ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2817 |
تۆھپىسى: سەر |
|
كورىيە كوماندىسى ئارىلىقتىن 27 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئاسىيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچقا كىرگەندىن كېيىن كورېيىنىڭ ئاخبارات ۋاستىسى «شەرقىي ئاسىيا تەنتەربىيىسى» ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مۇسابىقىگە مۇكاپات تەسىس قىلمىغانلىقىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىلىرىغا ئوخشىمايدىغان بىر نۇقتا ئاسيادا چېمپىيون بولغان كوماندا ھېچقانداق ئىقتىسادىي مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ، ئەگەر ئازراق كىرىمگە ئېرىشىشنى ئويلاشقاندا چوقۇم ئاسىيا چمپىيونى بولۇپ ئاندىن دۆلەتلەر بىرلەشمە لوڭقىسىغا (联合会杯) قاتنىشىش كېرەك.
«شەرقىي ئاسىيا تەنتەربىيىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، ياۋروپا چېمپىيونىنىڭ 26 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ. لېكىن ئاسىيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك بۇ مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان كوماندا ھېچقانداق ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ.
«شەرقىي ئاسىيا تەنتەربىيىسى» نىڭ قارىشىدا باشقا خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاسىيا لوڭقىسىنىڭ نامى ۋە جەلپ قىلىش كۈچى روشەن ھالدا تۆۋەن. مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن قارىغاندىمۇ ئاسىيا لوڭقىسىنى قوللىغۇچى تەرەپلەر ۋە تارقىتىش ۋاستىلىرىنى باشقا خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. لېكىن ئاسىيا چېمپىيونى سالاھىتىدە 2017-يىلىدىكى دۆلەتلەر بىرلەشمە لوڭقىسىغا قاتناشقان كوماندا مەيدانغا چىقىش ھەققى ئۈچۈنلا 1 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشەلەيدۇ، ئەگەر چېمپىيون بوپ قالسا 4 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ.
ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقسىنىڭ ئوبرازىنى ساقلاش ئۈچۈن ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسىمۇ مۇكاپات ئىشى ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋاتىدۇ. 2011-يىلى ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى شۇ قېتىمدا چېمپىيون بولغان كوماندىغا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ لېكىن كېيىن جىمىپ كەتكەن ئىدى. |
|