ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3731 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئارلىقتا ۋانجال بىر ئىككى مەيدان 244 سەپ شەكلىنى قوللىنىپ ، ئۈنۈمىنى خېلى كۆردى . ھەممە ئادەم مانچىستىرغا 244 ماس كېلىدىغانلىقىنى ، 3 بېك سەپ شەكلىنىڭ ئېنگلانىددا پۇت تىرەپ تۇرلامايدىغانلىقىنى ( بۇلۇپمۇ مانچىستىرنىڭ بۇ يارامسىز بېكلىرى ) بىلدى ، بىراق ۋانجال 4 بېك تۇرغۇزسام مۇسابىقە داۋامىدا " ساغرام قىچىشىپ كېتىدىكەن " دەپ گەپنى تۈگەتتى ، شۇنىڭ بىلەن مەستانىلەرنىڭ نارازىلىقى بارا بارا كۈچىيىشكە باشلىدى ...
شۇنىڭ بىلەن 3 بېكلىق سەپ شەكلى بىلەن مەيدانغا چىقىۋەردى ، يۇچۇق ئېتىلمىدى ، ئەكىسچە دىمارىيا يان يولنى ئوينىماي ۋەن پىرىس بىلەن بىللە ئوتتۇرا ھۇجۇم ئوينايدىغان بولدى ، يان كىراي ئوينىسا 50 مىليۇنغا يارايدىغان دىمارىيا ئوتتۇرا ھۇجۇم ئوينىسا 10 مىليۇنغىمۇ يارىمايدىكەن ، بىراق ۋانجال بۇنى تېخىچە ھېس قىلالمىدى ، جاھىللىق قىلىپ شۇنداق ئىشلىتىۋەردى . رونى ھۇجۇم تەشكىللەيدىغان ئوتتۇرا مەيداندىن بارا بارا مۇداپىئە قىلىدىغان ئوتتۇرا مەيدانغا ئۆزگەردى . فىلاينى ، خېرىرا ئۇرۇندۇقتا .
شۇنىڭ بىلەن مۇداپىئەدىكى يۇچۇق يېپىلماقتا يوق ، ھۇجۇم پوقلا بولدى ، 4-ئۇرۇندىكى جەنۇبى ئامپىتۇن بىلەن 5 نۇمۇردىن يۇقىرى پەرىق بار ئىدى ، ئۇلار ئېشىپ كەتتى ، لىۋېرپول بىلەن ئارسىنال قوغلاپ كېلىپ ، بۇرنىمىزغا مۇشتىنى دىۋەيلەپ تۇردى .
|
|