ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4041 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-3 14:45
بۈگۈن، يەنى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبى ئورگان تور بېتى ئاۋىستىرالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ پېشقەدەم غوللۇق ئەزاسى تىم كاخىلنىڭ بىلەن نىيۇ يورك قىزىل كالا كۇلۇبى بىلەن ئوتتۇرسىدىكى توختامنى بىكار قىلىپ، شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبى بىلەن بىر يىللىق توختاملاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كاخىل 1997-يىلىدىن باشلاپ پۇتبولچىلىق كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى مىللىۋال كوماندىسى ۋە ئېۋىرتون كوماندىسىدا توپ تەپكەن. 2012-يىلى يازدا 8 يىل توپ تەپكەن ئېۋىرتون كوماندىسىدىن ئامېرىكا بىرلەشمىسىدىكى نىيۇ يورك قىزىل كالا كوماندىسىغا يۆتكەلگەن. 2004-يىلى كاخىل تۇنجى قېتىم ئاۋىستىرالىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن خەلىقئارالىق مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن بېرى ئىزچىل دۆلەت كوماندىسى تەركىبىدە كەم بولسا بولمايدىغان يادىرلۇق ئەزا سۈپىتىدە توپ تېپىپ كەلمەكتە. ئالدىنقى ھەپتە ئاياقلاشقان ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا لوڭقىسىدا كاخىل ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىغا باشلامچىلىق قىلىپ تۇنجى قېتىم ئاسىيا چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نۆۋەتلىك ئاسيا لوڭقىسىدا ئېسىل ئىپادىسى بىلەن 3 توپ كىرگۈزۈپ ئاسيا توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىن مۇھىم ئورۇن ئالدى. جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ئوينالغان شاللاش باسقۇچىدىكى مۇسابىقىدە كاخىل 2 توپ ئۇرۇپ جۇڭگو كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن. شېنخۇا كۇلۇبى ئورگان تورىنى ئاشكارلىشىچە، كاخىلنىڭ كوماندىغا قوشۇلىشى بىلەن شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبىنىڭ يېڭى پەسىلدە توپچى كىرگۈزۈش خىزمىتى شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشقان. بۇ يېڭى پەسىلدە شاڭخەي شېنخۇ كۇلۇبى 3 نەپەر چەتئەللىك توپچى قوشۇۋالغان بولۇپ، كوماندىنىڭ ئاساسىي كۈچى زور دەرىجىدە تەڭشەلگەن.
|
|