇمچىنىڭ روسىيەدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە، نەچچە قېتىم مۇنەۋۋەر مەرگەن بولغان، 95 مەيداندا 61 توپ كىرگۈزگەن. بۇ مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىغا كىرگۈزگەن نۇرغۇن كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئۇنىڭ كېلىشى رېمنىڭ ھۇجۇم سېپىنى كۈچلەندۈرۈپ، يۇۋىنتۇس بىلەن تەڭ تۇرالىغۇدەك ھالەتكە ئېلىپ كەلدى.

4. شاچىرى، بايرىن مىيۇنخىندىن ئىنتىر مىلانغا ئىجارىدە.
شۋىتسارىيەلىك «مىسسى» شاچىرى چولپانلار ئۇۋىسى بايرىن مىيۇنخىندا ئاساسلىق ئورۇنغا ئىگە بولالمىدى، بۇ ئۇنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش ئاساسلىق سەۋەبى. شاچىرىنىڭ ياندىن بۆسۈپ كىرىش ئىقتىدارى ئالاھىدە، بۇ ئىنتىر مىلاننىڭ ھۇجۇمى ئۈچۈن بىر چوڭ تولۇقلاش. ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە ئوخشاش يېڭى قوشۇلغان پودولىسكى ۋە ئىنتىرنىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى ئىكاردىدىن تۈزۈلگەن ھۇجۇم سېپى كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

5. شۈرلې، چېلسىدىن ۋولفسبۇرگقا يۆتكەلدى.
دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى بولسىمۇ، چېلسىدا شۈرلىنىڭ ئورنى بولمىدى. بۇ مۇسابىقە پەسلى ئۇ بىرلەشمىدە 14 قېتىم مۇسابىقە چۈشتى، ئومۇمىي مەيداندىكى ۋاقتى بولسا 440 مىنۇت، گېرمانىيەلى توپچى ئۆزىنىڭ مۇرىنىھونىڭ قولىدا كەلگۈسى يوقلىقىنى بىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كوماندا يەنە كولۇمبىيەلىك يان ھۇجۇمچى كۇادىرادونى سېتىۋالدى، شۈرلى ئىنگلاندتىن ئايرىلىپ گېرمانىيەگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى. ۋولفىسبۇرگ ئۈچۈن ئېيتقاندا شۈرلىنىڭ قوشۇلىشى مۇقەررەر ھالدا كوماندىنىڭ كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بايرىن مىيۇنخىن بىلەن يەنىلا پەرقلىق بولسىمۇ، قىشلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىلا ئۇلار 1:4 نەتىجە بىلەن بايرىن مىيۇنخىننى بىتچىت قىلىپ ئۆزىنىڭ بىرلەشمىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشىنىڭ تاساددىپىيلىق ئەمەسلىكىنى ئوبدان ئىسپاتلاپ بەردى.
QQ截图20150206143431.png
QQ截图20150206143440.png
QQ截图20150206143448.png
QQ截图20150206143459.png
QQ截图20150206143507.png
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 14:52:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامما لېكىن شۇرلى ئېسىل توپچىتىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 14:54:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈرلېنىڭ كەتكىنى ياخشى بولدى دەپ ئويلايمەن ، چىلسىدە زاپاس بولغاندىن جىق ياخشىمىكىن .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 14:55:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يار ئېلى   شۇنداق قىلىپ يۆتكىلىپ بولدىما ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 14:56:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسېلونادىن   بايرېنغا   يۆتكەلگەن  تىياگو   ھازىر   بايرېندا   بامۇيا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 15:01:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ئىچىدە تورىس تىزلا چاقنىدى،،،،،،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 15:03:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئىلى ياخشى بالىتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 15:04:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاچىرى نىڭ ئىتالىيەدە جان ساقلىمىقى قىيىنغا توختايدىغان چېغى. بىر توپ ئۇردى.لېكىن ھېچ قۇلىدىن چوڭ ئىش كىلدىغان ئەمەسقۇ؟ھىگۋايىننى ئاكا دىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 15:16:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kalkun يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 14:56
بارسېلونادىن   بايرېنغا   يۆتكەلگەن  تىياگو   ھازىر   باي ...

با ياردارمىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 15:16:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورىس ئېچىلىپ كەتتى دىسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 15:25:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىشلىق ئ‍ارا يۆتكۈلۈش دېگەن خەلقئ‍ارالىق يۆتكۈلۈش دېگەندەك چوڭ سۈپەت ئ‍اڭلىنىدىكەن(مۇشۇ چىراي ئ‍ىپادىسنىڭ يۇقلىقى)  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 15:28:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىشلىق يۆتكىلىشتە تۈزۈك سودا بولمىدى بۇيىل.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-20 02:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش