ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3321 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا exaniq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-30 13:24
بۇرۇنقى پورتىگالىيە دۆلەت كوماندا ئەزاسى فىيگۇ 1-ئاينىڭ 28-كۇنى كەچتە CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ FIFA رەئىس سايلىمىغا قاتنىشىپ ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۇبرازىنى يۇقىرى كۇتۇردىغانلىقىنى بىلدۇردى.
ئۇ زىيارەت جەريانىدا مۇنداق دىدى : مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرمەن،بىراق يىقىنقى بىر قانچە يىلدىن بىرى FIFA نىڭ ئۇبرازىغا نوخسان يەتتى، ئالايلۇق ، سىز تورغا چىقىپ FIFA دەپ ئىزدىسىڭىزلا بىر مۇنچە ‹‹ رەسۋاچىلىقلارنى ›› ئۇچرىتىسىز ،مەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەممىنى ئۆزگەرتىشنى ، خەلىقئارا پۇتبولچىلار جەمىيتىنىڭ ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلەشنى ئۈمۇت قىلىمەن.
چېلسى باش تىرنىرى مورىنئۇ فىيگونىڭ رەئىس سايلىمىغا قاتنىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ :فىيگو خەلىقئارا پۇتبولچىلار جەمىيتىگە رەئىس بولسا پۇتبول ھەركىتىنى يەنە بىر بالداق تەرەققى قىلىدۇ ،ئىشىنىمەنكى كەسپى تەنھەركەتچى فىيگونىڭ كۆپ يىللىق تەجىربىسى ئارقىلىق خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كەلگۇسى تىخىمۇ پارلاق بولىدۇ، ئۇنىڭ خاراكتىرى ۋە ئىرادىسى ۋە مۇسابىقە قىزغىنلىقى خەلىقئارا پۇتبولچىلار جەمىيتىنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرى كۇتۇرۇش بىلەن بىرگە باشقاا ئىتتىپاقلار بىلەن ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۇرەلەيدۇ :دىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا جەنۇبى ئامپىتۇننىڭ باش تىرنىرىمۇ فىيگونىڭ رەئىس سايلىمىغا قاتنىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۇردى.
مەنبە : 新浪体育 |
-
|