akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 768|ئىنكاس: 54

نەشىر كۆتۈرگەندىن كىيىن ئىشلەنگەن خىزمەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۇلۇبىمىز نەشىر يۇقىرى كۆتۈرلگەندىن كىيىن ، بىر قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ ئىنكاسى بويىچە مۇنبەرگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى.
تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان ئورۇنلار :
1. تېما كۆرۈش بېتىدىكى ئەزالار ئۇچۇرى رايونى تەڭشەپ گۈزەللەشتۈرۈلدى، ئەزالارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار تەپسىلىي كۆرسىتىلدى.
2. يېڭىدىن تىزىملىتىپ كىرگەن ئەزالارغا پراكتىكا ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يەنى يېڭىدىن تىزىملىتىپ تۆت سائەتقىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە يازما يوللاش چەكلەندى.
3.مۇنبەر باش بەت كۆرۈنمە يۈز ئۇسلۇبى قايتىدىن ئىشلەندى، بىرلەشمىلەرنىڭ يىغىندى نومۇرى ئىقتىدارى قوشۇلدى ، دوملىما مىكروبلوگ قوشۇلدى ( ئەخلەت سۆزلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جۇغلانمىسى 1000 دىن تۆۋەن بولغان ئەزالار مىكروبلوگ يوللىيالمايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان، باشقىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ ) .
4. تورداشلار ئىنكاس قىلغان ئورگىنال ساقلاش ئىقتىدارى مەن تەرەپتە ساق ئىكەن ، ئەمما ئورگىنال ساقلاش كونۇپكىسىنى بېسىپ ساقلىغاندا ‹‹  تېما ئۆچۈرۈلدى ››  دەيدىغان خاتا ئۇچۇر چىقىدىكەن، سىز ئورگىنال ساقلىغاندا بۇ خاتا ئۇچۇرغا ئېرەن قىلماڭ، ئورگىنال قىلىپ ساقلىۋالغان تېمىنى، يازمىلىرىم دىگەن يەردىن تاپالايسىز.
5. ئەزالار كىرىش كۆزنىكى قايتىدىن تەڭشەلدى، بىرلا ۋاقىتتا UID ، ئېلخەت ۋە ئەزالىق نامى بىلەن كىرگىلى بولىدۇ.
6. تەۋسىيەلىك تېمىلارنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى، تەۋسىيەلىك تېمىنى پەقەت باشقۇرغۇچىلارلا تەۋسىيە قىلىپ باش بەتكە ئەۋەتەلەيدۇ، تەۋسىيە قىلىپ ئەۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن تەۋسىيىلىك تېمىلار قاتارىدا كۆرۈنىدۇ.
-------------------------
بۇنىڭدىن كىيىن ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر:
1. ئىنكاس ھەرپ سانىغا چەك قويۇلىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا مېغىزلىق ئىنكاسلارنىڭ مەيدانىغا كىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
2.ئەزالار كىرىش كۆزنىكىگە لاتىنچە يېزىپ كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
3.قالايمىقان، مەدەنىيەتسىز سۆزلەرنى رەتلەپ سۈزۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەدەنىيەتسىز سۆزدىن بىرنى قىلغاندا سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا شۇ ئەزاغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز، مەدەنىيەتسىز سۆز سانى ئۈچكە يەتكەن ئەزانى ، سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا مۇنبەر تۈرمىسىگە قامايدىغان قىلىپ تەڭشەيمىز.
4. مىداللار سانى كۆپەيتىلىدۇ، پۇتبول چولپانلىرىنىڭ باش سۈرىتىنى ئاساس قىلغان چولپانلار مىدالى تەسىس قىلىنىدۇ.
5. مۇنبەر بېتى مۇكەممەللەشكەندىن كىيىن، كۇلۇب باش بېتىنى چوڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
6. تور تېلېۋىزىيىسى بېتى قايتىدىن ياسىلىدۇ.


يۇقارقى خىزمەتلەرنى ئەزالارنىڭ قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، تەكلىپ - پىكىرىڭىزنى ئايىماڭ...

ھۆرمەت بىلەن:
پۇتبول كۇلۇبى
2015-يىل 5-فېۋرال
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 22:47:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر  ئىشنى  ئويلۇشۇپ  باقساڭلا  بوپتىكەن  ، putbol.cnما ئادرىسنى  بېسىپ  كىرگەندە  بىۋاستە  مۇنبەرگىلا  كىرگىلى  بولدىغان  قىلىپ  تەڭشەلسە  ،مۇنبەر  باش بىتىدىكى  مۇنبەر  دىگەن  يە  سەل  چەتتە  بولغاچ  بەزى  يېڭى  ئەزالا بىلمەي  مۇنبەر  باش بىتىنى  كۇرۇپلا  جىقىپ  كېتىدىغان  ئىش  بولدىكەن  ،مىنىڭ  بىرقانچە  دوستۇم  شۇنداق بولدى  كىيىن ئۇلاغا ما ئادرىسنى  دەپ  بەردىم  ، مىسرانىم  باغداش  قاترلىق  تورلارغىمۇ  بىۋاستە مۇنبەرگىلا  كىرگىلى بولدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 19:42:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىللا سېتۋېلىش ئشلىرىنى قۇلايلىقلاشتۇرساق،نەۋاخ مەن تىللا ئالالماي يۈرۋاتقىلى. يان تېلفۇن ئارقىلىق سېتۋالىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
كۇلۇب + 10 ئوخشاش قاراش

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-6 19:54:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TORAM7 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 14:51
‹‹ئەخلەت سۆزلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جۇغلانمىسى 1000  ...

ياق ، ئۇنداق دېگەن گەپ ئەمەس....دېمەكچى بولغىنىم، بەزىبىر ئەزالىرىمىز بار، ئۇششاق نومۇردا تىزىملىتىپ كىرىپلا باشقىلار بىلەن سوقۇشقىلى تۇرىدىغان... ھەممەيلەنگە ئېچىۋەتسەك ئاشۇنداق ئەزالارغا يىشىل چىراغ يېقىپ بەرگەندەك بولۇپ قالىدىكەنمىز... شۇڭا... توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 19:44:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 19:47:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  جاپا  چېكىۋاتىسىلە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 19:56:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ !  ماۋۇ نۇسخىسى ماڭدپپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 19:57:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا يارىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 20:02:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنىڭ ئاۋۇ ئۈستىدىكى پۇتبول مۇنبىرى دىگەن جاينى چەكسە باش بەتكە قايىتمايدىكەن ماۋۇ يىڭى نەشىر.
شۇجايلىغا قاراپ باقساڭلا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 20:02:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ نەشىر نۇسخىسى بولىدىكەن ، مۇشۇنداق تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 20:13:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 19:44
توردا بار ياكى يوق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان قىلى ...

مائوس سىتىرلىكىسىنى ئەزالارنىڭ باش سۆرىتىگە تۇغۇرلىسىڭىز توردا بار يوقلىقى چىقىدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 20:17:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بىر تېمام سىز دېگەندەك ئۆچۈرۈلدى دەپ چىققان،  يازمىلىرىم دېگەن يەردىنمۇ ئۇ تېمىنى ئاچالمىغانتىم،( تېما ئۈستىدە سىزىقچى چىقىۋالىدىكەن)  نىجات ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەردى،  بۇ نەدىكى مەسىلە ؟ مۇشۇ مەسىلىنى ئۇبدانراق تەكشۈرۈپ باققان بولساڭلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 20:28:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 20:29:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 03:47

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش