elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1093|ئىنكاس: 32

ياش ۋاقتىدىكى ئەڭ قىممەتلەر (كۆك بۆرە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆك بۆرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-29 20:25  

تۆۋەندىكىلىرى  18 ياشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتتىكى ئەڭ قىممەت يۆتكەلگەن توپچىلار يىزىملىكى
10. رونالدو: گوللاندىيە زەردارى ئېيىنخوۋىن ئەينى ۋاقىتتا بەش يېرىم مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن كرۇسېرو كوماندىسىدىن 17 ياشلىق چولپان رونالدونى سېتىۋالغان، رونالدۇ شۇ پەسىلدە ئېيىنخۋىن ئۈچۈن 33 توپ كىرگۈزگەن. كېيىن ياخشى ئىپادىسى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
罗纳尔多.jpg


9. ماركو فۇساتتى: ئېھتىمال ئۇ بۇ تىزىملىكتىكى ئەڭ نامى چىقمىغان توپچى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مىلان 2010-يىلى 17 ياشلىق بۇ توپچىنى 6 مىليون ياۋرولۇق باھادا يۆتكەن كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ مىلان ياشلار كوماندىسى ۋە ئىتالىيە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە قاتناشقان، ھازىر پېرۇگا كوماندىسىدا ئىجارە ھالەتتە توپ تېپىۋاتىدۇ، بۇ يىل يازدا مىلان بىلەن بولغان توختامى توشىدۇ.
马尔科-福萨蒂.jpg


8. كالاس: 2010-يىلى چېلسىي 6 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن بۇ چېخلىق ياش مۇداپىئىچىنى قوشۇۋالدى. نۆۋەتتە چېلسىينىڭ سەپ شەكلىدە ئۇنىڭغا ئورۇن يوق. ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ گوللاندىيە ۋېتىس كوماندىسى، ئېنگلاند مېدلسبۇرگ كوماندىسى ۋە گېرمانىيە كلون كوماندىلىرىغا ئىجارە بېرىلگەن.
卡拉斯.jpg


7. خاۋى مارتېنىس: بېلباۋ ماھارەت كوماندىسى ئەينى چاغدا 6 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن ئوساسۇنا كوماندىسىدىن يۆتكەپ كەلگەن بولۇپ 06-07-پەسلىدە كوماندىغا ۋاكالىتەن ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتناشقان. ئۇ تېز يېتىلىپ نۇرغۇن زەردارلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ ئاخىرى بايرېن ميۇنخىن 40 مىليون ياۋرولۇق باھادا ئۇنى قوشۇۋالدى.
哈维-马丁内斯.jpg


6. رامسەي: 2008-يىلى ئارسېنال 6 مىليون 400 مىڭ ياۋرولۇق باھا بىلەن كادېف كوماندىسىدىن ۋېلىشلىق توپچى رامسەينى قوشۇۋالدى، دەسلىپىدە ئۇ نۇرغۇن يارىلىنىشلارنى باشتىن كەچۈردى، لېكىن مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆزىنىڭ ياخشى بولغان ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى ھەم ئالدىنقى پەسىلدە ئارسېنال بىلەن بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيۇنلۇقىنى ئېلىپ كوماندىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان لوڭقا ئالالماسلىقىغا خاتىمە بەردى.
拉姆塞.jpg


5. كرونىچ: 2000-يىلى مىلان 7 مىليون 500مىڭ ياۋرو خەجلەپ بوكا ياشلار كوماندىسىدىن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ ياش مۇداپىئىچىنى قوشۇۋالدى، لېكىن ئۇ داۋاملىق باشقا كوماندىلارغا ئىجارە بېرىلدى، 2004-يىلى گەرچە كوماندىدا قالغان بولسىمۇ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. ئاخىرى ئۇ ئىسپانىيىنىڭ لاكرۇنىيە كوماندىسىغا قېتىلدى ۋە ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئېنگلاند نېۋكاستىل كوماندىسىغا يۆتكەلدى.
科洛奇尼.jpg


4. ۋالكوت: 2006-يىلى 1-ئايدا ۋالكوت ئارسېنالنىڭ كىيىمىنى كىيدى شۇ چاغدىكى باھاسى 10 مىليون 400مىڭ ياۋرو ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ كىچىك يولۋاس ئارسېنال كوماندىسىنىڭ مۇھىم تەربىيىلىنىدىغان يېڭى چولپانىغا ئايلاندى، ئالدىنقى پەسىلدە تىزى ئېغىر يارىلانغان، لېكىن ھازىر مەيدانغا قايتىپ ياخشى ئىپادىسىنى كۆرسەتمەكتە.
沃尔科特.jpg


3. چامبېرلىن: 5 يىلنىڭ ئالدىدا ئارسېنال كوماندىسى 13 مىليون 800 مىڭ ياۋرو خەجلەپ 17 ياشلىق چامبېرلىن بىلەن توختاملاشتى، ئۇمۇ ۋالكوتقا ئوخشاشلا مۇھىم شەخىسكە ئايلاندى. ھازىرمۇ كوماندىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەزا ھېسابلىنىدۇ.
张伯伦.jpg


2. بېل: 2007-يىلى جەنۇبىي ئامپتون كوماندىسى تالانتلىق بىر ياشتىن ئايرىلدى، 17 ياشلىق بېل جەنۇبىي ئامپتون كوماندىسىدىن 14 مىليون 700 مىڭ ياۋرولۇق باھا بىلەن توتتېنھام رېسقا يۆتكەلدى. كەلگەندىن كېيىن ئۇ سول بېكلىق ئورنىدىن تەدرىجىي ھالدا يان ھۇجۇمغا تەرەققىي قىلىپ نام چىقىرىپ، ئاخىرى خان جەمەتى مادرېد كوماندىسىغا يۆتكەلدى.
贝尔.jpg


1. پاتو: ئىلگىرى ھەممىنىڭ كۆزىنى چاقناتقان چولپان پاتو 2007-يىلى 17 يېشىدا 22 مىليون ياۋرولۇق باھادا مىلانغا قېتىلدى ھەم يېرىم يىلغا قالمايلا مىلانغا ۋاكالىتەن رەسمىي مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى. ئۇنىڭ مىلاندىكى تارىخىنى ئاقار يۇلتۇزغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، دەسلەپتە ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان پاتو بارا بارا چېكىنىپ ئاخىرى ياش تۇرۇپلا ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىن قايتىشقا مەجبۇر بولدى.
帕托.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 20:46:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ قالتىسى يەنىلا تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدو.........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 20:22:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتوغا ئېچىنىمەندە ، ئاجايىپ ئويناتتى ، بارساغا كىرگۈزگەن ھېلىقى توپى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 20:27:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 20:28:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 20:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارا بارا چىكىنىپ دەپ قۇيۇڭ ،ئاجايىپلا تۇردا بۇ گەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 20:48:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئېۋىرتون كۇلۇبى  قارا قاپلان ئېيتونىڭ ئورنىغا پاتو سەپلىمەكچى بولىۋىتىپتۇ. ئەھۋالدىن قارغاندا پاتو يائۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قايتىپ كىلىدىئغان ئوخشايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-29 20:49:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىراس يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 20:46
بارا بارا چىكىنىپ دەپ قۇيۇڭ ،ئاجايىپلا تۇردا بۇ گەپ [s:21 ...

قايسى خىل مەنىدە چۈشەنسەك بولىدىغان توغرا كەپ قاپتۇ ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 20:51:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك بۆرە يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 20:49
قايسى خىل مەنىدە چۈشەنسەك بولىدىغان توغرا كەپ قاپتۇ ھ ...

تىمىنى ئۇقۇپ دەل شۇ جايغا كەلگەندە ئىككى قېتىم ئۇقۇۋەتتىم شۇڭا
چىكىت چۈپ قالغاندەكمۇ ياكى يېشى چوڭراق قۇشۇلغانمۇ ئالۋاستىغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-29 20:53:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىراس يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 20:51
تىمىنى ئۇقۇپ دەل شۇ جايغا كەلگەندە ئىككى قېتىم ئۇقۇۋە ...

بارا-بارا، پەللىمۇ پەللە، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى دېمەكچى، لوبەننىڭ قىزى بارا بارا ئەمەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 20:54:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 20:57:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك بۆرە يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 20:53
بارا-بارا، پەللىمۇ پەللە، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى دېمەكچى،  ...

مەنمۇ ئۇنى دىمىدىمغۇ
ئەمما ياشلا ياخشى توپچى ئىدى قايتىپ كەلسە بۇلاتتى ياۋرۇپاغا مىلانغا ئەمەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 03:32

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش