ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2817 |
تۆھپىسى: سەر |
|
«رەسىملىك ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بايرېن مىيۇنخېن كۇلۇبى ئىچكى جەھەتتە رېئۇسنى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچكەن، گەرچە رېئۇسنىڭ توختام بۇزۇش ھەققى بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ لېكىن بايرېن يەنىلا ۋاز كېچىشنى تاللىغان.
بايرېن رەئىسى رومېنىگ ئىلگىرى ئوچۇق قىلىپ رېئۇس بولسا بايرېن قىزىقىدىغان توپچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق دېگەن. لېكىن «رەسملىك ژۇرنىلى» دا دېيىلگىنىدە باش تېرنىر گۇئاردىئولا ئىچكى جەھەتتە ئىپادە بىلدۈرۈپ ئۇنىڭ رېئۇسقا ھەقىقەتەن قايىل ئىكەنلىكىنى لېكىن بۇنداق توپچىغا ئېھتىياجى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بايرېن تەرەپمۇ بۇ تەرەپلەرنى ئويلىشىپ رېئۇسنى كىرگۈزۈش پىلانىنى توختاتقان.
مانچېستىر بىرلەشمىسىدە ئورنىنى يوقاتقان ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئاندېرسون مانچېستىردىن ئايرىلىپ برازىلىيىگە قايتىش ئھېتىمالى چوڭ.
برازىلىيىنىڭ خەلئارا كوماندىسى ئىلگىرىكى بۇ «ئالتۇن ئۆسمۈر» نى قېتىۋېلىش ئويى بار، ئۇلار ئاللىقاچان مانچېستىر تەرەپ ۋە ئاندېرسوننىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن سۆھبەتنى باشلىغان.
ۋانگالنىڭ سەپ شەكلىدە ئاندېرسون ھازىر ئارتۇق بىر ئادەم بوپ قالدى. مويېس دەۋرىدىمۇ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بولماي ئاخىرى ئىتالىيە فورېنسىيە كوماندىسىغا ئىجارە بېرىلگەن ئىدى.
ھازىر 26 گە كىرگەن ئاندېرسون 2007-يىلى 26 مىليون فوندستېرلىڭ باھا بىلەن مانچېستىرغا قوشۇلغان، دەسلەپتە خېلى چاقنىغان، كېيىنچە ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى تازا جارى قىلدۇرالماي كېلىۋاتىدۇ. بۇ پەسىلمۇ ئۇ پەقەت ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، ئالدىنقى قېتىم مۇسابىقىگە چىققان ۋاقتى بولسا 8-ئايدىكى بوئىنلى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە. ئاندېرسوننىڭ توختامى بۇ يىل يازدا توشىدىغان بولۇپ مانچېستىر تەرەپ توختامنى بىكار قىلىشنى ئويلاشقان، لېكىن برازىلىيە خەلقئارا كوماندىسى قېپ قالغان ئازغىنە ۋاقتى ئۈچۈن ئازراق يۆتكىلىش ھەققى تاپشۇرۇپ ئۇنى ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. |
|