elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 520|ئىنكاس: 13

تۈركىيە لوڭقىسى16 كۈچلۈككە قەدەم قويدى.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۈركىيە لوڭقىسى16 كۈچلۈككە قەدەم قويدى.
تۈنۈگۈن 2014-2015-يىللىق مۇسابىقە پەسلى تۈركىيە لوڭقىسى 32 كۈچلۈك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى 6-ئايلانمىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تۆت مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە لوڭقىسى 32 كۈچلۈك مۇسابىقىسى ئاياقلىشىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 16 كوماندا كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم قويدى. 32 كۈچلۈكتە 8 گۇرۇپپىدا 96 مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى.
16 كۈچلۈكتە گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىققان كوماندا بىلەن باشقا گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىققان كوماندا بىر مەيدان ئۇچرىشىش شەكلىدە شاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ، گۇرۇپپىدىن بىرىنچى چىققان كوماندا ساھىبخان.
مۇسابىقە مۇشۇ ئاينىڭ 10-،11-،12-كۈنلىرى ئوينىلىدۇ، غالىب كەلگەن 8 كوماندا كېيىنكى باسقۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
بۇ قېتىملىق 16 كۈچلۈككە كىرگەن كوماندىنىڭ 13 ى تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كوماندا، ئىككىسى تۈركىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى كوماندا، 32 كۈچلۈكتە ئا گۇرۇپپىدا قارا ئات بولۇپ بىرىنچى بولۇپ چىققان تۇزلا تەنتەربىيەسى بولسا تۈركىيە تۆتىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە ئوينايدىغان كوماندا.
f81c2f07e54442dbac8b93345ba44afb.jpg
QQ截图20150206134943.png
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 14:35:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىملەر كىرگەندۇ؟گالاتاساراي چۈشۈپ قالمىغاندۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 14:44:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 14:35
كىملەر كىرگەندۇ؟گالاتاساراي چۈشۈپ قالمىغاندۇ؟

گالاتا ساراي ۋە بەشىكتاش ئىككىلى كوماندا بار ئىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 15:01:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆتىنجى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى ئا گۇرۇپپىدا  بىرىنچى بولۇپ چىققان تۇزلا تەنتەربىيەسى كومانداىسى ئەگەر 4كۈچلۈككە كىرسە ۋە ياكى چىمپىيۇن بولۇپ قالسا دەرىجىسى ئۈچىنجى دەرىجىگە ياكى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ئۆرلىيەلەمدۇ ياكى بۇ مۇسابىقە بىلەن بىرلەشمە دەرىجىسى مۇناسىۋەتسىزمۇ ؟؟؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 15:02:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتا ساراينىڭ چىمپىيۇن بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-6 15:22:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TORAM7 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 15:01
تۆتىنجى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى ئا گۇرۇپپىدا  بىرىنچ ...

بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز،بىرلەشمە مۇسابىقە بىلەن لوڭقا ئايرىم ئايرىم سېستىمىدىكى مۇسابىقە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 15:28:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
16 كۈچلۈككە كىرگەن كۇماندىلارنىمۇ قوشۇپ  قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-6 15:32:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاغىستاي120 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 15:28
16 كۈچلۈككە كىرگەن كۇماندىلارنىمۇ قوشۇپ  قويغان بولسىڭ ...

تېگىدىكى جەدۋەلدىكى شۇ 16 كۈچلۈك كوماندىلار ۋە قارشىلاشمىسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 15:42:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە پۇتبولى ياۋرۇپا پۇتبولىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 18:25:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 19:17:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە پۇتبولچىلىقىمۇ خېلىلا تەرەققى قىپتۇ . گ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 19:28:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەنەر باغچە دېگەن ئىسىم بەك چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 19:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش