elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1574|ئىنكاس: 54

چېلسى روھى-مورىنىھو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈبھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 22:58  

                                                                              چېلسى روھى- مورىنھو
f804f436afc3793160f2ba0defc4b74542a9116b.jpg

[b]10يىل ئىلگىرى،يەنى 2005-يىل 2-ئايدا،مورىنھو بىر چوڭ ئەرزان پەلتونى كىيىپ مېھمان ھالدا مانچېستىر شەھىرى  بىلەن مۇسابىقىلەشتى،شەھەر مەستانلىرى مۇرىنھونى مەسخىرە قىلىپ،: ھەي،سەن ئاۋۇ پەلتويۇڭنى 10 يۈەنلىك دۇكاندىن سېتىۋالغانمۇ دەپ مەسخىرە قىلدى.مۇسابىقىدىن كېيىن مورىنھو پەلتويىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ
خەير-ساخاۋەت ئورنىغا ئەۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن مانچېستىر شەھىرىنىڭ مەستانلىرىنىڭ ئاغزى تۇۋاقلاندى.
يەنە ئون يىل ئىگىرىكى 2005يىل2-ئايدا،شۇ لوڭقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا،چېلسى3-2 نەتىجە بىلەن لىۋىرپولنى شاللاپ،چېمپىيون بولدى.مورىنھو مەيدان سىرتىدا تۇرۇپ داڭلىق بولغان‹‹ئاغزىڭنى يۇم›› ھەركىتىنى ئىشلىدى. U370P6T12D7507774F44DT20150204101714.jpg             
10 يىلدىن كېينكى بۈگۈنكى كۈندە،مورىنھو يەنە بىر قېتىم لىۋىرپولغا يولۇقتى،مورىنھو بۇ قېتىم ھەتتا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغىمۇ بارمىدى،ئاغزىنى يۇمۇشنى ئۇلارغا ئۆگىتىپ قويدى.10يىلدا،ئۇ يەنىلا ئۇ، چېلسى يەنلىلا چېلسى
.

چېلسى مەستانىلىرى ئېنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دېگەن يەرگە بەكلا ئۆچ،بۇ 10يىل مابەينىدە چېلسى ھەر قېتىم ئۇزغانلىقلاردا ياخشى نەتىجلەرگە ئېرىشتى،بىرلەشمىدە چوققىدا ماڭدى،ئېنگىلانددىن 4 كوماندا قاتنىشىش سالاھىيتىگە كاپالەتلىك قىلدى،لېكىن پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى كەچكىچە چېلسىندىن ئېۋەن تاپتى،ئىشلىرىدىن پۇتاق چىقاردى. بۇ پەسىل كوستانىڭ دەسسەش ئىشىدە،گەرچە قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىنى ئېتىش بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ،چېلسىنىڭ ئىشىغا كەلگەندە ئالاھىدە دىققەت-ئېتىبار بىلەن بۇ ئىشقا ھۆكۈم چىقاردى،كوستا بىراقلا 3 مەيدان چەكلىنىپ شەھەر بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقالمىدى.
چېلسى تەرەپتە بولسا،فابرىگاس،فىلىپ لۇيىزلار ياردار،شۈرلى بىلەن سالاخ كەتتى،چېلسىدا مەيدانغا چىققۇدەك ئادەم قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن مورىنھو كىرىستىيان،بۇران قاتارلىق تۆت نەپەر ناتونۇشنى چىقاردى.

ھەممە ئاخبارات ۋاستىلىرى تەڭلا چېلسىدا ئىشلەتكۈدەك ئادەم قالمىدى دەپ بەس-بەستە خەۋەر چىقىرىشتى،مورىنھونىڭ قولىدا ئىشلەتكىدەك  ئۇرۇق قالمىدى، لېكىن،كۆك ئارمىيە يىقىلىپ قالمىدى.  ئاساسلىق ئادەملىرى بىلەن 120 مىنۇتلىق كەسكىن ئېلىشتى،ئارقىدىنلا شەھەر بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مورىنھونىڭ نىشانى ئېنىق:ئىككىلا چېمپىيونلۇق مۇھىم،لوڭقا بولىدىكەن،ھەممىنى مەن ئالىمەن. جەريان قىيىن،لېكىن بۇ دېگەن ئۆتمىسە بولمايدىغان سىناق.
بىر خىل كىشىلەر بار،مورىنھودەك.  بىر خىل كوماندا بار چېلسىدەك.

مورىنھونىڭ چېلسىغا كەلگەن  بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ،مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئايرىلىپ،تاكى ھازىرغىچە،بىر خىل روھ چېلسىغا ھەمراھ بولدى، پۈتۈن ياۋروپانى تىترەتكەن،ئېنگىلاندقا خوجا بولغان.ئاجىزلارنى دەسسەپ،كۈچلۈكلەردىن يانمىغان،خۇددى ھېمىڭۋاي دېگەندەك،سەن ئۇنى مەغلۇب قىلالايسەن،لېكىن يىقىتالمايسەن،
بۇ خىل روھ،تىز پۈكمەس روھ ،ئېگىلمەس روھ،ئوچۇقراق ئېيتقاندا،قان بىلەن بويالغان روھ...
U370P6DT20150204101128.jpg
ئارقىمۇ-ئارقىدىن كۈچلۈكلەر بىلەن بولغان ئۇرۇش،بىرلەشمە لوڭقىسىدا لىۋىرپولغا،بىرلەشمىدە شەھەرگە ئۇچىرىشىش. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە،ئىۋان خۇددى بۇرۇنقىدەك كاللا توپ بىلەن رەقىبىنى بوغۇزلىدى.،لېكىن ئۇ يارلاندى ھەم قان بىلەن بويالغان،چېلسىنىڭ ياشلار تەربىلەش بازسىغا ئەكىلىپ كۆرگەزمە قىلىشقا ئەرزىگۈدەك بىر پۇتبول ئايىقىنى پەيدا قىلدى.ئارقىدىنلا شەھەر بىلەن چۈشكەندە،سىلۋا ئۇرغان توپنىڭ يۆلىنىشى ئۆزگەرمىگەن بولسا،ئىۋاننىڭ بۇ توپنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.لېكىن بۇنداق ئەھۋالدا 1:1 دېگەن نەتىجىمۇ ياخشى نەتىجە،كېيىنكى 15 ئايلانما مۇسابىقىدە 5 نومۇر ئالدىدا كېتىۋاتقان چېلسىنىڭ ئارسېنالدىن باشقا مېھمان بولۇپ بارىدىغان تۈزۈكرەك رەقىبى يوق.  چېلسى بۇ قېتىم چېمپىيونغا خاس ئىش قىلدى.  
چېلسىدا 1-نومۇر،8-نومۇر،11-نومۇر،26-نومۇرنى كەيگەن تۆھپىكارلار مورىنھونىڭ چېلسىنى يېتەكلەپ،زەردارغا ئايلىنىش يولىدىكى قەھرىمانلار،ئۇلار بىرلىكتە چېلسىنىڭ رىۋايىتىنى،چېلسىنىڭ شان-شەرىپىنى تىكلىگەن. چېلسىنى زەردارغا ئايلاندۇرغان. ئىۋان 2008-يىلى 7-ئايدا،گۇاڭجۇدا،گۇاڭجۇ دورىگەرلىك كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 2-نومۇرنى كىيىپ مەيدانغا چىققان،بۇ ئۇنىڭ چېلسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى. ئۇ چاغدا ئىۋاننىڭ چېلسىغا كەلگىنىگە يېرىم يىل بولغان،لېكىن ھېچقانداق پۇرسەتكە ئېرىشمىگەن.ھەممەيلەن ئۇنى چېلسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ،سېتىلىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغان،ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىۋان لىۋىرپولنى،ناپولىنى ئاخىرقى مىنۇتتا شاللىۋەتتى،ئىتتىپاق لوڭقىسدا بېنفېيكانى بوغۇزلىدى. ئۇ مورىنھو يوق يىللار ئىدى. لېكىن ئىۋاندىكى بۇ خىل تىز پۈكمەس،قەيسەر روھ،مورىنھو چېلسىغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەشۇ تىز پۈكمەس روھ شۇ ئىدى. مورىنھو يوق ۋاقىتتا،تېرنېر مەيلى كىم بولسۇن،توپچىلار كىم بولسۇن،چېلسىلىقلارغا ئۇدۇم بولغان،ۋارىسلىق قىلغان بۇ روھ،دەل مورىنھو قالدۇرغان تىز پۈكمەس روھ،مورىنھو سىڭدۈرگەن روھ..
مورىنھو كەلگەندىن بۇيان ، ئىۋان داۋاملىق ئاساسلىق سەپتىن چۈشۈپ قالمىدى. ئوڭ يولدا ئۇنى ئاكتىپ بولسۇن دەپ، چېلسى پات-پاتلا352 سەپ شەكلى ئىشلەتتى،شۇنىڭ بىلەن ئىۋان پات-پاتلا ياردەمچى پاسنى بېرىپ قويىدىغان،توپ كىرگۈزۈپ قويىدىغان بولدى،خۇددى لىۋىرپولغا ئۇرغاندەك...
7يىل،ياكى بۇ 10 يىلدا،لامپارد كوماندىدىن ئايرىلدى،چېخ ئورۇندۇق باقتى، تېررى،دېروگبالار ئەينى چاغدىكىدەك شاش بولالماي قالدى. ئىۋاننىڭ چاچلىرى شالاڭشىدى، مورىنھونىڭ چېكىسىدىكى چاچلار ئاقاردى، گەرچە مورىنھو بار بولغان چاغلار بولسۇن ياكى يوق چاغ بولسۇن، ئۇ چېلسىغا سىڭدۈرگەن ئاشۇ تىز پۈكمەس،قەيسەر،ۋاز كەچمەس ئىدىيە داۋاملاشتى.گەرچە تۆھپىكارلاردىن تېررىلا مەيداندا بولسىمۇ،لېكىن بۇ خىل روھ سۇسلاشمىدى،ئەكسىچە باشقىلارغىمۇ سىڭدى. لىۋىرپول بىلەن 120 مىنۇت كەسكىن ئېلىشقاندىن كېيىن،ئارقىدىنلا شەھەر بىلەن ئۇچىراشتى. تېررى قېرىغان بولسىمۇ ۋاز كەچمىدى،زۇما جېنىنى تىكتى،ۋىليام پۈتۈن مەيداننىڭ ھەممە يېرىدە،قەيەرگە لازىم بولسا شۇيەرگە پەيدا بولدى،خازارد پۈتۈن سەۋىيىسىنى ئىشقا سالدى.ئىۋاننىڭ يارسى قايتا قوزغالغان بولسىمۇ،يەنىلا ئويناۋەردى.
رىۋايەت،تېررى،لامپارد،دېروگبا،چېخلاردىن داۋاملىشىپ،ھازىرقى ۋىليام،ئىۋانلارغىچە يېتىپ كەلدى
.

ئاتاق ئاتىسىنىڭ ياردىمى يوق، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كۆيۈنىشى بولمىغان شارائىتتا،چېلسى پەقەت ئۆزىگىلا تاياندى.بۇ دەل مورىنھو چېلسىغا ئۆگەتكەن ھەقىقەت.
ئېنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مورىنھودىن جەرىمانە ئالغاندا،ئۇ ئاغزىنى قويىۋېتىپ قايتۇرما زەربە بەرگەن.لېكىن ھازىر ئۇ سۈكۈت بىلەن زەربە بەردى. لېكىن ھەممەيلەن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلەتتى.
مورىنھو دەۋرىدە،ئۇ يۈرەكلىك ھالدا رېپىرنى،پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنى ئەيىپلىدى، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە بولسا،قولىنى كىشەن قىلىپ تۇرۇپ، ئېتىراز بىلدۈردى، ئسىپانىيەدە بولسا ئۇ كۆپ قېتىم بارسا بىلەن تۈكۈرۈك ئۇرۇشى ئېلىپ باردى. ئەمدى ئۇ ئارزۇسى باشلانغان يەرگە قايتىپ كەلدى.ھازىر ھەممەيلەن بىلدى، قاراشتىن ئۇ نام چىقىرىشقا ئامراق،ھاكاۋۇر ئادەمدەك كۆرىنەتتى.لېكىن تېخىمۇ ياخشى ئويلانسا.ئۇ توپچىلارنى قوغداش ئۈچۈن،ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۆزىنى ئاتتى،مۇشۇ ئاخبارات ۋاستلىرى قەلىمى ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرەلەيدىغان يىللاردا،بىرلا تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن ۋاقىتلاردا مورىنھو ئۈنلۈك قىلىپ: توپچىلارغا تەگمە،نېمە ئىشىڭ بولسا ماڭا دە! دەپ ۋارقىرىدى.
ئۇ باشقىلارنى خاپا قىلىشتىن قورقمىدى،ئۆزىنىڭ باشقىلار ئالدىدا ھەر خىل ناملارغا قېلىشىدىن قورقىمدى.بۈگۈن،چېلسىنىڭ روھى تىكلەندى.مورىنھو قايتىپ كەلگەن مۇشۇ مىنۇتلاردا،چېلسى سەلتەنىتىنى يەنە تىكلىمەكچى، ئۇ ئابلاموۋىچ بىلەن ئارازلىشىپ قالغان،لېكىن ئۇ دېگەن ئۆتمۈش،ئابلاموۋىچ مورىنھوغا ئىشەندى.
U370P6DT20150204101155.jpg

مورىنھو ئائىلىسىدىلەرنى سۆيەتتى، شەھەر مەستانىللىرى تەرىپىدىن مەسخىرە قىلنغان ھېلقى پەلتوغا نىسبەتەن ئۇ مۇنداق دېدى:ئۇ پەلتونى ئايالىم بىر يىل ئىشلەپ تاپقان مائاشىغا ئېلىپ بەرگەم،شۇڭا مەن ئۇنى قەدىرلىشىم كېرەك،پەقەت بىرەرسى يۇقىرى باھادا سېتىۋالسىلا،مەن ئۇنى كىيمەيمەن.شۇ پۇلنى مەن خەير-ساخاۋەت ئورنىغا ئىئانە قىلىمەن دېگەن.
ئۇ شۇنداق دېدى ھەم شۇنداق قىلدى.
پەقەت ئىككلا ئىش مېنى چېلسىدىن كەتكۈۋېتىدۇ،بىرسى كۇلۇب مېنىڭ توختامىمنى ئۇزارتمىسا،يەنە بىرسى كۇلۇب مېنىڭدىن رازى بولماي ھەيدەۋەتسە، مېنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن چېلسىدىن ئايرىلىشىم،ئۇ مۇمكىن ئەمەس،مەن ھەرگىز چېسلىدىن ئايرىلمايمەن.
ئۇ شۇنداق دېدى،ھەم شۇنداق قىلدى.
31c130fa828ba61e894bf70b4534970a314e5964.jpg
10 يىل ئۆتۈپ،تەلۋە بۇرۇنقىدىن كۆپ ئۆزگەردى،بۇرۇنقىلار ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى
دېكو: مورىنھو مېنىڭ ھايات يولۇمنى ئۆزگەرتتى.
ئېتتو:مەن يان ھۇجۇم ئويناشنى ياخشى كۆرمەيمەن،لېكىن مەن ئۇنىڭ قول ئاستىدا ۋاراتار تۇرساممۇ مەيلى.
دىروگبا، سىنەيدىر،لامپاردلار: مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى.

بۇ قېتىم قايتىپ كېلىپ،ئۇ لامپاردنى يولغا سالدى،دېروگبانى قايتۇرۇپ ئەكەلدى. چېخنى ئورۇندۇققا مىخلىدى،ئاشلى كول بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى،ئۇ خۇددى بۇرۇنقىدەكلا كوماندا مەنپەئەتىنى شەخسى ھېسسياتتىن،باشقا نەرسىلەردىن يۇقىرى ئورۇنغا قويدى.  ئۇ فابرىگاس،كوستالارنى ئەكەلدى،تېررى،دېروگبا،ئىۋاندەك كونىلار بىلەن ۋىليام،خازاردلارنى يېتەكلەپ چېلسىنى يېڭى ھېكايىسىنى،چېلسىنىڭ سەلتەنىتىنى باشلىدى.   24 يېشىدا پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،سەككىز تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان تەرجىماندىن،دۇنياغا داڭلىق تېرنېرغا ئايلانغان بۇ ‹‹تەلۋە››،ئاشۇ گۈزەل ئارزۇسى ئۈچۈن،چېلسىلىقلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ئاتلاندى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +251 تۆھپە +11 تىللا +1 يىغىش سەۋەبى
بېرنابۇ + 100 + 10 تىرىشقىن ساقام
nuri + 1 + 1 قالتىس!
مەھمۇدىيە + 100 + 1
ئىلىم + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:15:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما مو تەلۋە ئۆزنى چىلسىغا ئاتىۋەت كەن ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:23:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنھونىڭ ئۆلمەس ئىجادىيىتى
002564a615ca1102e3e326.jpg
مادىرتتىكى ۋاقتىدا مەستانىلەرگە ھەقىقى ئۇتۇقنىڭ نىمىلىكىنى ھېس قىلدۇرغان قابىل تېرىنىر ئىدى .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:31:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما  ئىسىل  جىقىپتۇ ، فۇرگۇسىن  مانچىستىردا فۇرگۇسىن  دەۋىرنى  ياراتقان بولسا ،مورنىھو  چېلسىدا مورنىھو  دەۋىرنى  ياراتماقچى  ،ئۇ ھازىر ئالدىنقى  قەدەم  باسقۇچلىرىنى  بېسىپ  بولدى ، ئۇ بۇرۇنقىدە تېرنىردىن  ۋە باشقىلاردىن  ئاغرىنىدىغان  كۆڭلىدە  نىمە بولسا  دەۋېرىدىغان  مىچەزىنى  ئازراق ئوڭشىغاندەك  تۇردۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:33:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر  ئىككىنچى  يىلى  يەنە  بىر ئىككى يىل  تۇرۇپ  قالسا  نىمە  ئىشلار  بۇلۇپ  كېتە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:47:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىئ‍ال مادرىت ، چىلسى     قايسىسىغا بەك ماس كىلىدۇ، مەنچە ئ‍ۇزغۇنلۇقتا ئ‍ىككسنڭ تۇتشىنى بەكلام كۆرگۈم با،   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 23:55:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىشقىلىپ    خېلى  جەلىپكار  كىشى   بۇ  ……
    بەك   ھېسياتجان……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 00:00:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما  . مەن ئامراق تىرنىرنىڭ بىرسى دەل مورىنھۇ      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 00:07:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىسقۇ  كۆ  ماڭقا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 00:12:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قايىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-6 00:15:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىلھام بېرىپ نادىرلاپ قويمامسەن؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-6 00:24:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 00:26  

نوچى تېما بوپتۇ ، مورىنىئونىڭ مۇشۇنداق قەيسەر ، كەسكىنلىكىگە چېلسى كولۇبى نەقلا ماس كەلگەن ، خۇددى  مانچېستىرنىڭ فورگېسىنىدەك

مەن نادىرلاپ قوياي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-24 06:08

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش