akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1481|ئىنكاس: 86

مادرىد دىربىسىغا ئالدىن نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 14:22  


2-ئاينىڭ7-كۈنى كەچ سائەت 1:30مىنۇت ئۆتكەندە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 22-ئايلانمىسى  خانلىق مادرىد بىلەن مادرىد رىقابەت ئوتتۇرسىدا ئوينىلدىغان بۇلۇپ،مادرىد بىلەن ئاتلىتكا جېڭى ئەسىر دېربىسىدىن قالسىلا ئىسپانىيەدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى ھىسپانلىندۇ.
151751wehhl7j96c7uzlzl.jpg

دىيارىمىز ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 1:30مىنۇت ئۆتكەندە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 16-ئايلانىمىسنى مادرىد ساھىپخان ھالەتتە سەرۋىلىيەنى كۈتىۋالدى،گەرچە  قاتىل ھۇجۇمچى رونالدو 2مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەنگەنلىك تۈپەيلى مۇسابىقىگە چۈشمىگەن بولسىمۇ جامىس ۋە ئۈمۈدلىك ياش خېسەينىڭ بىر توپ ئۇرىشىغا تايىنىپ سەرۋىلىيەنى 2:1 نەتىجە بىلەن ئۇتتى ،مادرىد بۇندىن 4 كۈن ئاۋال مويىس باشچىلىقىدىكى خانلىق جەمىيەت  بىلەن بىر قەپەس تۇتۇشقان بۇلۇپ 4:1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ كوماندىنىڭ بىرىنجىلىك ئورنىنى قولدىن بەرمىدى ،مادرىدنىڭ ياردارلىق ئەھۋالىغا نەزەر سالدىغان بولساق بۇندىن بۇرۇن يارلانغان ئوتتۇرا مەيدان يادروسى مودرىچ ھەمدە پېپې قاتارلىق يادرولۇق ئەزالار ياردارلىق تۈپەيلى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە قاتنىشالمايدۇ ،بىرلەشمىنىڭ 16-ئايلانما تۇلۇقلىما مۇسابىقە جەريانىدا مادرىدنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بولغان راموس جامىس قاتارلىقلار ئېغىر يارلاندى ھەمدە يان مۇداپىيەچى مارسىلو قارشى تەرەپ ئەزاسى بىتولغا قائىدىسىزلىك قىلغانلىق تۈپەيلى سېرىق كارتا يەپ  ئومۇمى سېرىق كارتىسى 5 كە يەتتى ،شۇڭا يۇقارقى توپچىلار رىقابەت بىلەن بولغان جەڭگە قاتنىشالمايدۇ ،ئۇندىن باشقا كورتىبا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئەيدىمارغا ئېىغر بولغان قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەنلىك تۈپەيلى قىزىل كارتا يەپ 2مەيدان مۇسابىقىدىن توختىغان ،رونالدو ئالدىمىزدىكى مادىرىت دېربىسىدا جازا مۇددىتى توشقانلىقتىن مەيدانغا چىقىدۇ.
152458vfh37zhjf1h7fuij.jpg

مادرىدنىڭ رەقىبى بولغان مادرىد ئاتلىتكىغا قارايدىغان بولساق بىرلەشمىنىڭ 18-ئايلانمىسىدا بارسىلوناغا 1:0نەتىجە بىلەن ئۇتتۇدى ،شاھلىق لوڭقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا مېسسىنىڭ ئۇرغان نوقتا توپى ئارقىلىق ئۇتتۇردى،  كىيىنكى ئۇچرىشىشتا قاتتىق كۈچىگەن بولسىمۇ بارسىلونا تەرىپىدىن 3:2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ ئومومى نەتىجە 4:2 بىلەن شاللاندى ،ئالدىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمىنىڭ  20-21-ئايلانمىدا بالكانو ۋە ئەيبارنى ئوخشاشلا 3:1 نەتىجە بىلەن بۇغۇزلاپ بىرلەشمىنىڭ 3-ئورۇندا بارسىلونا ۋە خانلىق مادرىدنى ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلمەكتە،خانلىق مادرىدنىڭ ئومۇمى نۇمۇرى 54 بۇلۇپ  رىقابەت بىلەن بولغان نۇمۇر پەرىقى 7، خانلىق مادىرتنىڭ بارسىلونا بىلەن بولغان نۇمۇر پەرىقى 4نۇمۇر بۇلۇپ ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رىقابەتكە ئۇتتۇرسا بارسىلونا بىلەن بولغان نۇمۇر پەرىقى 1نۇمۇرغا  چۈشىدۇ،بارسىلونا بىلەن 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 28-ئايلانمىدا مىھمان مەيداندا تۇتىشىدىغان بۇلۇپ نوكەمپۇردا ئۇتتۇرۇپ قويسا(ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى مۆلچەرلىدىم) قۇشۇلۇپ بىرلەشمە لوڭقىدىن قۇرۇق قېلىشى ئېھتىماللىقى يۇقۇرى .
W020141002212315681483.jpg
Img6618621_n.jpg
201501160119305894.jpg

مادرىد رىقابەت بىلەن خانلىق مادرىد ئۇچرىشىشغا قاراپ باقساق:خانلىق مادرىد بىلەن مادرىد رىقابەت ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدا جەمئى 157 قېتىم ئۇچۇراشقان بۇلۇپ خانلىق مادرىد 86 قېتىم غەلبە قىلىپ 33 قېتىم تەڭلىشىپ 38 قېتىم ئۇتتۇرۇپ مۇتلەق ئۈستۈنلىكتە  ، بۇ پەسىلدىكى تۇنجى ئۇچۇرشۇشتا مادرىد رىقابەت مىھمان ھالەتتە خانلىق مادرىدنى 1-2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان ئىدى . شاھلىق لوڭقىسىدا بولسا ئالدىنقى يىلى خانلىق مادرىدقا 0-2ۋە0-3نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ شاللانىپ كەتكەن، مادرىد بۇ پەسىلدىكى شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىدە 2:0ۋە2:2 نەتىجە بىلەن رىقابەت تەرىپىدىن شاللىنىپ بۇ پەسلىگە تەۋە مادىرت رىقابەتنى بىر مەيدانمۇ ئۇتۇپ باقمىدى.بۇ مەيدان مۇسابىقە ناھايىتى مۇھىم بۇلۇپ تەڭلىشىشكە بۇلدىكىن ئۇتتۇرۇشقا بولمايدۇ.
مۇسابىقدىدىكى قىزىق نوقتىلار بولسا پې پې مارسىلو ۋە راموسنىڭ يوقلۇقى تۈپلەي مادرىدنىڭ مۇداپىيەسى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالارمۇ،ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى مودرىچ ۋە جامىسنىڭ ياردارلىقى ئوتتۇرا مەيداندىكى توپ كونتىروللىقىغا تەسىر يەتكۈزەمۇ،ياشلار ۋە يېڭى كەلداخۇنلارنىڭ ئەھۋالى ئەنچىلوتىنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقامدۇ..؟رونالدو قايتىپ كىلىپ ئەسلى ھالىتىگە قايتالامدۇ دىگەنلەردىن ئىبارەت.........
Img408112561.jpg
121508wb3tr3qiw3oci3hc.jpg
155928vo2wgvgz1gov47j5.jpg
15592492ho5z6j9w0gxwcr.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 00:03:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 00:08:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 00:03
سوغۇق ئۇرۇنداقتا ئولتۇرغان،
شۇلارمۇ مادىرىت توپچىلى ...

كىم چۈشسە بەرىبىر،
ئوتانچىلار قولىدا نەيزە.
مادرىد بىر ئۇتتۇرسا،
باسا ئۈچۈن بىر پەيزە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:10:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فورلان ،ئاگۇيرو،توررىس،ۋىئېرى،فالكاۋ،كوستا....نېمە دىگەن داڭدار ھۇجۇمچىلار بۇ ئاتلىتكىدا توپ ئويناپ كەتكەنلەر.
مادرىد ئاتلىتكا ئۇتۇپ قويىدىغاندەك تۇرىدۇ،رېئال مادرىد تەڭلەشسە شۇنىڭ ئۆزى بىر غەلىبە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:24:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپىيىپ قالدى مادرىتتا،
چەكلەنگەن ھەم يارىدارلار.
چۈشەلمىگۈدەك بۇ قېتىم،
داڭدار ئەزىمەت سەرۋازلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:02:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئىملانى كۈچىمنىڭ يىتىشىچە توغىرلاي بۇدا بۇنداق بۇلىۋەسە تەستىقلانمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:19:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:21:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما مۇسابىقىلنىڭ يامىنى ئارقا ئارقىدىن ئورۇلاشتۇرۇپ قوياپ جىق زىيان تارتىپ قالدىغان ئوخشايمىز بۇ قىتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:24:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساداقەت يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 23:20
مادىرىت ئەمەس مادرىد ،ئىسپان ئەمەس ئىسپانىيە
‹‹ ، ››نى ...

ھاي ھاي پەشنىڭ ئالدىغا ئەمەس، پەشتىن كېيىن بوشلۇق قويۇڭ دەڭ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 23:26:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 23:19
خاتالىق بەك جىق،
مېسسى نۇقتا توپ ئۇرمىدى،  ۋارتار توسۋ ...

كىيىنكى ئۇچرىشىشتا 2:2 تەڭلەشتى دەپ تۇرمامدۇ ئەنە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:39:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىتقا پايدىسز بولغان يەنە بىر تەرىپى ئۇلار 48 ئىچىدە ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ. رىقابەت بىر ھەپتىدە ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:42:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ مەيدان مۇسابىقە ئەنچىلوتىنىڭ تاكتىكىسىغا باغلىق ،يېقىنقى مادرىت دېربىسىغا قارايدىغان بولساق ئىككى خانلىق مادىرىت ئىككى ئۇتتۇرۇپ بىر تەڭلەشتى،ئۇنىڭ ئۇستىگە بىرلەشمىدە بارسىلونا ئىز بېسىپ كىلىۋاتىدۇ،بۇلارغا نىسپەتەن بېسىم ئېغىر،يەنە كىلىپ غوللۇق ئادەملىرى ياردار رونالدو مەيدانغا چۇشكىنى بىلەن ئىپادىسى قانداق بولىدۇ بۇنىسى نامەلۇم بۇنىڭغىمۇ بېسىم ئېغىر نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئۆزىنىڭ كوماندىسى ئۇچ مەيدان مادىرىت دېربىسىدا ئۇتۇپ باقمىدى ئەمەسمۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:45:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ بولمىغاندا تەڭلىشىۋالسا بولاتتى . ئالغا مادڭرىد
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:48:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا مادىرىد دەپ يازماقچىتىم .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 13:06

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش