ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2812 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 14:57 دە كونكا ئايالىنى ئېلىپ شاڭخەي پۇدوڭ ئايرودرومىغا قوندى، ئۇ بۇ قېتىم جۇڭگو بىرلەشمىسىدىكى شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى بىلەن توختاملىشىدۇ. ئىلگىرى 2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىدا توپ تەپكەن كونكا كوماندا بىلەن بىللە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە چېمپىيۇنى، ئاسىيا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيۇنى، پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى چېمپىيونى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىم يەنە جۇڭگوغا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ يۆتكىلىش سوممىسى 3 مىليون ياۋرو، مائاشى باجدىن كېيىن 8 مىليون 130 مىڭ ياۋرو بولۇپ، جۇڭگو پۇتبول ساھەسىدە يەنە بىر رېكورت ياراتتى. ئۇ 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كوماندا بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىدە 2 ھەپتىلىك مەشىقتە بولىدۇ.
شاڭخەي شېنشىن پۇتبول كۇلۇبى نورۋېگىيە بىرلەشمىدىكى مورد كوماندىسىدىن چىما ئىسىملىك توپچىنى قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بەدەن تەكشۈرۈش تۈگىگەندىن كېيىن رەسمىي توختاملىشىدۇ. 1991-يىلى تۇغۇلغان بۇ توپچى نېگىرىيە دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇپ نورۋېگىيە چېمپىيونى مورد كوماندىسىدا 4 يىل توپ تەپكەن. بوي ئېگىزلىكى 1.80 مېتىر بولۇپ 2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 146 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 50 توپ كىرگۈزگەن، 2012 ۋە 2014-يىللىرى نورۋېگىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ پەسىلدە كوماندىغا ۋاكالىتەن 39 مەيدان مۇسابىقىدە 17 توپ كىرگۈزگەن. |
|