ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4937 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن نورۋىگىيەلىك ياش ماھىر مارتىن ئۆدىگار مادرىد ئۇزغۇنلۇق تىزىملىكىنىڭ ب تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمەي، بىۋاستە 25 كىشىلىك ئا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. سەۋەبى ب تىزىملىككە قائىدە بويىچە كوماندىغا كۈچ چىقارغىلى ئىككى يىل بولغان ماھىرلار كىرگۈزىلىدىكەن، ئۆدىگارد كەلگىلى ئىككى يىل بولمىغاچ بىۋاستە ئا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. ھەمدە 21-نۇمۇر بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان.
ئەگەر ئۆدىگارد ئالدىمىزدىكى ئۇزغۇنلۇق شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى بولغان رىئال مادرىد بىلەن شالىك04 نىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىپ قالسا ، ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى ئەڭ ياش ماھىر بولۇپ قالىدىكەن. ھازىرچە بۇ رىكورتنى ساقلاپ تۇرغۇچى نىگىريەلىك بابايارو ئىكەن. ئۇ16 ياش 87 كۈنلۈك بولغاندا ئاندېرلىخىت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىپ بۇ رىكورتنى ياراتقانىكەن.
يەنە بىر خەۋەردە، شۇ يەر ۋاقتى 4-چىسلا كاستىللا بىلەن بېيىجىڭ گوئەن (ئامانلىق) بىر مەيدان بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسى ئوينىغان، نەتىجە 3-3 بولۇپ ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ قالغان. گەرچە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۆدىگارد توپ ئۇرالمىغان بولسىمۇ چىرايلىق ئىككى پاس چىقارغان. |
|