ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 26 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مادرىدقا بارغاندا كۇلۇبنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ بىرىنجى ھىس قىلغىنىم * كىرىم* . يەنى ھەر قىتىملىق مۇسابىقىنىڭ بىلەت سىتىلىش ئەھۋالى ھەيران قارارلىق دەرىجىدە ئىكەن، بەزىلەر پەسىللىك بىلەتنى بىراقلا ساكاس قىلىدىكەن. شەخسەن مەن 2000 يۈەن خەلىق پۇلى سەرىپ قىلدىم ، مەيدان ئىچىدىكى ئوخشىمىغان ئورۇنلارنىڭ ئوخشىمىغان باھا جەدۋىلى بار ئىكىن. VIP ئورۇنلىرىنىڭ باھاسى 5000 يۈەندىن ئارتۇق ئىكەن. مەيداندا شۇكۈنى ئادەتتىكى مۇسابىقە بولسىمۇ 76000 ئەتراپىدا تاماشىبىن كىردى، بۇنچىلىك تاماشىبىندىن كىرگەن كىرىم ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە. كۇلۇبنىڭ مەيدانى ۋە مۇزىيىنى ھەر كۈنى بىلەت ئىلىپ ساياھەت قىلىۋاتقان ئادەمنىڭ جىقلىغىچۇ تىخى. مۇزىي ۋە مەيدان ئىچىدىكى سۈرەتكە چۈشۈشتەك ھەرخىل پۇل تىپىش ئۇسۇللىرىغا ھەيران قالىسىز.
مۇسابىقە كۈنى سىتىلىۋاتقان شارپا ، كىيىم-كىچەك ، ھەرخىل خاتىرە بۇيۇملار ، بولۇپمۇ رونالدونىڭ خاتىرە بۇيۇملىنىرىنىڭ سىتىلىش نىسبىتى كۆرىنەرلىك يۇقىرى ئىكەن.چۈنكى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كىلىۋاتقان ساياھەتچىلەر ئاران كەلگىنىدە چوقۇم مال سىتىۋىلىشنى ئويلايدىكەن.
رونالدونىڭ مەستانىلىرىنىڭ جىقلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئۇنىڭ مەستانىلىرى شىنجاڭدىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدە بار. مادرىد شەھىرىگە شۇنى دەپ كىلىۋاتقان مەستانىلىرى كۇلۇبنىڭ ئىقتىسادىغىلا ئەمەس پۈتۈن ئىسپانىيە ساياھىتىگە زور پايدىلىق ئىكەن ۋە رونالدونىڭ تەسىرى ئەھۋالى ئاستىدا كۇلۇب ئىلانچىلىق ئىشلىرىدىن زور قىممەت يارىتالايدىكەن.
گىپىمنىڭ خۇلاسىسى مادرىد كۇلۇبى ئۈچۈن رونالدونىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىلا ئەمەس ، مەيدان سىرتىدىكى كۇلۇب ئىقتىسادىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى چوڭ بولغاچقا،رونالدو قىرىپ قالسىمۇ ياكى ھازىرقىدەك مايماق دەسسەي بۇرۇنقىدەك شوخلىقى يوق بولسىمۇ مائاشىنى يۇقىرى بىرىپ ھە سىنىڭ راست دەپ ئىشلىتىدىكەن.
دەپ ئويلاپ ئۆزىچە : ئىلياس |
|