akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1857|ئىنكاس: 28

رونالدۇنىڭ ھاياتىدىكى 7 مۇھىم شەخىس (يېڭىلاندى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 16:34  

كىرىتىيانو رونالدۇ كىشلىك ھاياتىدا ئاددى توپچلىقتىن گىگانىت چولپانغا ئايلانغىچە فورگىسىندەك ياخشى ئۇستازغا ، مىسسىدەك داڭلىق رىقابەتچىگە يولۇقتى، ئۇنىڭ ئىزچىل كىيىپ كىلىۋاتقان 7 -نۇمۇرلۇق كىيىمگە ئوخشاش ئۇ ئۇنتوپ قالالمايدىغان ،ئەڭ موھىم 7 ئادەمگە نەزىرىمىزنى سەپ باقايلى !

كىرىستىياننىڭ ھاياتىدا كەسىپدىشى ۋە ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى بولمىش مىسسىغا ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىشقا تىگىشلىك ، چۇنكى ئۇ بولغاچقىلا ھازىرقى رونالدۇ بولغان.

پۇتبول كىرىمىدە غايەت زور بايلىققا ئىگە بولغان تۇرۇقلۇق يەنە نىمە ئۇنى ئۇزلۇكسىز ئىلگىرلەشكە ئۇنداۋاتدۇ؟ ئۇ ئەلۋەتتە مىسسى ،پۇتبول تالانتى ئالاھىدە ياخشى بولغان مىسسىنىڭ رىقابىتى ئۇنى توختاۋسىز كۇرەشكە چاقىرىپ تۇرىدۇ.

يەتتە يىلدىن بىرى ئالتۇن توپ مۇنبىرىدە يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كىلىۋاتقىنى دەل مىسسى ، مىسسى ئىككىسىنىڭ رىقابىتى پۇتبول دۇنياسىدا ئاز كۆرلىدىغان ھادىسە ئىدى.
يىقىنى بىر مەزگىلدە رونالدۇ مەستانىللىرى ئىزچىل مىسسىنى مەسخىرە قىپ كەلدى ، مىسسى مەستانىللىرىمۇ بوش كەلمىدى ئەلۋەتتە.بىراق ھازىر ھەممىسى تىنجىدى ، ئۇلار بىلدىكى مىسسى بولمىغان  دەۋىردىكى رونالدۇنى ، رونالدۇ بولمىغان دەۋىردىكى مىسسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتى.

گىگانىت چولپانغا ئايلانغۇچە بولغان بۇ مۇسابىقىدە رونالدۇ مىسسىغا رەھمەت ئىيتىشىتىن باشقا يەنە ئۇنى بايقاپ تەربىيەلىگەن ئۇستازى فورگىسىنغىمۇ ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىش كىرەك.

مانچىستىر توپ مەستانىللىرى ئىزچىل رپنىنى كوماندا تۇۋرىگى بولالايدۇ دەپ قاراۋاتقان مەزگىلدە 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كىيىن ، فورگىسىن نەزىرىنى بۇ پۇرتىگالىيەلىككە قاراتتى، ئۇ شۇنىڭغا ئىشەنگەن ئىدىكى رونالدۇ كەلگۇسىنىڭ  خوجايىنى بولالايتى.

شۇنىڭدىن باشلاپ فۇرگىسىن رونالدۇنىڭ پۇتبول ھاياتىدىكى ئاتىسىغا ئايلاندى ،كىرىستىيانمۇ مپخبىرلارغا ئۇنىڭ ئۆز دادىسىغا ئوخشاش ئۆزىگە كۇيۇنىدىغانلىقىنى دەپ كەلدى ، مادىرىتقا يۆتكەلگەندىن كىيىنمۇ  ئىزچىل ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى.

2008-يىلى رونالدۇ مانچىستىر كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىغا ئىرىشتى، شۇنداقلا ياۋروپا ئالتۇن توپ موكاپاتىغىمۇ ئىرىشتى ، بەش يىل جەريانىدا ئۇ ئۇستازىنىڭ كۇڭۇل قويۇپ تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە ئاستا-ئاستا ئۆسۇپ يىتىلدى،بۇ جەريان خوددى دادىنىڭ بالىنى تەربىيلىگىنىگە ئوخشاش ئىدى.

2009-يىلى مانچىسرىت يەنە بىر قىتىم ياۋروپا لوڭقىشى ھەل قىلغۇچىغا كىردى ،ئەپسۇسكى گۇ تىرنىر باشچىلىقىدىكى بارسىلۇنا تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىندى، ھەم شۇ يىلى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش باھاسى بىلەن مادىرىت كوماندىسىغا يۆتكەلدى.

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئۇستاز شاگىرىت قايتا كۆرۇشتى،مۇسابىقىدىن كىيىن ئۇلار قۇچاقلىشىپ ،پۇتبولنىڭ پەقەت بىر تەنھەركەتلا ئەمەسلىگىنى نامايەن قىلدى.

ئەگەر كۇلۇپ ھاياتىدا فۇرگىسىنغا رەھمەت دىيىش توغرا كەلسە ، ئۇنداقتا ئۇ دۆلەت كوماندىسىدا سىكىلارىغا رەھمەت ئىيتىشى كىرەك ، چۇنكى ئۇ 18 ياشلىق بىر بالىنى دۆلەت كوماندىسىغا تاللاپ ئۇنىڭ ئۇچۇن خەلىقئارا سەھنى ھازىرلاپ بەرگەن ئىدى.

2004-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى رونالدۇنىڭ بىرىنچى قىتىملىق ياۋروپا سەھنىسى ئىدى ، ئۇ تۇنجى قىتىم كاللا توپ ئارقىلىق مەستانىللىرىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى، چىمپىيۇنلۇق ئارزۇسى گىرىتسىيە تەرپىدىن بىتچىت قىلىنغان چاغدا ئۇ ئىختىيارسىز يىغلاپ كەتتى ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا سىكىلارى ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ ئۇنىڭ بۇ قىيىن مەزگىلنى ئۆتكۇزشىگە ياردەم قىلدى.

2004-يىىلىق ياۋروپا لوڭقىسدا 2- بولۇش، 2006-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا 4- بولۇش پۇرتىگالىيە ۋە رونالدۇ ئۇچۇن ئەڭ ياخشى مەزگىللەر بوپ قالدى، 2008-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدىن بۇرۇن سىكىلارى رونالدۇنى دۆلەت كۇماندىسىنىڭ كاپتانلىقىغا كۆرسەتتى.

رونالدۇنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئادەم بولۇپ ،ئۇ بولسىمۇ ‹‹ئادەم سودىگىرى›› مىندىس ،ئوخشاشلا مىندىسنىڭ سودا ھاياتىدىكى مۇھىم شەخسنىڭ بىرىمۇ دەل رونالدۇ .

مىندىسنىڭ سودا ئىمپىرىيىسىدە رونالدۇ موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، دەل شۇ مىندىس ئارقا -ئارقىدىن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئەڭ يۇقىرى مائاشنى بارلىققا كەلتۇردى، شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى مىنىدىسنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا بەلكىم بۇگۇنكى رونالدۇ بولمىغان بولاتتى.

‹‹كىرىستىيانۇ رونالدۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ›› بۇ گەپنى مىندىس تالاي قىتىم تىلغا ئالدى.مىندىس دەل رونالدۇنىڭ بۇگۇنكىدەك روناق تىپىشىغا غايەت زور ياردەملەرنى قىلدى.

ئىلىنا 5 يىلدىن ئارتۇق رونالدۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئورتاقلاشتى ،شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ئىلىنانىڭ تەسىرىدە رونالدۇ توراقلىق بولغان ھىسياتقا ئىرىشتى.

http://tu.zhibo8.cc/uploads/2015 ... d30281d2c3f502b.jpg
روسيەلىك مودىل ئىلىنا گەرچە دۆلىتى ، كەسپى ئوخشاش بولىمىغان ئەھۋالدا رونالدۇ ئۇچۇن ئاز بولمىغان مۇساپىلەرنى باستى، پەقەتلا ‹‹ رونالدۇنىڭ قىز دوستى›› بولغىسى كەلمىگەن ئىلىنانىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆز تۇرمۇشىنى ياراتقۇسى كەلدى، بۇ ئىككىسىنىڭ ئايرىلىپ كىتىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بوپ قالدى.

ئىككىسى ئاخىرى ئايرىلىپ كەتتى ، ئۇزۇن يىللىق ھىسياتنىڭ بۇزۇلىشى ئەلۋەتتە بۇ گىگانىت چولپاننىڭ مەيدان ئىچىدىكى كەيپىيەتى ۋە روھى ھالىتىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى.

بىرسى پۇتبولچىلارنىڭ سەركىسى، يەنە بىرسى تىرنىرلارنىڭ سەركىسى ، ئىككى پورتىگالىيەلىك بىر يەرگە كەلدى، بارسىلونا ئىككىنچى چۇش كوماندىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن 2010-يىلى مادىرىت كۇلوبى مورىنئۇنى تەكلىپ قىلدى ، بارسانى مەغلۇپ قىلىشتىكى بىرىنچى قۇرال دەل كىرىستىيانۇ ئىدى.

ئەينى يىللىرىدىكى بارسىلونا بولسا پۇتبول دۇنياسىدىكى تەڭداشسىز بىر قوشۇن ئىدى، ناھايتىمۇ ئەپسۇسلىق ئىچىدە ئۇلار تۇنجى قىتىملىق جەڭدە 5-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولدى.

مورىنئۇ بولسا بىر قاتتىق قول قۇماندان ، ئۇنىڭ جەڭ تاكتىكىسىنى ھەر بىر ئەزا شەرىتسىز ئورۇنلىشى كىرەك ، ئەمما مادىرىتتا بۇ تەسكە چۇشتى ، تاكتىكا سەۋەپلىك ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا نىزا پەيدا بولدى ، گەرچە ئۇلار ئاشكارا ئىپادىلىمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئاخبارات ۋاستىللىرى ئوت ئۇستىگە ياغ چىچىشنى توختاتمىدى.

ماركا گىزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە مادىرىت ئىچكى قاتلىمىدا پورتىگالىيە گوروھى، ئىسپان گورۇھى قاتارلىق كىچىك گوروھلار پەيدا بولدى، رونالدۇ پورتىگالىيە گوروھىدا ئەمەس بولۇپ ،كاشىلىياسنى زاپاس قىلىپ دىياگۇ لوپىز كەلگەندىن بىرى مورىنئۇنىڭ كوماندىنى باشقۇرشى تەسكە چۇشتى.

3 يىل گەرچە مورىنئۇ ئۇچۇن ئۇتۇقلۇق ھىساپلانمىسىمۇ ئەمما رونالدۇ ۋە مورىنئۇنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۇتۇقلۇق بولدى دىيىشكە بولدى ، مەغلۇبىيەتتىن  - بارسانى تەخىتتىن چۇشۇرۇشكىچە بولغان جەرياندا رونالدۇ تىخىمۇ پىشىپ يىتىلدى.

ئەسەبى ئادەم كەتتى ، پشقان تىرنىر ئەنچىلۇدى يىتىپ كەلدى ،ئۇ كىلىپلا رونالدۇنىڭ كوماندا يادروسى ئىكەنلىگىنى تەكىتلەشنى ئۇنۇتمىدى،ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ھوجۇم قىلىش بولۇپ مۇداپىيەگە قاتناشمىسىمۇ بولدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى،چۇنكى رونالدۇ مادىرىت ئۇچۇن تولىمۇ موھىم ئىدى.

ئەنچىلۇتى تىز پۇرسەتتە كوماندىنى تەرتىپكە سالدى ، ئىتتىپاقلاشقان بىر كوماندىغا ئايلاندۇردى ، رونالدۇنى مەركەز قىلغان مادىرىت كوماندىسى 10- قىتىملىق ئۇزغۇنلار لوڭقىسىغا ئىرىشتى.

ئەن دوختۇر مادىرىت ئۇزۇن يىل كۇتكەن لوڭقىنى مادىرىتقا ئەپ بەردى شۇنداقلا كىرىستىيان ئۇچۇنمۇ ئالتۇن توپ ئىلىش پۇرسىتىنى ياراتتى.ئىككەيلەننىڭ ھەنكارلىقى قالتىس بولدى ھەممىسى ئىرىشىشكە تىگىشلىكىگە ئىرىشتى.

ئەنچىلۇدى كىرىستىياننىڭ موھىملىقىنى تونۇپ يەتتى ، تاكتىكا ۋە باشقا جەھەتلەردە ھەرگىزمۇ مورىنئۇغا ئۇتتۇرۇپ قويمىدى،كاللا ئىشلىتىپ ۋە سەۋىرچان بولۇپ مادىرىت ئىچكى قىسمىنى رەتلەپ كىرىستىيان ئۇچۇن چوڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى.

كىرىستىيان ئۇچۇن ئۇنىڭ كەسپى ھاياتى ئۇچۇن نورغۇنلىغان ئادەملەر ئاز ئەجىىر سىڭدۇرمىدى، كىرىستىياننىڭ نەتىجىللىرى يالغۇز ئۆزىگىلا تەۋە بوپ قالماستىن يۇقارقى كىشلەرنىڭمۇ ئاز بولمىغان نىسىۋىسى بار ، كىرىستىيان پەخىرلىنىش ئىچدە ئۇلارغا رەھمەت ئىيتىشى كىرەك، شۇنداقلا مۇنبىرمىزدىكى مەستانىللىرىگىمۇ رەھمەت دىيىشى كىرەك چۇنكى ئۇلارمۇ مۇنبەردە ئۇنىڭ ئۇچۇن قان كىچىپ ئىنكاس يىزىپ مونبەر ئاۋاتلىقى ئۇچۇن تۆھپە قوشۇپ كەلدى.

مەنبە: http://tu.zhibo8.cc/zuqiu ئاساسىدا ئۆزلەشتۇرۇلدى.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +30 يىغىش سەۋەبى
qakar + 20 قالتىس!
سەنسىز + 10 نادىر تېما ھىھى

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 12:40:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 12:37
ھې ھې ،رەسىمدىكى شۇلار شۇ.

شۇندامۇ يا ،  ئەمما ماۋۇ تېمىنى بىرئاز كۈچ سەرىپ قىلغان بولسا ياخشى تېما بۇلاتتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 12:34:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر-بىرىڭلاردىن ئېشىپ كىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ھۇررا!!!
ئىككىلىڭلار بىر-بىرىڭلاردىن قالتىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 12:35:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو ئەمەس مېسسى ئىدى ئەسلى بىر ساراڭ
مېسسى ئۈچۈن بولدى رونالدو مېسسىدەك ساراڭمەنمۇ قاپىيە ئوينىيالايدىكەنمەنغۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 12:39:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7  ئادەم دىسەك  7 نىڭ ئېچىگە مەنمۇ كىرىمەن  ، بۇ گۇينى  دەپ ئۇڭڭاي  دەرىت تاتتىمما ھە   نېمىلەەرنى  قىلمىدىم  ھە   كىملەرنى  رەنجىتىپ كىملەرنى كۈلدۈرمۇدۇم ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 12:50:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالغىنىنى  ساقلاپ  قالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 12:54:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ular dos bolsemu boledekan tumu
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 13:08:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   7RoNALDo تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 18:43  

خالاشمىسام رونالدوغا تەسىر كۆرساتكەنلەتنىڭ 7سى بىز بولمىساقمۇ 8سى بىز مۇشۇ مۇنەردىكى مادىرىت ۋە رونالدو مەستانلىرى دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 13:08:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالاشمىسام رونالدوغا تەسىر كۆرساتكەنلەتنىڭ 7سى بولمىساممۇ 8سى مەنشۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 13:13:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ئورگىنال ساقلىغاندۇ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 13:33:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىزىملكتە بار تورداشلار ۋاقتىڭلار چىقسا مۇسابىقىنى ئويناپ تۈگىتىۋىتەيلى.
image.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-6 14:02:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنى ساقلىسام يوللىنىپ كىتىپتۇ ، كەچۇرۇڭلار ، ھازىر يىزىپ بولدۇم .( خىجىل بولغان چىراي ئىپادىسىنى تاپالمىدىم )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 23:56

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش