akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1024|ئىنكاس: 51

سىنى سۆيگەنلەرگە سوۋغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم


  پۇتبولنى سۆيگەنلەر ئۈچۈن كىچىككىنە سوۋغا، بۇ تەسىرلىك مىنۇتلارنى بىر ئەسلەپ چىقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.





1.jpg
ئۇستاز، مەن قايتىپ كەلدىم. شېۋچىنكو ئالتۇنتوپنى ئىلىپ ئەينى يىللاردىكى ئۇستازى لوبانوۋسكىنىڭ ھەيكىلى ئالدىغا كەلدى. شۇ دەقىقىدە ئۇ سۈكۈتكە چۆمدى، لېكىن شۇ جىمجىتلىقتىن بىر "سادا"  ياڭرىدى: " رەھمەت ئۇستاز، مەن قىلالىدىم".


2.jpg
2006- يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا، بىكھام يارىلىنىش سەۋەبلىك مەيداندىن ئايرىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭغا ئېنگىلاند كوماندىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ دۇنيا لوڭقىسى سەھنىسىدە نامايان بولۇشىغا پۇرسەت يوق ئىدى. سىز بۇ "ئالتۇن چاچ" يىگىتنىڭ شۇ دەقىقىدىكى ھېسسىياتىنى ھېس قىلالامسىز؟؟؟


3.jpg
ئەگەر سەن ئەركەك بولساڭ، چىملىق مەيدانغا بېرىپ غەلىبىدىن كېيىنكى خۇشھاللىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈر؛ ئەگەر سەن ئەركەك بولساڭ، مەيلى غەلىبە قىل ياكى مەغلۇپ بول، ئۆزۈڭنى تەمكىن تۇت، ئېغىر بېسىق بول؛ لېكىن بۇ دەقىقىدە، رونالدو بۇنداق قىلالمىدى، موسكۋادىكى "جەڭ"دىن كىيىن، چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن رونالدو خۇددى كىچىك بالىلارغا ئوخشاش يىغلاپ تاشلايدۇ.  


4.jpg
ئۇنىڭ ئىسمى فرېي، داڭق چىقارمىغان توپچى، 2008- يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا، ئۇ شىۋىتسارىيە كوماندىسىنىڭ كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى، فرېينىڭ ئارزۇسى بولسا دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئارزۇسى شۇ مىنۇتلاردا ئەمەلگە ئاشتى، ئۇ دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشتى، لېكىن ئالدىنقى يىرىم مەيدان ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ئۇ يارىلاندى... شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياۋروپا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى، غايىنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويا-قويمايلا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى، بۇ بىر توپچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئازابلىق ئىش، فرېيمۇ ئۆزىنى تۈتىۋالالماي يىغلىۋەتتى. شىۋىتسارىيە توپخۇمارلىرى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ:" فرېي قەيسەر بول، سەن بىزنىڭ قەھرىمانىمىز".



5.jpg
ئېدۇئاردو- پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى. كىچىك چىغىدا ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولۇپ، ھەتتا ۋاراتا پەلىيى ئىلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيتتى. ئۇنىڭ دادىسى ئۇزاق ۋاقىت پۇل يىغقاندىن كىيىن، موتسىكلىت بىلەن ئوغلىغا پەلەي سېتىۋالىدۇ ۋە قايتىش يولىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلىدۇ...




6.jpg
جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇن، گېرمانىيەلىك ۋاراتا ئېنكې تۇرمۇش بېسىمى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ، لېكىن دۇنيا لوڭقىسىدا بولسا، گېرمانىيەنىڭ زاپاس ئەزالار سۇپىسىدىكى بىر بوش ئورۇنغا ئېنكېنىڭ 1-نومۇرلۇق كىيىمى قويۇپ قويۇلىدۇ.




7.jpg
ۋېنگېر ۋە فېرگۇسون، ئۇلار 20-ئەسىردىن تارتىپ 21-ئەسىرگىچە تىركىشىپ كەلدى، 20 يىل ئەتراپىدا ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈردى، بۇ بوۋايلار باشتىن- ئاخىر كوماندىسىنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرۈشتەك نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئۇلار گەرچە رەقىب بولسىمۇ، لېكىن بىرسى-بىرسىنى ھۆرمەتلەپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇتتۇرغاندىمۇ قەتئىي تەن بەرمىدى.





8.jpg
مۇرىنھو، گۇئاردئولا، ئون يىل بۇرۇن ئۇلار بىرلىكتە بارسلونا ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى، بىرى توپچى، يەنە بىرى بولسا تەرجىمان، ئۇلار بىرلىكتە پىكىر ئالماشتۇراتتى، بىرلىكتە بارسلونانىڭ شەرىپى ئۈچۈن كۈچ چىقىراتتى. ئون يىلدىن كىيىن، ئۇلار رەقىبگە ئايلاندى، ئايرىم ھالدا باشقا-باشقا كوماندىنى باشلاپ دۇئېلغا چۈشمەكتە.





9.jpg
بىر يىغا بىلەن نام قازىنىش، مەيدىسىدە چاۋشيەن بايرىقى، ئاغزىدا چاۋشيەننىڭ دۆلەت شېئىرى، ئۇ چاۋشيەن ئۈچۈن ياش تۆكتى، ئۇشبۇ مىنۇتلاردا ئۇ چاۋشيەننىڭ سۇنماس روھىغا ۋەكىللىك قىلدى.




10.jpg
32 ياشلىق ھىنرىي ئۆتمۈشىگە نەزەر سالدى، پۈتۈن ئەتراپتا ئۇنىڭ 23 ياشلىق سېيماسى، ئىلگىرىكى شاھزادە بۈگۈن قىرىدى، ئەمدى ئۇ يىگىتلەرگە ئوخشاش يۈگۈرەلمەيدۇ، ئۇ ئارسىنال كۇلۇب تارىخىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى، ئاشۇ يىگىتلەرنىڭ بۈگۈنى بولسا ھىنرىينىڭ تۈنۈگۈنى. تارىخ سېنى ئۇنتۇمايدۇ، سېنىڭ پۇتبول ئۈچۈن ئاققۇزغان تەرلىرىڭنى تېخىمۇ ئۇنۇتمايدۇ.




11.jpg
مانچېستېر 92-سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، سىر ئالېكىسنىڭ ئەركە بالىلىرى......



12.jpg
بۇ ۋاقىت، ئۇنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا ئەڭ يېقىن ۋاقتى؛ بۇ ۋاقىت، دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆككەن ۋاقىت؛ ئۆز ھەدىسىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، يۈز-ئابرۇيىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئاقىۋەت بىر دانە قىزىل كارتىنى ئىستېمال قىلىۋالدى، ئۇ بىر رىۋايەت، ئۇ مۇكەممەل 10-نومۇر.





13.jpg
ھەقىقىي قەھرىمان توپ ئىچىدىن قەد كۆتۈرۈپ چىقىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە ئۈن-تۈنسىز ئازابلىنىدۇ. باگگىئو، ئىتالىيەنىڭ پەخرى، كۆك رەڭ ئۇنىڭ ئۇچىسىدىلا بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ قان- قىنىغا سىڭىپ كەتكەن، ھېچكىم ئۇنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا نۇقتا توپنى كەتكۈزۈپ قويغاندىن كېيىنكى مىسكىن ھالىتىنى ئۇنتۇيالمايدۇ. باگگىئو، مىسكىن شاھزادە، سەن چىملىقتىكى ھۆكۈمران ئەمەس، لېكىن سېنىڭ سېھرى كۈچۈڭ ھۆكۈمراندىن كۈچلۈك، سەن ھۆكۈمراندىن بەكرەك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.



14.jpg
سەن بولمىغان چېمپىيونلۇقنىڭ يەنە نىمە ئەھمىيىتى بار؟






15.jpg
سىلەرگە رەھمەت، مەن چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتكىنىمدە، سىلەر مەن ئۈچۈن چۇقان سالدىڭلار...
سىنى ئۇنۇتمايمىز، مىلان شاھزادىسى












باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 50 ئۇزاق چاغلارنى ئەسلەت.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-1 14:46:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
01.jpg بۇمۇ تاشقى پىلانىت ئادىمىنىڭ  دۇنيا لوڭىقىسىدىن سۈكۈشۈپ ئۆتۈوكەتكەن ۋاقتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-1 18:27:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 11:54
تىغلىۋېتىش دېگەن قانداق تىغلىۋېتىش....


خاتا يىزىپ قويۇپتىمەن   ....  
دائىم مۇشۇنداق بولۋاتىدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-1 02:59:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-1 03:12:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ تەھىرلىككەن كۆزۈمگە ئىللىق ياشلار كەلدىيۇ ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم، نىمانچە سىھرىي كۈچكە ئىگىدۇ بۇ پۇتبۇل...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-1 03:13:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەيرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 03:12
تولىمۇ تەھىرلىككەن كۆزۈمگە ئىللىق ياشلار كەلدىيۇ ئۆزە ...

تولىمۇ تەسىرلىككەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-1 03:15:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېنگىر  بىلەن  فورگىسىننىڭ  رەسىمى  كۆزۈمگە  بىر  خىل   ئىسسىق  كۆرىندى ،  خۇددى  ئىككى  مەھەللىنىڭ  ئاقساقاللىرىدەك……
     مۇشۇ  ۋېنگىرغا  بىر   خىل  مېھرىم  با  جۇمۇ  ، ئىشقىپ   چېكىنسۇمۇ   ئارسېنالدا  چېكىنگەي……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-1 03:41:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشۇ چاۋشىيەنلىك خېلى يارايدۇ،2010 دا بىرازىلىيە  پورتۇگالىيە قاتارلىقلار بىلەن كەپ قىلىشى بىر بەخىتسىزلىكى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-1 03:43:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-1 03:59:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2008-يىلى 5.ئاينىڭ 22-كۈنى كىچىنى مەنمۇ مەڭگۇ ئۇنۇتمايمەن،شۇ ۋقىتتا مەنمۇ رونالدوغا كۆز يىشىم بىلەن ھەمرا بولغان ئىدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-1 04:01:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل چىقىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-1 04:08:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنتالمايدىغىنىم .
زىدانىنىڭ ئاشۇ كاللىسى ، ھەم ئالتۇن لوڭقا ئالدىدىن قاراپمۇ قويماي سۇلغۇن ھالدا ئۆتۆپ كەتكەن ھالىتى......
شۇ ئىشلارغا بىر  دەمدە11 يىل  بوپتۇ.....

تىمىڭىزغا  رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-1 04:11:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2015-2-1 04:08
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنتالمايدىغىنىم .
زىدانىنىڭ ئاشۇ كال ...

9يىل بوغاندۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-2-1 04:20:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئو  ماتىماتىك ماتىماتىك يەنە شۇ ماتىماتىك.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 21:42

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش