elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 908|ئىنكاس: 27

مۈللىر گېرمانىيەدىكى ئەڭ قىممەت توپچىغا ئايلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
260-150204231555930.jpg


گېرمانيە ئاخبارات ۋاستىسى «رەسىم گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يۆتكىلىش بازىرى تور بېكىتى گېرمان بىرلەشمىسىدىكى توپچىلارنىڭ باھاسىنى يېڭىلىغان بولۇپ، 25 ياشلىق بايرىن مىيۇنخىن ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى مۈللىرنىڭ باھاسى 5 مىليون ئۆسۈپ، جەمئىي 55 مىليون ياۋرلۇق باھا بىلەن گېرمان بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ قىممەت توپچى بولۇپ قالغان، باھاسى ئەڭ ئۆسكىنى ۋولفۇسبۇرگدىكى ئىپادىسى ياخشى بولۇۋاتقان دىبۇراينى بولۇپ قالغان.

23 ياشلىق دىبۇراينىنىڭ باھاسى 20 مىليوندىن 28 مىليون ياۋروغا چىققان. دىبۇراينى ھازىرغىچە 6 توپ ئۇرۇپ 11 پاس بېرىشتەك سانلىق - مەلۇمات بىلەن گېرمان بىرلەشمىسىدىكى توپنىڭ كىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرىنجى توپچى بولۇپ قالغان، 2 - ئورۇندىكىسى شالىك 04 كوماندىسىكى Choupo-Moting بولۇپ 9 توپ كىرگۈزۈپ 6 پاس بەرگەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى مۈللىر 55 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن گېرمان بىرلەشمىسىدە يېڭى رىكورت ياراتقان، ھازىرغىچە 7 توپ ئۇرۇپ 7 پاس بەرگەن مۈللىر ئاخىرى دۇنيادىكى قىممەت 10 توپچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. كەينىدىكىسى گۆتزى بولۇپ باھاسى 50 مىليون ياۋرو بولغان. 23 ياشتىن تۆۋەنلەر بويىچە 3- بولغان، ئالدىدىكىلىرى بولسا 80 مىليونلۇق نېيمار، ۋە 60 مىليونلۇق خامىس رودرىزگىزدۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا بايرىن ۋارتارى نويېرنىڭ باھاسى 40 مىليوندىن 45 مىليونغا ئۆسكەن. باھاسى ئۆسۈش جەھەتتە مۈللىر بىلەن تەڭ تۇرغان، ھەمدە ئەڭ قىممەت ۋارتار بولۇپ قالغان.

شالىك04 مۇداپىئەچىسى ناستاسىچ باھاسى بەك چۈشۈپ كەتكەن توپچى بولۇپ قالغان. باھاسى 21 مىليوندىن 13 مىليونغا چۈشۈپ قالغان. 31 ياشلىق رىبىرىنىڭ باھاسى 38 مىليوندىن 32 مىليونغا، 30 ياشلىق شىۋىنسىتايگىرنىڭ باھاسى 35 مىليوندىن 28 مىليونغا، 26 ياشلىق مىختارياننىڭ باھاسى 26 مىليوندىن 21 مىليونغا چۈشۈپ كەتكەن.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 01:59:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنى مۇنداق ھېس قىلدىم، توپچىلارنىڭ باھاسى ئەمەس بەلكى قىممىتى ئوخشايدۇ دېدىم ئۆزەمچە
价格 ئەمەس 价值 دېگەندەكچۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 02:01:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە موللىر ئ‍ۇ پۇلغا يارمايدۇ ئ‍ۇنىڭدىن دورتىمۇنىدتىكى ئ‍ابامىياڭ يامانراق لېۋىرپول ئ‍السا نەخ ماس كىلەتتى ئ‍اشۇ بالا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 02:01:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇددى ئىككىنچى قول ماشىنىغا باج كەسكەندە 50 مىڭ دەپ باھالىغان ماشىنا بازاردا ئۇ پۇلغا يارىمىغاندەكلا باھالاش ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 02:03:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىخى سىتىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ يۈگۈرۈپ كىرىپتىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 02:04:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك بۆرە يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 01:59
مەن بۇنى مۇنداق ھېس قىلدىم، توپچىلارنىڭ باھاسى ئەمەس ب ...

بۇ شۇنداق چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ، خۇددى مېسسى يۆتكەلمىسىمۇ 250 مىليون باھا قويىۋالغاندەك ئىش، يۆتكىلىدىغان ئىش بولسا ئىككى كۇلۇپ كېلىشسە بۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولشى ۋە ياكى يۇقرى بولىشى مۇمكىن. مۆلچەر باھا دەپ چۈشەنسەك بولارمىكى بولمىسا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 02:12:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
55 مىليۇن ، بۇ توپچىغا نىسبەتەن ئەرزان تېخى ، بۇنىڭ كۆزنى ئالىچەكمەن قىلغۇدەك ماھارەتلىرى ، ۋايىغا يەتكەن پاسلىرى بولمىسىمۇ ئەمما ئورۇن ئېلىشى ، پۇرسەت تۇتۇشلىرى قالتىس ، كىلوزنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى رىكورتىنى بۇزۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى توپچى يەنىلا مۇشۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 02:23:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشئەگىم يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 02:12
55 مىليۇن ، بۇ توپچىغا نىسبەتەن ئەرزان تېخى ، بۇنىڭ كۆزن ...

2018 بۇزىۋىتىدىغاندەكلا تۇرىدۇ 2010-يىلى شۇنداقراق بىر ئىنكاس يازغىنىم يادىمدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 02:32:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رۇبىننڭ باھاسى قانچىدۇ ؟  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 02:33:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Fifa  ئۇيۇنىدىكى  باھاسىمۇ  ئۆسۈپ كەتتى .                       W  كارتىسى   ( دۇنيا لوڭقىسى)  تېخىمۇ  قىممەت  .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 05:01:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا لوڭقىسدا نەچچە توپ ئۇرۇپ بولدى، بۇ با  لا. مىنىڭچە 2018.يىلى كوپ توپ ئۇرالمايدۇ .روسيەدە     ھاۋا سوغوق   .......ئەتتتتت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 05:18:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەڭ   خۇشۇم   يوق    توپچىنىڭ   بىرسى   مۇشۇ   موللر   بۇنڭدىن   گوتىزى   بەك   قالتىس  دەپ  ئ‍ويلايمەن   ئۆزەمچە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:26

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش