ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3466 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىنگىلات بىرلەشمىسى 23- ئايلانمىسىدا كۆك قوشۇن چېلسى رىمىينىڭ ئۇرغان بىر توپى بىلەن ئۇستۇنلىكنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ كىيىن سىلۋانىڭ توپ قايتۇرۋىلىشى بىلەن 1-1 نەتىجە بىلەن سىتانفۇرىت كۆۋرىگىدە ھىلال ئاي قوشۇنى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.

ئارسىنالنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى ھىنرى ئاسمان تەنتەربىيەسى نىڭ چۇشەندۇرگۇچىسى بولۇپ ، ‹‹ئىككى كۆك قوشۇن›› نىڭ مۇسابىقىسىنى چۇشەندۇرگەندە ئىپادە بىلدۇرۇپ : گەرچە چېلسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغان بولسىمۇ ئەمما تەڭلىشىشنى قولغا كەلتۇردى ،دىدى.
ھىنىرىنىڭ قارىشىچە چېلسى بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولالايدىكەن،چۇنكى چېلسىنىڭ ئىپادىسى ناچار بولغان تەقدىردىمۇ ، مورىنئۇ ئىگىركىدەكلا موسابىقىدە ئۇتتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلالايدىكەن.
ھىنرى يەنە : ئەگەر بىز مانچىستىر شەھىرى ئەزالىرىغا نۇمۇر قۇيۇپ باقىدىغان بولساق كىم بىر نۇمۇرغا ئىرشەلەيدۇ؟( بىر نۇمۇر ئەڭ يۇقىرى نۇمۇرنى كۆرسىتىدىكەن) ھىچكىم.ئۇلار ئىزچىل موسابىقىنى كونتىرۇل قىپ كەلدى، توپنى ئۆز پۇتىدا ئويناتتى، نۇرغۇنلىغان پۇرسەتنىمۇ ياراتتى، ئاخىردا غەلبىگە ئىرشەلمەي پەقەت بىر نۇمۇر ئىلىپلا قايتتى، سەۋەبى ئىنتايىن ئاددى ،چۇنكى ئۇلارنىڭ رەقىبى چېلسى ،بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئىپادىسى ناچار بولىشى مومكىن، ئەمما ئۇلار ئالدىراپ رەقىبىگە باش ئەگمەيدۇ ، بۇگۇنكى مۇسابىقىگە قارايدىغان بولساق ئۇلار كۆچلۇك رەقىپكە دۇچ كەلدى، ئاز بولمىغان ئاۋارچىلىقلارغا يولۇقتى، ئەمما ئىشەنچىسنى يوقاتمىدى، شۇنىڭ ئۇچۇن مەن ئىشىنىمەنكى چېلسى چوقۇم بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولالايدۇ .دىدى.
چېلسى تەڭلىشىپ قىلىپ كۇڭۇل يىرىم تۇرغاندا ھىنرىنىڭ ماۋۇ گەپلىرى قۇلاققا خىلى خوش ياختى.
مەنبە: 2015-02-01 11:05:16 每日邮报 |
|