ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2817 |
تۆھپىسى: سەر |
|
«دۇبەي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ دېيىشىچە ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى رەئىسى سالمان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەزى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئاۋىستىرالىيىنى ئاسىيا بىرلەشمىسىدىن چىقىرىۋىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر زۆرۈر بولسا ئۇنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ يىغىن ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سالمان زىيارەتتە: بەزى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئاۋىستىرالىيىنى ئاسىيا بىرلەشمىسىدىن چىقىرىۋىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ھەم بۇ ئاۋازنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ پەقەت ئاۋاستىرالىيىنىڭ ئاسىيا بىرلەشمىسىگە قېتىلىپ ئاسىياغا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمىگىنىگىلا قارىتىلغان ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇ سادالار بولغانغىلا ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى ئۇلارنى چىقىرىۋەتمەيدۇ، ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كەلسە چوقۇم كۈنتەرتىپ بويىچە يىغىن چاقىرىپ قارار قىلىنىدۇ دېدى.
بۇ قېتىملىق ئاسىيا لوڭقىسىدىمۇ ئاۋسترالىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ كوۋەيت ۋە ئومان كوماندىلىرىنى ئۇتتى، شاللاش مۇسابىقىسى باسقۇچىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى شاللىۋەتتى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بىرسىمۇ ھەل قىلغۇچقا بارالمىدى. ئاسىيا بىرلەشمىسىگە ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ قارىشىچە ئاۋستىرالىيە ئاسىيا بىرلەشمىسىگە كىرگەندىن كېيىن ئاسىياغا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقسىگە قاتنىشىدىغان سان كۆپەيمەستىن ئەكسىچە ئەسلىدە ئاسىيا بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر قاتنىشىدىغان بىر سانمۇ ئىگەللىۋېلىندى. |
|