ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5111 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئافرىقا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. نەتىجىدە گانا ۋە كوتىدىئور كوماندىلىرى رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچقا كىردى.
دېمۇكراتىك كونگو 1-3 كوتىدىئور
21مىنۇت بولغاندا ياياتورى بىر توپ ئۇرۇپ ۋاقىتلىق ئۈستۈنلىككە ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما 24 مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىۋالدى. 41مىنۇت بولغاندا كوتىدىئور كوماندىسى نەتىجىنى ئۆزگەرتىۋالدى. 68مىنۇت بولغاندا كانوننىڭ توپى بىلەن نەتىجىنى ئاخىرقىچە ساقلاپ قالدى. كوتىدىئور كوماندىسى 1992-يىلىدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىردى.
گانا 3-0 ئېكۋاتۇر گىۋىنىيىسى
گانا كوماندىسى ساھىبخان كوماندىنى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچقا كىردى. گانا كوماندىسىدىن جوردان ئايۇۋ، مۇبارەك ۋاكاسوۋ، ئاندىرى ئايۇۋلار توپ ئۇردى. گانا كوماندىسى 1982-يىلىدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 1:00دە ئېلىپ بېرىلىدۇ
|
|