ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4041 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-31 20:20
2004-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ھىندىنوزىيەدە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتى يۈز بېرىپ 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. شۇ مەزگىلدە ھىندىنوزىيەنىڭ بەندائاچ (Banda Aceh) تا 7 ياشلىق مارتۇنىس ئىسىملىك بىر ئوغۇل بالا قىزىق نۇقتىلىق شەخىسكە ئايلانغان بولۇپ، بۇ ئوغۇل بالا دېڭىز سۈيىدە 19 كۈن ئېقىپ يۈرگەندىن كېيىن قۇتقۇزۋېلىنغان. ئۇ قۇتقۇزۋېلىنغاندا ئۇچىسىدا پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە كىيمى بار ئىدى... بۇ خەۋەر توساتتىن كىرىستىيانو رونالدوغا يېتىپ، ئۇنى ناھايتىمۇ تەسىرلەندۈرگەن ۋە ھەيران قالدۇرغان. 2005-يىلىدىكى بىر قېتىملىق مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيتىدە رونالدو قىزىل كېرىست جەمىئيتىنىڭ ساخاۋەت ئەلچىسى سۈپىتىدە ھىندىنوزىيەگە كەلگەن ۋە بۇ پۇرسەتتە مارتۇنىس ئىسىملىك بۇ تەلەيلىك مەستانىسى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. (بۇ توغۇرلۇق ‹‹كىرىستىيانو رونالدونى چۈشىنەمسىز›› دېگەن تېمامدا ئازىراق توختالغان) مانا بۇ ۋەقە يۈز بەرگىنىگىمۇ ئاللىقاچان 10 يىل بولۇپ قالدى. ئەمما رونالدو بىلەن مارتۇنىس ئوتتۇرسىدا يەنىلا قىزغىن مۇناسىۋەت ساقلىنىپ كەلمەكتە. مانا بۇ دۇنياۋى چولپان بىلەن ئادەتتىكى مەستانە ئوتتۇرسىدىكى كارتىنىلەرنىڭ بىرى خالاس.
تور ئارلاۋېتىپ رونالدونىڭ يېقىندا تېۋېتىردا ئېلان قىلغان مارتۇنىسنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى ئۇچىرتىپ قالدىم. شۇنداقلا ئەسلىمە سۈپىتىدە رونالدونىڭ 10 يىل ئىلگىرىكى ھندىنوزىيە زىيارىتى فىلىمىنى كۆپچىلىككە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.
|
|