elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1810|ئىنكاس: 50

بۇلارنى كۆرۈپ ياش تۆكتۈم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ياسىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 00:23  

  تۆۋەندىكى ۋېدىئونى كۆرۈپ، تېنىم شۈركۈنۈپ كەتتى. ئىختىيارسىز كۆزلىرىممۇ نەمدەلدى.

كىچىك بالىلارغا ئۆز ئاكىسىدەك مۇئامىلە قىلىۋاتقان، ئۆز بۇرچىنى ھېس قىلالايدىغان رونالدونى كۆرۈپ، ئۇنى يوغانچى دېگەنلەرنىڭ ئاغزىغا ئۇرغۇم كەلدى.
  ئىككى پۇتى يوق بالىغا ئۈمىد ئاتا قىلغان، ئەما بالىغا چىراغ كەبى شادلىق ئاتا قىلىۋاتقان مېسسىنى كۆرۈپ، كىچىك بالىنى كۆزگە ئىلمىدى دېگۈچىلەرگە ئاچچىق كۈلدۈم.
  قوغدىغۇچىلار چىڭ تۇتۇپ، مەيداندىن يالاپ چىقىپ كېتىپ بارغان مەستانىسىنىڭ ئارقىدىن يۈگۈرۈپ، ئۇنىڭغا كىيىمىنى بېرىپ، مەستانىسىنى ئالەمچە خۇشال قىلىۋاتقان رېبىرىنى كۆرۈپ، ئۇنى مىجەزى غەيرى دېگۈچىلەرگە كايىدىم.
  دۇنيادىكى ئەڭ مەغرۇر، ئەڭ پوچى دەپ قارىلىدىغان ئىبرايىموۋىچنىڭ رونالدوغا بولغان ھەۋەس ۋە ھۆرمەت نەزەرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالدىدىكى سىپايە، مۇلايىم تۇرۇقىدىن يۇقىرىقى قاراشلارنى بىتچىت قىلدىم.
   ئۆزىنىڭمۇ بىر پۇتبولچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، چىملىقتىكى سېھرىگەر رونالدىنىيونىڭ ئايىغىچە سالدۇرۋېلىپ، ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىۋاتقان توپچىلارنى كۆرۈپ، سىلەر تولىمۇ ئاددىي، تولىمۇ سۆيۈملۈك ئىكەنسىلەر، سىلەر قەھرىماننىڭ مۇھىملىقىنى ۋە قۇدرىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدىكەنسىلەر دېدىم.
   ئافرىقىلىق كىچىككىنە بالىنى بالىسىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ، كوماندىدىكىلەر بىلەن ئاسمانغا ئېگىز ئېتىپ، پەقەت ۋە پەقەت دۇنيادىكى بىر قانچە تىرېنېر ئېرىشەلەيدىغان، بەشيۇلتۇزلۇق بىرازىلىيە كوماندىسىدىكىلەر ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ئاتتى، دېگەن كاتتا شەرەپكە ئېرىشتۈرگەن نېيمار ۋە بىرازىلىيە كوماندىسىنى كۆرۈپ بۆلەكچە ھاياجانلاندىم.

   قېرىنداشلار، بىز ئەشۇ چولپانلارنى يەنىلا چۈشەنمەيدىكەنمىز. بىز ئۇلارنىڭ توپ تېخنىكىسغىلا قاراپ، ئۇلارنىڭمۇ سۈت ئەمگەن، ھېسسىياتلىق، مېھىر - شەپقەتلىك ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى تىلسىز مۇھەببەتكە تويۇنغانلىقىنى يەنىلا چوڭقۇر ھېس قىلالمايدىكەنمىز. ئۇلارغۇ ئىرق، مىللەت، تىل ئايرىماي مېھىر - شەپقەت قىلىشتى، ئەمىسە بىز....    




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
ripir + 50 قالتىس!
سەۋدايى + 50
9مۇرادىل + 50 قايىل بولدۇم..

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 01:09:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 01:14  

ئەينى ۋاقىتلاردا رائۇل ئافرىقىدىكى ئەيدىس كېسىلى يۇقۇملانغان بالىلار لاگىرغا بېرىپ ئۇلاربىلەن ئۆزى بىۋاستە كۈرۈشۈپ بىللە توپ ئويناپ، كۆپلىگەن خەيرى-ساخاۋات ئىشلىرنى قىلىپ ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزگەن كۈرۈنۈش ھېلىھەممۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن. ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى قارا تەنلىك توپچى مۇئەنبانىڭ مۇسابىقە جەريانىدا يىقىلىپ تۇيۇقسىز تىنىغىنىڭ توختاپ قالغانلىقى ( كىيىن دوختۇرخانىغا ئاپارغاندىن كىيىن مۆجۈزۈلۈك ھالدا تىنىقى ئەسىلگەكەلگەن)  بىلەن پۈتۈن مەيداندىكى قارشى تەرەپ توپ مەستانىلىرنىڭ كۈزىدە مۇئەنبانىڭ تېزاراق ئورنىدىن تۇرۇشىغا تىلەكتاشلىق بىلدۈرۈپ كۆزيېشى قىلغان كۈرۈنۈشى ھازىرغىچە كۆزئالدىمدىن كەتمەيدۇ.
                                 
                                پۇتبول ئىنسان ئىشقىدا مەستانە پۇتبول
                                ئەجداد ئەۋلاد بارچىغا دوستانە پۇتبول
                                بارچە چولپان پەخرىدە مەردانە پۇتبول
                               ئېرقى مىللەت ئايرىماس دۇردانە پۇتبول
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 18:27:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بوپتىكەن بىرە ئىشقا تەسىرلىنىپ ياش تۆكمىگىلى  ....  
پۇتبول ھەققىقەتەن سىھرىي -كۇچكە ئىگە .
مىنىڭ نۇرغۇن پۇتبولنى ياخشى كورمەيدىغان ،مىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىززىقىشىمنى كۇلكە  چاغلايدىغان دوسلىرىمغا كورسىتىپ قويغۇم كەلدى .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 00:25:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى ئەركەكلەردە........ پۇتبولنىڭ مۇشۇ يېرى ئالاھىدە بىر خىل گۈزەل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 00:19:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك تەسىرلەندىم،،،، دۇنيا پۇتبول بىلەن گۈزەل شۇنداقلا مىھىر-مۇھەببەت بىلىن تىخىمۇ گۈزەل!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 00:19:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك تەسىرلەندىم،،،، دۇنيا پۇتبول بىلەن گۈزەل شۇنداقلا مىھىر-مۇھەببەت بىلىن تىخىمۇ گۈزەل!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 00:23:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kunqi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 00:19
مەنمۇ بەك تەسىرلەندىم،،،، دۇنيا پۇتبول بىلەن گۈزەل شۇ ...

سىز راسلا بەك تەسىرلىنىپسېز قېرىندىشىم چاقچاق ھە كۆڭلېڭىزگە ئ‍الماڭ ئ‍ىنكاسېڭىزغا كىپ قالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 00:27:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى توپچىلارغا توپ مەيدانىدىكى خارەكتىرىگە قاراپلا ئۇنىڭ ئادىمىلىكىگە باھا بىرىش راسلا ئاقىلانىلىك ئەمەسكەن. پى پى نىڭ بىر ئىش-پائالىيتىنى كۈرۈپ ئۇنىڭغا بولغان قارىشىم ئۆزگەردى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 00:28:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چولپانلىرى شۇنداق بولغاچ خەلقى پۇتبولنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ....
بىزنىڭ چولپانلارنىزە......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 00:29:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلىنەي دىسەم ، ۋئديوسى چىقمايدىيا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 00:33:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ۋىديئ‍ۇسىنى تىلفۇندا كۆرەلمىسەممۇ ، چۇشۇنۇشلۇك  بايانىڭلىدىن  كۆرگەندەك بۇلدۇم …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 00:34:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھې ھې ئىنكاسىڭلىدىكى نىمىس ھەجەپ بىر ئاستا كۆز يىشى قىلدىغان نىمىس ئىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-4 00:41:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلفۇندا ئ‍ىنكاس ئ‍ىككى قىتىم يولىنىپ كىتىپتۇ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 01:59

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش