akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1172|ئىنكاس: 25

ئالۋاستىدىن يەنە بىرسى كەتتى(يۈكسەل)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۈكسەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 02:28  


خەيىر ئاندىرسون........
2-ئاينىڭ3-كۈنى بىرازىلىيە خەلىقئارا كۇلۇبى ئورگان تورىدا ئىنگىلانت مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئاندىرسوننى رەسمى قىتىۋالغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئىككى تەرەپ 4 يىللىق توختام تۈزدى.
ئاندىرسون 2007-يىلى پورتۇ كۇلۇبىدىن 18مىليۇن ياۋرۇ باھا بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسىگە قىتىلغان. ئەمما رىقابەت ئىنتايىن كۈشلۈك بولغان ئىنگىلانت بىرلەشمىسىدە ئاندىرسوننىڭ تەرەققى قىلىشى كۆرۈنەرلىك بولمىغان. فۇگىسىن پىنسىيەگە چىقىپ مويىس كەلگەندىن كىيىن ئاندىرسوننىڭ تىخىمۇ ئەتىۋارى بولمىغان. ئالدىنقى پەسىل ئۇ ئىتالىيە فىلورىنسا كۇلۇبىغا ئىجارىگە بىرىلگەن بولۇپ،ئەپسۇسلىنارلىقى ئاندىرسون ئۇ يەردىمۇ ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمىگەن. ئىجارە ۋاقتى توشۇپ قايتىپ كەلگەن ئاندىرسون،يىڭى مەشقاۋۇل ۋانجالنىڭ ھەتتا زاپاس ئەزالا تىزىملىكىگىمۇ كىرەلمىگەن. شۇ سەۋەپ قىشلىق بازاردىن پايدىلىنىپ بۇ 26ياشلىق بىرازىلىيلىك توپچى 9يىللىق ياۋرۇپا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ئەركىن توپچى سالاھىيتىدە دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى.



كوتىنىيۇ توختام ئۇزارتتى...............
ئىنگىلانت لىۋىرپول كۇلۇبى ئورگان تورىدا كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى كۇتىنىيو بىلەن 5يىللىق توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئىلان قىلدى. كۇتىنىيو 2013-يىلى ئىتالىيە ئىنتىر مىلەن كۇلۇبىدىن لىۋىرپولغا قىتىلغان،ۋە تا ھازىرغىچە بولغان بارلىق مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى قالتىس بولماقتا. بۇ22 ياشلىق  توپچى ناھايتى تىزلا كوماندىنىڭ غۇللۇق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىغا ئايلاندى. شۇ سەۋەپ كوماندا تەرەپ بۇ ياش بىرازىلىيلىك بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك توختام ئۇزارتقان. ئەمما يىللىق مائاشى ھەققىدە خەۋەر ئىلان قىلىنمىغان.


يەنە بىر پىشقەدەم ئىستىپا بەردى................
ئىنگىلانت ئايال باغچە كۇلۇبى ئورگان تورىدا باش تىرنىر رىدىنكاپنىڭ كوماندىدىن ئايرىلغانلىقىنى رەسمى ئىلان قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئايرىلىشى كوماندىنىڭ نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ،بەلكى لردىنكاپنىڭ سالامەتلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ:
مىنىڭ بۇ يەردىكى كۈنلۈرۈم ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. ئەمما تىزىمدىكى يارا مىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىمغا تەسىر قىلدى. ئاخىرى ئوپىراتسىيەنى قوبۇل قىلمىسام قەتئى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. شۇنداق بولغاندا مەن ئۇزۇن مۇددەت كوماندىنىڭ مەشىق مەيدانىغا كىلەلمەيمەن. ھەم 100پىرسەنت تولۇق ياخشى بولالىشىممۇ ناتايىن.شۇڭا ئەڭ ئاخىرى كىتىشنى قارار قىلدىم. مەن كۇلۇپ رەئىسى ۋە تىرنىرلا گۇرۇپپىسى،شۇنداقلا مىنى قوللىغان بارلىق مەستانىلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. مەن كوماندىنىڭ بۇ پەسىل دەرىجىسىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
رىدىنكاپنى بارلىق ئىنگىلانت بىرلەشمىسى مەستانىلىرى ئوبدان بىلىدۇ.ئۇ ئىلگىرى توتىنھام كۇلۇبىنى ئىنگىلانتقا تونۇتقان پىشقەدەم مەشقاۋۇل.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 04:37:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبرار يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 04:14
ھەجەپ غەلىتە ئىسمىلىك توپچىلار باردە ، ئادەمنىڭ ئاغزى  ...

باما سىلە

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +16 يىغىش سەۋەبى
ئەبرار + 16 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 02:31:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاندىرىسون ئاران تېخى 26 ياشكەندە، 3-4 يىل ئىلگىرى بۇ خېلى دىققىتىمنى تارتاتتى، كېيىن بىر قېتىملىق ئادەتتىكى يارلىنىشتىن كېيىنلا ئىپادىسى تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ كەتتى.
كۇتىنئخو ياخشى توپچى، بۇنىڭ ئىستىقبالى بار، بەلكىم كەلگۈسىدە خارزاد، نېيمارلار بىلەن تەڭ رىقابەتلىشەلىگۈدەك چولپان بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 02:38:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالۋاستىنىڭ 8-نۇمۇرىنى بېسىپ ياتقان بۇ ھە كەتكىنىمۇ ياخشى بوپتۇ ئەتىۋارلانمايلا كەلدىغۇ دەيمەن ئاساسلىق ئەزا بولمىغىلىمۇ خېلى يىللا بۇلۇپ قالدى

كوتىنھو ئىستىقبالى پارلاق بالا بۇ سىتىرلىڭ بىلەن ئىككىسىنى قولدىن چىقارسلا لىۋىرپول
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 03:21:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوتىنھو دىگەن بالا ماڭا باشقىچە كۆرۈندۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 04:00:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوتىنىيونىڭ ئىپادىسى دەسلەپ كەلگەندە ئەمەس تىخى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 04:14:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ غەلىتە ئىسمىلىك توپچىلار باردە ، ئادەمنىڭ ئاغزى كەلمەيدىغان .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 06:09:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتون ئۆسمۈر قايتىپ تۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 06:13:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇ غالجىرنى ساتقاننىڭ زېيىنىنى ئوبدان بىلىدۇق ،سېتىرلىڭ ،سىتۇرىچ ،كۇدىنىئو ،ھىندىرسىن قاتارلىقلارنى يوقاتسا ئەھۋال چاتاق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 08:54:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىل ئ‍الۋاستىنىڭ 8-نۇمۇرىنى كىم كىيدىغاندە ئ‍ەمدى،،، لىۋىرپۇلممۇ بۇيىل يازلىق بازاردا يامان ئ‍ەسقاتىدىغان ھۇجۇمچىدىن بىرنى سىتىۋالمىسا ئ‍ىشى چاتاق،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 09:36:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kunqi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 08:54
قىزىل ئ‍الۋاستىنىڭ 8-نۇمۇرىنى كىم كىيدىغاندە ئ‍ەمدى،، ...

8نۇمۇرنى ماتاكىيگلىك

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
زېرەك + 3 مىدال ئېسىۋال

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 09:42:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇتىنھو   جاقناپ  كىتىشىگە كۇزۇپ  يىتىپ  تۇردۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 23:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش